زۇلفىيە مۇھەممەد
ياسىنىدۇ ئانام،
گىرىم ئۈستەلسىز،
تىكلىمە ئەينەكسىز،
يۈز سۈيۇقلۇقى يوق…
نەملىك مېيىمۇ ھەم.
ئاقارتىش مايسىز،
ئۇپا _ ئەڭلىكسىز.
ھىلال قىلىپ سىزماس قېشىنى،
كۆپ كۆك قىلىپ قويغان ئوسمىنى.
ۋازلىن بىلەن يۇمشىتىپ،
قوي يېغى بىلەن مايلاپ،
مەڭزى قىزارغان…
كۆزلۈك ھالقىسى بىلەن،
ئىللىق تۇيغۇ بەرگەن.
تېرىلمىگەن قاشلىرى،
ئىشەنچ تولغان كۆزلىرى،
تىككىدە تۇرغان بويلىرى..
يارىشىملىق تىكىلگەن،
شىفىڭ دۇخاۋا كۆينەك،
قويۇۋالغان دەرىزىگە،
سۇنغان پۇچۇق ئەينەك…
تاراقلىغان ئاياق ئاۋازى،
بالىلارغا بىخەتەرلىك سازى…
ئاددىي، ئىسىل ياسانغان،
ئىپار ئەتىر ھېدى يوق،
خۇشبۇي مېھىر پۇرىغان.
ئانامنىڭ گۈزەللىكى،
پۈتۈن مەھەللىگە تارالغان.
گىرىم ئۈستەلسىز…
شاھانە بويۇمسىز…
گۈزەللىككە پۈركەنگەن،
سائادەتكە يۈكلەنگەن،
ئانام سىيماسى،
مۇشۇنداق ياسىنىشى….
ئوسما قويغان قاشلىرى،
يىلىم چاپقان چاچلىرى،
قوللىرىدا خىنە،
ياغلىقنى چىگىپ ئەگمە،
مىجەزى ئىسىل سۈپەت،
ئۆيگە بولۇپ يۈرەك….
ھەۋەس قىلماي ئۆزگىگە…
دىققەت بېرىپ ئەكسىگە…
تۆكۈلىدۇ گۈزەللىك،
ھەرىكىتى ھەم سۆزىدىن..
خۇش پۇراقلار تارقىلار،
يېنىك ماڭغان ئىزىدىن.
«بوياق بىلەن بويىماي،
بىلىم بىلەن زىننەتلەر..»
چۈشەندۈرۈپ دائىما،
چۈشۈرمەيتتى ئاغزىدىن….
ئانامنىڭ ياسىنىشى،
شەپەق نۇردا شولىسى،
سەھەر سايرىغان كاككۇك،
ھەشقىپىچەك ئۇۋىسى…
نامازشامدىكى گۈلدەك،
رەڭگى ئانار چېچىگى…
ئۇپا ئەڭلىكسىز،
قاش قەلەم، لەۋسۇرۇخسىز،
ياسىناتتى ئانام شۇنداق،
بەدەن ۋە روھى ساغلام…
گىرىم بويۇم يوق،
كۆزى ھەممىگە توق…
ئىچىدىمۇ، تېشىدىمۇ،
گۈزەللىك تولۇق…..
