ئۇيغۇر قىزى

https://www.youtube.com/watch?v=u6NoaWlb-Dg

  كۈندۈزئاي ھامۇت

ئايغا ئوخشاتقۇم كېلۇر يۈزىنى،
بېقىشلىرى ئىللىق بىر ئاپتاپ.
ناۋات دەيمۇ شىرىن سۆزىنى،
ئۇز ھۇلۇقلۇق خېنىم،دەي ماختاپ.

ئەۋرىشىمدەك بويىغا.
يۇغۇرۇلغان ئۇيغۇرلۇق.
ماڭغان،باسقان يېرىدە،
ھىچ تۆكۈلمەس تۇزكورلۇق.

دۈشمەن كۈچلۈك،ئۇيغۇر قىز ئاجىز،
ئەمما يادۇر قىياق قاشلىرى،
كىرپىكلىرى ئوق جايىغا تەككەن،
دوستقا كۈلكە، دۈشمەڭە نەپرەت تۆكەر لەۋلىرى.

ئۇيغۇر قىزى نازۇك ھەم مەرت،
ئىككىلەنمەي چىقار مەيدانغا.
تىلى خەنجەر،دۈشمەننى يارار،
كۆكرەك مەزمۇت دارنىڭ ئالدىدا.

ئۇيغۇر قىزى ھەمراھدۇر دائىم،
قەيسەر يىگىتنىڭ ئوڭى،سولىدا.
ئۆيدە ھەم پالۋان،قولىدا بالا،
تەڭداشسىز ۋاپادار،ئىپپەت بابىدا.

ئۇيغۇر ئانا،ئۇيغۇر قىزى ھەم،
تارقىتىدۇ ئىنسانلىقنى تەڭ.
ئۇلار سۆيەر ئەركىن دۇنيانى،
بۈگۈن مۇھتاج ھۆرلۈككىمۇ ئەڭ.

ئۇيغۇر قىزى ھەقىقىي جەڭچى،
بەزى ئۆيدە،بەزى تالادا.
بەزى قەلەم،بەزى چۆمۈچ ئاددىي قورالى،
تەربىيەسى قالار تىرەن ئەتراپىدا.

ھەر ساھەدە ئىلگىرلىسۇن ئۇيغۇر قىزلىرى،
ئۇز قوللىرى خاس ئەمەستۇر پەقەت بۆشۈككە.
بىلىم بىلەن قوراللانسا ئۇيغۇر قىزلىرى،
يېتەر كۈچى ئەركەك كەبى جاھان جۆنەشكە.

شىۋىتسىيە
2023-03-10

جاۋاب يېزىش