تۇغۇلۇش

(ئىزوتەرىك ھېكايە )
كۇراش ئۇمار ئاتاخان
      قايناق بىر كۈن ئاخىرلىشىپ، دۇنيا غەرىپ تەرەپكە ئولتۇرىۋاتقان ھەيۋەتلىك ئوت شارىنىڭ نۇرىدا بارغانچە قاندەك قىزىرىپ كېتىۋاتاتتى.
    ئانا ۋە بالا ياتقان كىسەل كارۋاتى بېشىغا ئورنۇتىلغان جىددى قۇتقۇزۇش سىگنالى يەنە چېلىندى!
     ئانا-بالا ئىككەيلەننىڭ ھاياتى بىر بىرىدىن ئايرىلالماي دىگۈدەك بىر جان، بىر تىنىق ۋە بىر نەپەس بولۇپ ئۆتكەنىدى. ئاناجان جىددى كىسەل سەۋەبىدىن دوختۇرخانىغا كۆتۈرۈلگەنىدى.
 قايناق بىر كۈن ئاخىرلىشىپ، دۇنيا غەرىپ تەرەپكە ئولتۇرىۋاتقان ھەيۋەتلىك ئوت شارىنىڭ نۇرىدا بارغانچە قاندەك قىزىرىپ كېتىۋاتاتتى.
     ئانا ۋە بالا ياتقان كىسەل كارۋات بېشىغا ئورنۇتىلغان جىددى قۇتقۇزۇش سىگنالى يەنە چېلىندى.
   دوختۇرلار بىر نەرسىنى خۇددى يۈرەكلىرى تۇيغاندەك ئوپۇر توپۇر بولۇپ كەتىشتى.
قايناق بىر كۈن ئاخىرلىشىپ، دۇنيا غەرىپ تەرەپكە ئولتۇرىۋاتقان ھەيۋەتلىك ئوت شارىنىڭ نۇرىدا بارغانچە قاندەك قىزىرىپ كېتىۋاتاتتى.
     ئانا ۋە بالا ياتقان كىسەل  كارۋاتى بېشىغا ئورنۇتىلغان جىددى قۇتقۇزۇش سىگنالى يەنە چېلىندى. مەسلىھەتلىشىۋالغساندەك ياتاققا قاراپ يۈگۈردى.
     كىسەلنىڭ ئوغلى ساپمۇ-ساق ئىدى. ئانىسىغا جىددى كىرەكلىك بولغان نەرسە كىرەكلەرنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆيىگە چىقىپ كەتكەنىدى. دوختۇرخانا بىلەن ئائىلىسىنىڭ ئارىلىقى ئانچە ئۇزاق ئەمەسىدى. پىيادە ئوخشىمىغان كوچىلار بىلەن ئايلىنىپ كەلگەچكە تەخمىنەن 30 مىنۇتلۇق، ۋەلەسىپىت بىلەن ئاستا ھەيدىگەندەمۇ تەخمىنەن 10 مىنۇتلۇق يول ئىدى. ساپمۇساق ئۆيگە كەتكەن ئوغۇلنىڭ دوختۇرخانىغا قايىتىش يولىدا بىردىنلا مىجەزى يوق بولۇشقا باشلىدى، ساغلام ئىدى، باشقا بىر ئالاھىيدە كېسىلىمۇ يوقىدى،ئانىسىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ بارغانچە پەسلەپ كېتىشى ئۇنىڭغا قاتتىق تەسىر قىلىپ كەتتى. ئۇنىڭ دۇنياسىمۇ بىردىنلا قاراڭغۇلىشىشقا باشلىدى، كوچىدىكىلەر جىددىي قۇتقۇزۇشقا خەۋەر قىلىشقانىدى.
    ئانا جان تالىشىۋاتاتتى، دوختۇرلار جىددى قۇتۇلدۇرىۋاتاتتى.
    قايناق بىر كۈن ئاخىرلىشىپ، دۇنيا غەرىپ تەرەپكە ئولتۇرىۋاتقان ھەيۋەتلىك ئوت شارىنىڭ نۇرىدا بارغانچە قاندەك قىزىرىپ كېتىۋاتاتتى.
    ئانا ۋە بالا ياتقان كىسەل كارۋات بېشىغا ئورنۇتىلغان جىددى قۇتقۇزۇش سىگنالى يەنە چېلىندى.
    بىردىنلا كورىدۇر گۈلدۈر-تاراق بولۇپ كەتتى. باشقا يەردە بوش كىسەل كارۋىتى بولمىغاچقا كەلگەن كىسەلمۇ جان تالىشىۋاتقان ئايالنىڭ يېنىغا  ئەككىلىپ ياتقۇزۇلدى. كىسەلنى بۇ ئايالنى تۈنۈگۈن دوخترخانىغا ئېلىپ كەلگەن جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسى ۋە ئوخشاش ئىسمىندىكى دوختۇرلار ئېلىپ كەلگەنىدى.
     قايناق بىر كۈن ئاخىرلىشىپ، دۇنيا غەرىپ تەرەپكە ئولتۇرىۋاتقان ھەيۋەتلىك ئوت شارىنىڭ نۇرىدا بارغانچە قاندەك قىزىرىپ كېتىۋاتاتتى.
    ئانا ۋە بالا ياتقان كىسەل  كارۋاتى بېشىغا ئورنۇتىلغان جىددى قۇتقۇزۇش سىگنالى يەنە چېلىندى!
    دوختۇرلار ئىككىگە ئايرىلىپ، بەزى ئورتاق جىھازلارنى ئىشلىتىپ ئىككى كىسەلنى قۇتقۇزۇشقا باشلىدى. جىددى قۇتقۇزۇش خېلى بىر ھازا داۋاملاشتى.
    يۈرەك ھەركىتى كۆرسەتكۈچى ئاپاراتىدا كۆرۈنىۋاتقان نۇر دولقۇنى بەزىدە تىزلىشىپ، بەزىدە ئاستىلاپ، بەزىدە دولقۇنلاپ، بەزىدە پەسىيىپ، بەزىدە ھالا تۈز سىزىق ھالىتىدە ئوڭ تەرەپكە ئېقىپ تۇراتتى.
     بىردىنلا سىگىنال ئاجىزلاپ قېرىغان ئايالنىڭ يۈرىكى سېلىشتىن توختاپ قالدى.
قايناق بىر كۈن ئاخىرلىشىپ، دۇنيا غەرىپ تەرەپكە ئولتۇرىۋاتقان ھەيۋەتلىك ئوت شارىنىڭ نۇرىدا بارغانچە قاندەك قىزىرىپ كېتىۋاتاتتى.
     ئانا ۋە بالا ياتقان كىسەل كارۋات بېشىغا ئورنۇتىلغان جىددى قۇتقۇزۇش سىگنالى يەنە چېلىندى!
    ھەر ئىككى كىسەلنىڭ ئەھۋالى كىرىتىك ھالەتكە چۈشۈپ قالغانىدى. دوختۇرلار سۈننى نەپەسلەندۈرۈشكە باشلىدى، يۈرەك سوقۇشى يەنە ئەسلىگە كېلىپ ئايال پاللىدە كۆزىنى ئېچىپ يان تەرەپتىكى كارۋاتقا قارىدى. جىددى داۋالاش ئۈستىدىكى ئادەمممۇ مەسلىھەتلىشىۋالغساندەك بوينىنى سول تەرەپكە بۇراپ، يۈرەك سوقۇشى ئەسلىگە كەلگەن ئايالغا قارىغانىدى.
    قايناق بىر كۈن ئاخىرلىشىپ، دۇنيا غەرىپ تەرەپكە  ئولتۇرىۋاتقان ھەيۋەتلىك ئوت شارىنىڭ نۇرىدا بارغانچە قاندەك قىزىرىپ كېتىۋاتاتتى.
    ئانا ۋە بالا ياتقان كىسەل كارۋاتى بېشىغا ئورنۇتىلغان جىددى قۇتقۇزۇش سىگنالى يەنە چېلىندى
    كۆزلەر جىددى داۋالاش ئېلىپ بېرىۋاتقان دوختۇر ۋە سىستىرالار ئارىسىدىن بىر-بىرىنى ئاخىرقى قېتىم كۆرۈۋالغانىدى. ھەر ئىككى كۆزدىن تەڭلا بىر تامچىدىن ياش سىرغىپ چۈشكەنىدى.
    ئاۋال ياشلانغان ئايال ئاندىن تازا قورامىغا يەتكەن يىگىت باشقا دۇنياغا سەپەر قىلدى.
ئەسلىدە ئۆلگەن ياشلانغان ئايال، ئارقىدىنلا جان ئۈزگەن قۇرامىغا يەتكەن كىشىنىڭ ھەقىقى ئانىسى ئەمەس ئىدى.
   ئايالنىڭ شەھەردە يامان نامى پۇر كەتكەن ئۆيلەنمەي تۇرۇپ پەرزەنت كۆرگەن بۇزۇق خوتۇن ئىدى.
    ئانا ئۆيلەنمەي تۇرۇپ ئوغلىغا قانداق ئېغىرقات بولۇپ قالغانلىغىنى، ئوغال دادىسى يوق تۇرۇپ ئۆزىنىڭ قانداقسىگە تۇغۇلۇپ قالغانلىغىنى  ئۆزلىرىگە بىگىزدەك تىكىلىلپ تۇرغان مىليون كىشىگە چۈشەندۈرەلمەي ئالەمدىن ئۆتتى.
    قايناق بىر كۈن ئاخىرلىشىپ، دۇنيا غەرىپ تەرەپكە ئولتۇرىۋاتقان ھەيۋەتلىك ئوت شارىنىڭ نۇرىدا بارغانچە قاندەك قىزىرىپ كېتىۋاتاتتى.
    ئانا ۋە بالانىڭ ياتقان كىسەل كارۋاتى بېشىغا ئورنۇتىلغان جىددى قۇتقۇزۇش سىگنالى يەنە چېلىندى!
    ھەر ئىككى كىسەلنىڭ ئىگىسى بولمىغاچقا دوختۇرخانانىڭ لاباراتورسىدا ئۇزاق يىل تەجىرىبە ۋە تەتقىق قىلىنىپ، ئايالنىڭ قانداق ھامىلدار بولغانلىغىنى، ئەركەكنىڭ دادىسىز قانداق تۇغۇلغانلىغىنى، ئاخىردا ئىككەيلەننىڭ قانداق قىلىپ تۇغۇلغانلىغىنى ئىلمى پەرەز قىلىپ چىقتى.
    ئۆلگەن ئانانىڭ بەدىنى رەسمىي توي قىلمىغان قىزلارغا ئوخشايتى، ئەركەكنىڭ بەدىنى ئۆزى بىلەن تەڭ ياشتىكى ئادەملەرنىڭكىگە قەتتىيلام ئوخشىمايتى.
     ئۇزاق يىل تەكشۈرەپ تەتقىق قىلغاندىن كېيىن ئالىي دەرىجىلىك دوختۇرلار مۇنداق بىر قانائەتكە كەلدى. ئانا بىلەن ئوغۇل ئانا بالا ئەمەس، بەلكى قوشگىزەك، ئىككەيلەننىڭ ئاتا-ئانىسى بىر، بىرلا پەرقى ئىككىسىنىڭ تۇغۇلىشى ئوخشاش بولمىغان. قوشگىزەك ئەركەك قىز قېرىندىشىنىڭ رەھمىدە 20 يىل ئۇرۇق ھالىتىدە يېتىپ، 20 يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان. بۇلار 20 يىل ئىلگىرى كىيىن تۇغۇلگغان بىلەن يېشى تەڭ، گەرچە ئانا-بالا بولغان بولسىمۇ ئەمەلىيەتتە قېرىنداش، ھاياتلىق تومۇرى بىر بولغاچقا ئوخشاش كىسەل سەۋەبىدىن، ئوخشاش ۋاقىتتا بىرلىكتە جان ئۈزگەن.
    قايناق بىر كۈن ئاخىرلىشىپ، دۇنيا غەرىپ تەرەپكە ئولتۇرىۋاتقان ھەيۋەتلىك ئوت شارىنىڭ نۇرىدا بارغانچە قاندەك قىزىرىپ كېتىۋاتاتتى.
    ئانا ۋە بالا ياتقان كىسەل كارۋاتى بېشىغا ئورنۇتىلغان جىددى قۇتقۇزۇش سىگنالى يەنە چېلىندى!
    دوختۇرلارنىڭ بۇ خۇلاسىسى كۆرۈنىشتە ئەمەلىيەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغاندەك قىلمىغىنى بىلەن، رىياللىق دەل ئەشۇنداق بولغان.
    بىز بۇنىڭغا قاراپ ئىسانىڭ دادىسى بىلەن مەريەمنىڭ دادىسى ئوخشاش بىر كىشى بولىشى مۇمكىن ئىكەن،دەپ ئويلاپ قالىمىز. مەريەم ئىسانىڭ ئانىسى ئەمەس قىز قېرىندىشى، ئىسا ئانىسىدىن قىز قېرىندىشى مەريەمنىڭ قارنىدا تەۋەللۇت بولۇپ، ئۇزاق يىللاردىن كېيىن مەريەمدىن تەكرار تۇغۇلغان بولىشىمۇ مۇمكىن، دىگەن قانائەتكە كېلىمىز.
بۇنداق بولغاندا ھەر ئىككى ئەركەكنىڭ ئانىسى، ئۆزىنىڭ قىز قەرىندىشى، ئانىسىنىڭ ئانىسى، ئۆزىنىڭ چوڭ ئانىسى ئەمەلىيەتتە ئۆز ئانىسى بولىشى مۇمكىن!
     قايناق بىر كۈن ئاخىرلىشىپ، دۇنيا غەرىپ تەرەپكە ئولتۇرىۋاتقان ھەيۋەتلىك ئوت شارىنىڭ نۇرىدا بارغانچە قاندەك قىزىرىپ كېتىۋاتاتتى.
    ئانا ۋە بالا ياتقان كىسەل كارۋاتى بېشىغا ئورنۇتىلغان جىددى قۇتقۇزۇش سىگنالى يەنە چېلىندى!
    مەن پەقەت پەرىشتىلەردىن ۋەھىي شەكلىدە ئاڭلىغان ئاتا-ئانا ۋە ئىلگىرى-ئاخىرى تۇغۇلغا قوشگىزەكلەر ھەققىدىكى بۇ خەۋەرنى ھېكايە شەكلىدە بايان قىلىپ قويدۇم، ئىشىنىش ياكى ئىشەنمەسلىك ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى خالاس!

جاۋاب يېزىش