مەن قۇرماقچى بولغان دۆلەت

سەرۋى ھۇسەيىن

ئۇلار دورىلارنىىڭ قېپىغا بىزچە خەتنى يازمايتى،
يازسا بىزنىڭمۇ ئادەم ئىكەنلىگىمىزنى ئېتىراپ قىلغان بولۇپ قالاتتى.
ئاپام ئوقۇمۇشلۇق ئايال ئىدى،
بىراق  ئۇلارنىڭ خېتىنى ئوقۇيالمايتى،
شۇڭا دائىم ماڭا دورسىنىڭ قېپىدىكى خەتنى ئوقۇتاتتى،
قانچە تال دورا يېيىش كېرەكلىگىنى سورايتى.
مەن بولمىسام دوختۇرغا گېپىنى ئۇقتۇرالماي قىينىلاتتى، تېرىكىپ بوغۇلاتتى.
چوقۇم ئاپام بىلەن كىرپە چاچ دوختۇرنىڭ ئوتتۇرىسدا تەرجىمان بولۇشۇم كېرەك ئىدى.
شۇچاغدا مەن ئاپام ئۈچۈن بىردۆلەت قۇرۇپ بەرمەكچى بولدۇم،
مەن قۇرماقچى بولغان دۆلەتتە ئاپامنىڭ دورسىنىڭ قېپىغا بىزچە خەت يېزىلاتتى،
بىزنىڭ دوختۇرلىرىمىز ئاپامنىڭ كېسىلىنى كۆرۈپ قويغاندا ئانا تىلىمىزدا مۇلايىم سۆزلەيتى.
مەن ئاپامغا شۇنداق دېگەندە ئاپام ئۇھ تارتقىنىچە چاچلرىمنى سىلاپ قويدى.
*
دادام ئاپتۇبۇسقا ئۆچ ئىدى،
چۈنكى ئاپتۇبۇس دادام مۇستەملىكىچى دەپ ئاتايدىغانلار بىلەن لىق تولۇپ كەتكەن ئىدى.
ئاپتۇبۇستا ئۇلار دادامنى قىستاپ ئۇيان-بۇيانغا سۈرىشەتتى، ھەتتا بەزىدە قوپاللىق بىلەن ئىتتىرىۋىتەتتى.
ئۇلار ياشانغانلار ئورنىنى دادامغا ھەرگىزمۇ بوشىتىپ بەرمەيتى.
ئۇلارنىڭ تەنلىرىدىن بىخسىپ چىققان پۇراق دادامنىڭ تېخىمۇ ئاچچىقىنى كەلتۈرەتتى.
دادامدەك  پىروفىسورلارماشىنا ئالالمايتى،
مائاشى تۇرمۇش ئۈچۈن ئاران يېتەتتى.
ئاپتۇبۇستا ئۇلارنىڭ قورشاۋىدا تۇرۇش دادامغا خورلۇق ئېلىپ كېلەتتى.
شۇ چاغدا مەن دادام ئۈچۈن بىر دۆلەت قۇرۇپ بەرمەكچى بولدۇم،
مەن قۇرماقچى بولغان دۆلەتتە دادام ئاپتۇبۇستا ئۇلار بىلەن قىستالمايتى،
چۈنكى ئۇ دۆلەتتە بىزلا بولاتتۇق، ئۇلار بولمايتى.
مەن دادامغا شۇنداق دېگەندە دادام ئاچچىق كۈلۈپ قويدى.
*
دادام يازغۇچى ئىدى.
مەدەنىيەت ئېنقىلابىدا يەتكۈچە جاپا تارتقان ئىدى.
دادامنىڭ يازغانلىرى ئەلگە يارايتى،
بىراق نەشىرىياتتىكىلەر دادامنىڭ يازغانلىرىنى نەشىر قىلىشتىن قورقاتتى.
چۈنكى دادام ئۇلارنى مەدىھلەيدىغان ئەسەر يازمايتى،
ھەر بىر قۇرىدا ھەقىقەت بار ئىدى.
نەشىرىيات ھەقىقەتنى بېسىپ چىقىرىشتىن قورقاتتى.
دادام كىيىن ئەسەرلىرىنى مەتبۇئاتقا ئەۋەتمەس بولدى،
بىراق مېنى ئوقۇتۇپ ئاڭلايدىغان بولدى.
ئەسەرنىڭ تەسىرلىك يېرىنى ئوقۇۋىتىپ يىغامنى يوشۇرۇپ ئاۋازىم بوغۇلغاندا،
ھوزۇرلىنىپ كۈلۈپ كېتىدىغان بولۇپ قالدى.
ناچار ئەسەرلەر ژورناللاردا بەك كۆپ،
بىراق دادامنىڭ نادىر ئەسەرلىرى ئۆيدە ئۇخلاپ قالدى.
ئۇلار دادامنىڭ كەينىگە ئادەم سېلىپ قويغان ئىدى،
بۇ دادامنىڭ پەرۋايىغا كەلمىگەندەك قىلاتتى،
بىراق بۇنى ئويلاش مېنى قاتتىق بىئارام قىلاتتى،
شۇ چاغدا دادام ئۈچۈن بىر دۆلەت قۇرۇپ بەرمەكچى بولدۇم،
بۇ دۆلەتتە دادامنىڭ ئەسەرلىرىنى مەتبۇئاتلار تالىشىپ باساتتى.
مەن دادامغا شۇنداق دېگەندە دادام كۆزلىرىنى مەندىن ئېلىپ قاچتى.
*
دادام خوتەنلىك بىر يىگىتنى بىزنىڭ ئۆيدە بىر ئاي تۇرغۇزۇۋالدى،
بۇ يىگىتكە ھەممىمىز ئامراق بولۇپ قالدۇق.
ئۇ ماڭا: ھېيتلىق كىيمىڭىز يارىشىپتۇ سىڭلىم،- دېگەندە ئۆز ئاكامدەك ئىللىق تۇيۇلدى،
يىگىت ئاپامغا، ئاپام يىگىتكە ئامراق بولۇپ قالدى.
چۈنكى يىگىت ئاپامغا ئېغىر ئىشلارنى قىلىشىپ بەردى.
بالىكوننىڭ ئەينىكىنى سېلىپ بەردى،
گاز تۇڭىنى 6-قەۋەتكە ئەچىقىپ بەردى.
دادام تاماقنى مەن ئوخشىتىپ ئېتىمەن دەپ ماختانغاندا،
ئاپامنىڭمۇ تامىقىنىڭ قېلىشمايدىغىننى دەپ سالدى.
ئاپامنىڭ تامىقىنىڭ تۇز-تەمىنىڭ رەھمەتلىك ئاپىسىنىڭكىگە ئەينەن ئوخشايدىلىقىنى دەپ يىغلىۋەتتى.
يىگىت ماڭا تېرىشىپ ئوقۇپ دادامنىڭ قىزىدەك بىر قىز بولۇشۇمنى تاپىلىغان ئىدى.
دادامنىڭ قەلبىدىكى مەڭگۈ ئۆچمەس بىر سىما ئىكەنلگىنىمۇ دەپ سالدى.
يىگىت كېتىپ قالغاندىن كىيىن دادام دېدى:
يىگىت مېنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئوقۇغۇچۇم ئىدى،
يىگىت تاغلار يولى بىلەن چىگرىدىن ئۆتۈپ كەتتى،
ئېسىڭلاردا بولسۇن: ھەرقانداق ئادەم ئۈچۈن بۇ يىگىت بىزنىڭ ئۆيگە ھەرگىز كەلمىدى.
شۇ چاغدا مەن بۇ يىگىت ئۈچۈن بىر دۆلەت قۇرۇپ بەرمەكچى بولدۇم،
مەن قۇرماقچى بولغان دۆلەتتە ۋىجدانلىق يىگىتلەرنى قاچقۇنغا .ئايلىنىشقا مەجبۇر قىلىدىغان رەزىللەر يوق ئىدى.
مەن شۇنداق دەپ ئۆز-ئۆزۈمگە بىلجىرلاۋاتقاندا، بۇ يىگىت بارسا كەلمەس يولدىكى نامەلۇم تەقدىرنىڭ ئەسىرى بولۇپ قالغان ئىدى.
*
ھارۋىسىغا ئۈستى-ئۈستىلەپ  يېسۋىلەك باسقان يىگىتنىڭ ھارۋىسىسنى ئۇلار قوپاللىق بىلەن تۈرتۈشتى،
يېسىۋىلەك باسقان ھارۋا قىيسىيىپ كەتتى،
رەتلىك بېسىلغان يېسىۋىلەكلەر ئۆرۈلدى، تەرەپ-تەرەپكە دومىلاپ كەتتى.
يىگىتنىڭ چىرايىنى ئازاپ ۋە ئاچچىق باستى،
بىراق يىگىت ئۈنچىقماي يېسىۋىلەكلىرىنى تەردى.
ئۇلار يېگىتكە شالىنى چېچىپ باجنى سۈيلەشتى،
بېرەلمىسە ھارۋىسىنىڭ چاقىنى  ۋە كۆكتاتلىرىنى مۇسادىرە قىلىدىغانلىقىنى ئېيىتتى.
ئۇلاركۆزىنى چىمچىقلاتماي تۇرۇپ شۇنداق رەزىللىك قىلالايتى،
يىگىتنىڭ ھايات يولىنى ئۈزەلەيتى.
ماشىنىسىنىڭ كوزۇپىدىكى ھەر خىل چاقلار بۇنىڭ گۇۋاھچىىسى ئىدى.
يىگىت يانچۇقىدىكى پۈرلەشكەن كويلارنى، موچەنلەرنى تىترىگەن قولى بىلەن ساناشقا باشلىدى.
مەن شۇ چاغدا بۇ يىگىت ئۈچۈن بىر دۆلەت قۇرۇپ بەرمەكچى بولدۇم،
مەن قۇرماقچى بولغان دۆلەتتە بۇنداق يىگىتلەر ھارۋىسنىڭ چاقىدىن غەم يېمەيتى.
مەن شۇنداق دەۋاتقاندا غەزەپتىن مۇشتۇمۇمنىڭ تۈگۈلگەنلىگىنى ھىس قىلدىم.
*
ئۇلار خوشنا ياتاقنى تېنتىشتى، جاينامازلارنى تېپىۋىلىشتى.
خوشنا ياتاقتىكى قىزلار كارىدۇرنىڭ تېمىغا ھالسىز يۆلىنىپ تۇراتتى.
قورقۇشقىنىدىن قېتىپ قالغان ھەيكەلدەكلا كۆرۈنەتتى.
خوشنا ياتاقتىكى تۆت قىزنى رادىكال ئىدىيەلىك دەپ ئوقۇشتىن ھەيدەشتى.
ئۇلارنىڭ گۇناھى ياغلىق چىگىپ، ئۇزۇن يوپكا كىيىش ئىدى.
مەكتەپتە ئۇلاردىن ئۈگەنمەسلىك توغرۇلۇق جىددى يىغىن چاقىرىلدى.
شۇ كۈنى ئۇلار چامادانلىرىنى سۆرەپ مەكتەپ دەرۋازىسىدىن مەڭگۈلۈك چىقىپ كەتتى،
ئۇلارنىڭ دوستلىرى ئۇلارنى ئۇزىتىپ قويۇشقا جۈرئەت قىلالمىدى،
قىزلار ئۇلارغا غەمكىن قاراپ قويۇپ سۆزسىز خوشلاشقان ئىدى.
مەن شۇ چاغدا بۇ قىزلار ئۈچۈن بىر دۆلەت قۇرۇپ بەرمەكچى بولدۇم،
مەن قۇرماقچى بولغان دۆلەتتە  ئىتىقادلىق  قىزلار مەكتىپىدە خاتىرجەم ئوقۇيالايتى.
مەن شۇنداق دەۋاتقاندا، قەلبىمنىڭ ياراتقۇچىدىن ياردەم تېلەۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدىم.
*
ئۇلار ئەشۇ ئاخشىمى ئات بەيگىسى مەيدانىدا دوستۇمنىڭ كۆز ئالدىدا ئاكىسىنى ئېتىۋەتتى.
چۈنكى ئات بەيگىسى مەيدانىدىكى يىگىتلەر نامايىش ئاممىسى ئىدى.
دوستۇم روھى كېسەل بولۇپ قالدى، تامغا قاراپلا ئولتۇراتتى،
ئۇلار دوستۇمنىڭ ئۆيىدىكىلەرگە تەربىيۋى خىزمەت ئىشلىگىلى كەلدى،
ئاندىن دوستۇمنى پىسخىك داۋالاش بۆلۈمىدە ھەقسىز داۋالاشقا باشلىدى.
مېنىڭ كۆزلىرىم بۇ بۆلۈمدىكى دوستۇمغا ئوخشاش قىزلارنى كۆرۈپ قالدى،
ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاش-تاماقتىن قالغان ئىدى، ھىچكىمگە قارىمايتى، سۆزلىمەيتى.
ئەتىگەندىن-كەچكىچە تورۇسقا قاراپ ياتاتتى.
ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئائىلىسىدىكى ئەرلەردىن دادىسىدىن، ئاكىسىدىن ياكى ئىنىسىدىن شۇ كۈنى كەچتە ئايرىلىپ قالغانلار ئىدى.،
قۇلاقلىرىنىڭ تۈۋىدە ئاپتۇمات ئاۋازى، كۆز ئالدىدىن قانلىق جەسەتلەر كەتمەيتى،
بۇ قىزلارنىڭ روھىيىتى ئېغىر جاراھەتلەنگەن ئىدى، دوختۇر ئۇلارغا قاراپ بېشىنى چايقايتى.
سېستىرا قىز ئەزەلدىن بۇ بۆلۈمگە بۇنداق جىق كېسەل قوبۇل قىلىنىپ باقمىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.
ھەقسىز تارقىتىلغان تاماقلارنى قىزلارنىڭ ئاپىلىرى ياكى ئاچىلىرى ئەخلەت تۇڭىغا تاشلايتى.
مۇستەملىكىچىلەر ئۇلارغا چىرايلىق كىيملەرنى ئېلىپ كېلىپ خوشامەت قىلاتتى،
ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارغا قانداق ياخشى مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىغىنى ئېيىتىشاتتى،
يۈزلىرىدە ئۆزلىرىنىڭ يالغانچى ئىكەنلىگىنى بىلىدىغانلىقىنىڭ ئالامەتلىرى غىل-پال كۆرۈنۈپ قالاتتى.
مەن شۇ چاغدا دوستۇم ئۈچۈن بىر دۆلەت قۇرۇپ چىقماقچى بولدۇم.
بۇ دۆلەتتە دوستۇمنىڭ ئاكىسى ناھەق كۆز ئالدىدا ئېتىلىپ كەتمەيتى.
مەن شۇنداق دەۋاتقاندا، ئازاپتىن قەلبىمنىڭ چاك-چېكىدىن بۆسۈلگەنلىگىنى ھىس قىلدىم.
*
ھايات مېنى بۇ كىشىلەردىن ئايرىپ يات ئەللەرگە قامقاقتەك ئىرغىتىپ تاشلىدى،
تالاي يىللار بۇ ئارزۇدا جان كۆيۈپ ئۆتتى، باشقا قىراۋمۇ قوندى،
ياقا يۇرتلاردىكى غېرىپ ھاياتقا كۆڭۈلمۇ كۆندى.
بۇ ئارزۇنىڭ يۈزىگە تۇرمۇشنىڭ چاڭلىرى بولغۇچە  قوندى، خىرەلەشتى.
ئانا تۇپراقتا بىز خەقنىڭ كۈنى مسىلى ۋەيلۇن دوزاختەك يامانلاشتى.
دۆلەت قۇرىمەن دېگەن ئارزۇيۇڭ بار ئىدى ھە،- دەپ ۋىجدان سوراق ئەتتى.
لەۋلىرىم مېنى مەسخىرە قىلىپ كۈلۈپ قويدى.
دۆلەت قۇرىمەن دەپ تىپىرلاپ ئۆتكەن پېشقەدەم جەڭچىنىڭ مىيتىغا توپا تاشلاندى،
ئۇستازنىڭ ۋىجىك بەدىنىنى يات ئەلنىڭ تۇپرىقى قوينىغا ئالدى.
شۇ چاغدا قۇلاقلىرىم ئاڭلاپ قالدى: مۆھتىرەم ئۇستازنىڭ ئارزۇسى ۋەتەن تۇپرىقىغا كۆمۈلۈش ئىدى.
ۋەتەن ئۇستاز ئۈچۈن مەككە-مەدىنەم ئىدى،  يېرىم ئەسىردىن بۇيان بىر قېتىممۇ تاۋاپقا بارالمىدى،
مانا ئەمدى، ئارمان بىلەن كۆزلىرى ئوچۇق كەتتى، ئارزۇسىنى بىزگە مىراس ئەتتى.
مەن شۇچاغدا ئۇستاز ئۈچۈن بىر دۆلەت  قۇرۇپ بەرمەكچى بولدۇم،
مەن قۇرماقچى بولغان دۆلەتتە ئۇستازدەك ئىنسانلارنى ئۆزى سۆيگەن ئانا تۇپراق قوينىغا ئالالايتى…
مەن شۇنداق دەۋاتقاندا، خورلۇق، نومۇس ۋە قەتئىيەت قەلبىمدە مىسلىسىز دەرىجىدە غەليان كۆتۈرۈپ، گۈلدۈرمامىدەك نەرە تارتىشقا باشلىدى.

2020-يىلى، 10-ئاپىرىل، ئامېرىكا

جاۋاب يېزىش