مەن ئەتكەنچاي

ئايگۈل ئالىم (تامچە)

مەن قەھۋە ئەمەس
سەھەر تۇرۇپ، روھىڭنى باشلانغۇچ ھايات ئۈچۈن مۇزىكىغا تەڭكەش ئۇسسۇلغا سالغۇچى.

مەن قەھۋە ئەمەس،
چوقۇم قىرتاق بولغۇنۇم ئۈچۈن، شىكەر قوشۇلغان ئارلاشما بولغۇچى.

مەن قەھۋە ئەمەس، ئانىغا تەشنا بالىنىڭ نىسىۋىسىنى كىسىۋىتىش رولىنى ئۆتىگۈچى.

مەن قەھۋە ئەمەس، ئۆز ئالدىغا يالغۇز پەيدا بولغۇچى.

مەن قەھۋە ئەمەس،
ماڭا تەۋە تىنىم ئارامى ئۇيقۇغا چاڭ سالغۇچى.

مەن ئەتكەن چاي!

مەن ئەتكەنچاي، سەھەر روھىمدىكى ئارمانلارنى كۆككە تۇتاشتۇرغۇچى تۇرخۇنلاردىن خەۋەر ئەۋەتكۈچى.

مەن ئەتكەن چاي،
تەمنى تەبىيلىكتىن بەرگۈچى، ھەمراھىنى يېشىللىقتىن تاللىغۇچى.

مەن ئەتكەنچاي،
بېشىمغا ئاپپاق رۇمال ئارتىپ، سەجدىگە باش قويغۇچى.
مەن ئەتكەنچاي
قۇمغا سىڭگەن سۇ كەبى، تەكلىماكانلىقلارنىڭ ھۈجەيرىلىرىگە تولۇق سىڭگۈچى.

2023-يىلى 23-ئىيۇن، ئاۋسترالىيە

جاۋاب يېزىش