قەشقەر چۈشى

 سەرۋى ھۈسەيىن
قەشقەر ياكى كاشىغەر،
ئىپەك يولىدا دۇر-گەۋھەر،
چاقناپتىكەن قاماشتۇرۇپ كۆزلەرنى،
تاڭدىكى چولپان كەبى،
كوھىنۇرنىڭ ئالمىسىدەك.
بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا،
يىراق قەدىم زاماندا،
كەتكىنى كەتكەن،
يۈتكىنى يۈتكەن،
ئۆلگىنى ئۆلگەن،
بولغان زاماندا.
تۇپراقلىرىنى ئالقانغا ئالساڭ،
جىمىرلايدىكەن ئالتۇنۇ-زەر،
سۈيىن ئىچكەنلەر دېگەنكەن كەۋسەر،
بۇلبۇللىرى ناۋالىق، قاقىدىكەن پەر،
چىقىپتىكەن قاراخانلاردەك،
خانلار، شاھلار ھەر، ھەر.
ئوردۇكەنت دېسە، كاشىغەر دېسە،
ھەركىم دەر:
ئاجايىپ شەھەر!
سەمەرقەنت، بۇخارا، باغداد،
كابۇل، خارەزىم ھەم ھىرات،
قەشقەر دېسە تۇرار قول باغلاپ،
شەھەرلەرنىڭ شەھەرى سەن دەپ،
شاھلارنىڭ شاھىنىڭ ماكانىسەن دەپ،
ئەھلى ئالىمنىڭ بوستانىسەن دەپ،
شەرقنىڭ چوغدەك يالجىغان يۈرىگىسەن دەپ.
سودېگەرلىرىنىڭ ھەميىنى،
باغدادنىڭ، كابۇل، كەشمىرنىڭ،
فەرغانە، سەمەرقەنتنىڭ،
لىقلانغان ئالتۇن تەڭگىگە،
دەل مۇشۇ يەردە،
ئەزىزانە يۇرت- گۈزەل قەشقەردە.
قەشقەر چۈشىنى كۆرگەن نەچچە رەت،
شۇڭا قەشقەرگە قايتقان داۋامەت،
دېگەن بۇ شەھەر ئەجەپ ئالامەت،
مىھرى ئۆزگىچە، سىھرى ئۆزگىچە،
بىرلا كەلدىڭمۇ، ئۇنۇتالمايسەن.
مەڭگۈگە پەقەت.
چۈنكى بۇ شەھەر- قەشقەردۇر قەشقەر.
-قېنى ئۇ قەشقەر؟
قېنى ئۇ شەھەر؟
يۈتۈپ كېتىپتۇ،
كىملەرنىڭ شۇم خالتىسىغا،
چۈشۈپ كېتىپتۇ.
ھەئە!
ئىپەك يولىنى جىن باستى،
قەشقەرنى قارا باستى.
ھېيىتگاھنى
جانان كوچىسنى، خام بازىرىنى،
ئەۋرىشىمكارنى، ئۆستەڭ بويىنى،
نور بېشىنى،
پالاكەت باستى.
ئوردا ئالدىنى،
يۇمىلاق شەھەرنى،
چىنە باغنى،
كوزىچى ياربېشىنى،
قۇم باستى.
يارباغدىكى ئوسمىچى قىزنىڭ،
لەڭپۇچى يىگىتنىڭ،
سامسىپەز قىراننىڭ،
چۈشلىرىنى قارا باستى.
قەشقەرلىكنىڭ قوي كۆزلىرىنى،
سەل باستى، قىيان باستى،
سەمەننىڭ يىگىتلىرىنى،
زىنداندا ئۆلۈم باستى.
يىغلىمىدى سەمەرقەنت، بۇخارا، باغداد،
قەشقەر ئۈچۈن،
يىغلىمىدى كابۇل ھەم كەشمىر،
يىغلىمىدى ھىرات، خارەزىم،
تىترىمىدى ھىچكىم،
شەھەرلەرنىڭ شەھرىگە.
قالدى ئاھ، قەشقەر،
ناتىۋان يىتىم.
دېگۈدەك ھەممىسى:
ئۇنتۇپ كېتەيلى قەشقەر چۈشىنى.
راۋاپچى ھافىزنىڭ قەشقەر رىۋايىتىنى.
ئالتۇنغا لىققىدە توشقان،
تىرە ھەمياننى،
ھەممىنى،
ئۇنتۇپ كېتەيلى،
قەشقەردە يىگەن تۇزنىڭ ھەققىنى.
چېقىلدى قەشقەر، يىقىلدى قەشقەر،
خورلاندى قەشقەر،
قېلىچتىن ئۆتتى،
بوزلىدى قەشقەر،
ئاھ، سەكراتتا قەشقەر….
كەتكىنى كەتكەن، قالغىنى قالغان،
ئەتكىنى ئەتكەن، تارتقىنى تارتقان.
ئۆرگەلگەن پەلەك، چۆرگەلگەن پەلەك،
يۈزۈڭگە توپا چاچ قەشقەر ئۈچۈن دەپ،
ياقاڭنى يىرتقىن قەشقەر ئۈچۈن دەپ.
قەشقەرگە قەشقەرچە ھازىدار كېرەك.
قەشقەرنىڭ ئۇرۇقى بارمىكىن،
قەشقەرلىك سودىگەرنىڭ خورجۇنىدا.
قول يەتمەيدىغان بۇلۇڭىدا.
يامان كۆزلەردىن ئامان قالغان،
ئەپچىلگىنە مۆكۈۋالغان.
تېرىساق ئۈنەرمىكىن قەلبىمىزگە،
بىخلارمىكىن كېلەر يىلى باھار كەلگەندە،
گۈللەمدىكىن ھۈپپىدەك،
قەشقەرنىڭ ئانارىدەك.
چۈشەمدىكىن ئاناردەك ھەر شېخىدا مىڭ قەشقەر،
ھەر قەشقەردە بارمىكىن كۈلۈپ باققان تاڭ سەھەر.
2019-يىلى، 5-ئاينىڭ 10-كۈنى

جاۋاب يېزىش