ئۇيغۇر لەغمىنى

كۈندۈزئاي ھامۇت

توپىمىزدا تارقالدى يۈز يىللىق بىر سۈرەت،
شىۋىت يىگىت تارقان ۋەتەندە.
چىنە لەغمەن ئىشتىھا تارتار،
سوئال قويار ئۇيغۇر يىگىت كۆزىدە.

سۈرەتتىكى ئۇيغۇر يىگىتى،
كەتتى بەلكى تۇپراققا كۆچۈپ.
كەتتى ئۆتۈپ دەۋردىن يەنە،
كېيىم-كېچەك قەدىم مال بولۇپ.
ئۇلۇشۇپتۇ بۈگۈنكى كۈنگە،
چىنە لەغمەن ئۇيغۇرى سۆيۈپ.

لەغمەن دېسە ئورتا ئاسىيا،
ئۇيغۇر سىما تارىتار  كۆزنەك.
چاچتەك تارتقان بىر مېتىر چۆپمۇ،
باغلىۋالار مىڭ دانە ئەركەك.

لەغمەن بىلەن تونار ئۇيغۇرنى،
ماركوپولو،گۇننار يارىڭمۇ،
لەغمەن بىلەن قېرىن تولدۇرۇپ،
كەتمەن چاپار دېھقان ئۇيغۇرمۇ.

بۈگۈن لەغمەن ھەر جايلاردا بار،
پەقەت ئاشپەز بىلىۋالغان بولسا.
ئەمما بىلمەس ئۇيغۇر لەغمىنى،
قانداق ياشار ،سۆيەر، سۆيۈلۈر؟
ئۇيغۇرىدىن ئايرىلسا،تانسا؟!

لەغمەن يەيدۇ زېرىكمەي ئۇيغۇر،
لەغمەن چۈنكى ئۇيغۇر كۈلتۇرى .
لەغمەن يەنە ئۇيغۇر سەنئىتى،
قۇۋۋەت ئالار كۆنگەن ھەر بىرى.

چىنە لەغمەن ئەسلەتتى بىزگە،
ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىمىزنى.
ئۇچرەتلەردە تىزىلغان دەملەر،
لەغمەن كۈتكەن ھەر بىر يۈرەكنى.
يەتمەي قالسا لەغمەن ئاخىرى،
(سېتىۋالغان بىرى جىدەلنى…)

ئەشكەن لەغمەن شۇنچە لەززەتلىك،
سوزغان لەغمەن مىڭ مېتىر كەبى.
ئاشچى ئۇستام چاشتەك قىلىۋېتەر،
كاللەك-كاللەك  خېمېرنى تېخى.
پىلتا ئەشكەن ئانا  قولىدا،
خېمىر ئوينار،تولغىنار تەببىئى.
پەقەت ئۇيغۇر ھاياتلا بولسا.
لەغمەن يەيدۇ مىڭ يىللار ئەينى.

دۆڭكۆۋرۈكنىڭ چىنە لەغمىنى،
ھەر يېگەننىڭ ئېسىدە قالغان.
قەشقەرىمدە چارەك لەغمىنى،
ئالماتادا ئۆرنىكى ماڭغان.
قومۇل، تۇرپان ئەشكەن لەغمىنى،
تەڭ تارالغان ئىلى،ئالتايغا،
دولقۇن ئۇرۇپ ئىلى،ئېرتىشتەك،
ئۆيدىن ئۆيگە مېھرى تارالغان.

داۋان ئاشتى ئۇيغۇر لەغمىنى،
(تۇغدى بەلكى ياپون لەغمىنى،)
قورۇمىسى،ھۇرۇچ خىللاشتى،
تىلدا ھامان ئۇيغۇر لەغمىنى،
دىلدا يەنە ئۇيغۇر سىماسى.

لەغمەن يېدىم  يەتتە دۆلەتتە،
تېتىمىدى ۋەتەندىكىدەك.
ئۆزگە بولغاچ سۈيى،تۇپرىقى،
ھوزۇر بەرمەس گويا ساختىدەك.

كەتتى خىيال لەغمەندەك ئۇزۇن،
لەغمەن سۆيگەن قالدى رىجىمدا.
ئىچىم تورقۇپ يىغلاپ تاشلىدىم،
بايانىمنى ئاڭلا بىر ئاندا!

نە لەغمەن بار تۈرمە ئىچىدە؟
قورداق،پولو،مانتا، چۆچۈرە.
ئۇيغۇر دېھقان،زىيالىيمۇ ھەم،
لەغمەن چۈشەر بەزى -بەزىدە…

سەيياھ كېزەر ئۇيغۇر بازاردا،
تارقىتىدۇ كۆرگەن ،بىلگەننى.
قۇلۇپلانغان قىڭراق،پىچاقلار،
ھىچ چەكمەسمۇ ئىنسان ئەقلىنى!؟

ئىشارىگە تويۇنغان بازار،
چارىسىز قالغان بىر گۆدەكتەك.
ئويغۇتۇشقا ئاھ قۇربى ھىچ يەتمەس،
كۆكسىدە ئۇخلىغان شەكلى ئويغاقتەك.

ئويلىيالمايمەن ئۇيغۇرسىز لەغمەننى،
قانداق چىدار ئۇيغۇر لەغمەنسىز!؟
ھۆرلۈك بولسا لەغمىنى بولۇر،
ئۇيغۇر بولماي لەغمىنى ئۆلۈر!
پىچىرلىدىم يەنە ئاستىلا:
ئۇيغۇر لەغمىنى ياشىماس ئۇيغۇرسىز!

شىۋىتسىيە ستوككھولم
2023 – 10-ئىيۇن سەھەر

ئىزاھات: بۇ بەتكە ئىشلەتكەن رەسىم 1920-يىللىرى گۇننار ھېرماننسسون تەرىپىدىن تارتىلغان.

جاۋاب يېزىش