ئارىمىزدا بار قالتىس قىزلار

كۈندۈزئاي ھامۇت

ئارىمىزدا  بار قالتىس قىزلار،
سۆيۈندۇق ئىش – ئىزلىرىدىن.
تارتقان دەرتلەر تاغلاردىن ئېغىر،
قورقماس ھەتتا دۈشمەن  قەستىدىن.

تىلغا ئالسام ئىسمىنى بىر -بىر،
قۇياش مەمنۇن ئىرادىسىدىن.
ئۇلار شاھىد — مۇقەددەس سىما،
ئايمۇ خىجىل گۈزەل سىنىدىن.

تەشەككۇرى بار پۈتۈن ئۇيغۇرنىڭ،
ۋەتەن ئوتىدا كۆيگىنىگە گۇۋاھ.
جاسارەتلىك كىشىلەر سەپنىڭ ئالدىدا،
دۇئاسىنى بېرىدۇ خەلقىمىز ھەر ئاخشام-ساباھ.

ئارىمىزدا بار قالتىس قىزلار،
شاھىتلىق مۇنبىرىدە مەردانە،
ئاپىرىن تۇرۇشلىرى خىتاي ئالدىدا،
خۇددى ئۇيغۇر شاھىدەك شاھانە.

سورىدى بىرى : ئۇلار بۇ كۈچنى نەدىن ئالار؟
جاۋابىم بار  قەۋەت شەكسىز:
شېھىتلار بەردى مەدەت،
تىك تۇرۇشقا،
تۈرمىداشلار كۆزلىرى قالدۇردى مىڭ ئىلتىجا،
قەبىھ خىتاي چاچتى ئۇرۇق
ئىنتىقامغا مىڭ رىزا!…

قۇياش پارلاپ  كۆك ئاسماندا ھەر نۆۋەت،
ئەسلىتىدۇ ئادالەتنى دائىما.
لېكىن پاتتى ھۈر قۇياشمۇ   نائىلاج،
قارا بۇلۇت —-  دىكتاتورلار  توسىغاچ…

ئىشىنىمەن ئادالەتنىڭ قامچىسى،
ئويغۇتىدۇ غەپلەت ئىچرە ياتقاننى،
پار -پۇر ھايات، مال – مۈلۈككە باشچىلاپ
ۋىجدانىنى قوشۇپ موللاق ئاتقاننى…

ئاھ تەڭرىمنىڭ ئاغامچىسى بەك ئۇزۇن،
ئەمما بىر كۈن  سىرتماق بولار زالىمغا!

ئارىمىزدا بار قەلبىنۇر سىدىق،
سايراگۈل ھەم قوشماق گۈلباھار،
تۇرسۇنئايىم،مېھرىگۈلۈم،
گۈلزىرە ھەم زۇمرەت داۋۇتۇم،
گىگانت جەڭچى ھۆرلۈك يولىدا.

تۈرمىلەردە چىرىۋاتقان ئۇيغۇرۇم،
«ھالال ئورگان» سودىسىدا قۇربانلار،
«قۇل ئىشچى» تىزىمىدە سېتىلغان،
تۇغماسلىققا ئاختا قىلىپ پىچىلغان…

لاگىرلاردا ۋاقىتسىزلا بوغۇلغان،
ئاھ چارىسىز،گۆدەك مەسۇم بالىلار،
يەۋېتىلگەن،يوقۇتۇلغان ساناقسىز…
كۈنى كېلىدۇ،كۈن كۆرىدۇ،
قارا بۇلۇت تارايدۇ،
ئۇيغۇرمۇ بىر كۈلىدۇ،
ھەي خانلار!

ئارىمىزدا بار شۇنداق قەھرىمان قىزلار،
تىللىرىدا  تىلدى دۈشمەن قەستىنى،
ئىنسانلىقتا ئۈلگە بولدى
ئامېرىكا،ئەڭىلىيە ھەم شىۋىتسىيە..
يەنە سەپتە  كانادا ھەم بېلگىيە،
گوللاندىيە ،فرانسىيە
قول تۇتۇشار يەنە تېخى
قانچىلىغان
…ستانلار

بۈگۈن ئۇيغۇر ياشاش ئۈچۈن تىپىرلار،
چاقىرىدۇ ئىنسانلىققا شاھىتلار،
ئۇيغۇر شېھىت ئىسراپىلنىڭ گۈدۈكى،
كۆپ تەشەككۈر ئارىمىزدا بۇ قىزلار.

شىۋىتسىيە ستوككھولم
2023 -يىل 27-ئاپرىل

جاۋاب يېزىش