پەرىشتىگە جاۋاپ

نۇزۇگۇم
ئاخىرەتتە سورىسا گەر پەرىشتە مەندىن:
– ئيتقىن قىزچاق يۈرىكىڭدە نېمىدۇر ئىمان؟
مەن ئىيتارمەن پەرىشتىگە ھېچ ئىككىلەنمەي:
– گۈزەل ئىسلام ئىمانىمدۇر ، رۇسۇل تاراتقان.
ئۇ سورىسا مەندىن يەنە
– كىمدۇر ئىگەڭ، دەپ ،
كېسىپ ئىيتاي:
– قادىر ئاللاھ ، سۈپىتى راھمان.
بەلكىم سورار ئۇ زات مەندىن:
– ئەجدادىڭ كىمدۇر؟
بېرەي جاۋاپ غورۇر بىلەن :
– باتۇر ئوغۇزخان.
سورىسىكەن مەندىن يەنە پەرىشتە سىناپ:
– نەدىن كەلدىڭ، كىندىك قېنىڭ تامچىغان ماكان؟
تەييار ئىدىم قول كۆتۇرۈپ جاۋاپ بېرىشكە:
– ئۇدۇر ئانام
ئەۋلادىنى پاك سۈتتە باققان،
ئۇدۇر ئاتام
ئاي – يۇلتۇزنى كۆكلەرگە يايغان،
ئۇدۇر ھەقتىن ئامانەت بوپ
بىزلەرگە قالغان ،
باغرى زەرداپ غەزەپكە
ئاچچىققا تولغان،
گۈزەل قوينى
شېھىت قېنى بىلەن بويالغان،
ھېچ باش ئەگمەي دۈشمەنگە
مىختەك قادالغان،
جان تەسەددۇق جەننەت كەبى
شەرقىيتۈركىستان.
2023. 6. 17. گېرمانىيە

جاۋاب يېزىش