قالساڭ

راھىلە كامال
ئەي مۇھەببەت ئىسمىڭ زىكىر سۆزۈمدە قالساڭ،
ساڭا مۇشتاق ،ساڭا باققان كۆزۈمدە قالساڭ.
بىر قولۇڭدا قاراڭغۇلۇق، بىر قولۇڭ نۇرلۇق،
نۇر ، زىياھقا شۇنچە مەپتۇن يۈزۈمدە قالساڭ.
چاچلىرىمنى قىرىق ئۆرۈپ، بوغدۇڭ دار قىلىپ،
يەنە كۈلۈپ جانىم بېرەي ئۆزۈمدە قالساڭ.
تاغلار ئىگىز، پەرھاتلارنىڭ سۇندى خەنجىرى ،
شېرىن بولۇپ ئېقىپ كېتەي سۈيۈمدە قالساڭ.
يالغۇز دېدى ئەللەر مېنى يالغان ئېيتمىدى،
جان قىينىغان بۇ بىناۋا كۈيۈمدە قالساڭ.
تەنھالىقىم بەلكىم سەنسەن مېنى ياراتقان،
سۇغۇرۋالاي ھەسرىتىمنى گۈلۈمدە قالساڭ.

جاۋاب يېزىش