تىزىق

چىمەنگۈل ئاۋۇت
جان پارەم،
سەن چىدا!
تاغلارنىڭ دەردىنى،
سۇلارنىڭ ۋەسلىنى،
توپىنىڭ قەدرىنى،
ھىچكىم سەندەك سىزەلمەيدۇ.
كۆكلەم ئۈچۈن
باغرىنى خۇن ئېتەلمەيدۇ.
جان پارەم،
مەنمۇ چىداي!
كەچمىشىڭنى،
كەلمىشىڭنى،
پۈتمىشىڭنى،
ھىچكىم مەندەك سۆيەلمەيدۇ.
بەختى ئۈچۈن يىغلاپ تۇرۇپ كۈلەلمەيدۇ.
جان پارەم،
سېنى كۈتىۋاتىمەن…
پىلسىرات كۆۋرىكىدىن ئۆتىۋاتىمەن،
يۈرىكىمنى
سېنىڭ قولۇڭدا تۇتىۋاتىمەن.
جان پارەم
بۇ كۈتۈش
تاشتەك ئېغىر ئەمەس،
ياشتەك ھەم چوڭقۇر.
ماڭا دېگەن گەپلىرىڭنى
ئويلۇدۇم بىر قۇر…
سەن ماڭا ئىشەن،
بۇ كۈنلەر
ھەرگىزمۇ ئەمەستۇر كىشەن!
چىدامىڭغا جېنىمنى بېرەي،
قىزىل گۈلگە قېنىمنى بېرەي.
سەھەردىكى ئىبادىتىمدە،
ساقلىقىڭنى خۇدادىن تىلەي…

جاۋاب يېزىش