ياشاپ كەتسۇن كۈرەشچان قىزلار

كۈندۈزئاي ھامۇت
يەتتە ئىقلىم بىلىدۇ قانچە،
خوتۇنلارنىڭ خاتىرە كۈنىنى.
بېسىلغانلار شۇنچە ئىنتىزار،
تېتىماققا تۇزى -تەمىنى.
ھەر يۇرتلاردا كۈرەشكەن قىزلار،
سەپ ئالدىدا ناھەقچىلىككە.
نامى،ئىشى تىللاردا داستان،
ئەۋلاتلارغا ئۈلگىلەر دەرستە.

 

ياۋروپادا تۈزۈلگەن قانۇن،
ئايال-قىزغا بېرىلگەن ھۆرمەت…
ئىنسانلىقتا پەقەت بىر پارچە،
ئادىمىيلىك يارىتار قىممەت.

نازۇكئاينىڭ غەزەپلىرىگە،
توغرا كەلمەس قومۇش ئوتلىرى.
ئەرلەر كىملەر،ئەركەكلەر ھەم كىم؟
ئەر-خوتۇننىڭ مەھكەم تەقدىرى.

ھەر دەۋردە كۈرەشكەن قىزلار،
غايە ئۈچۈن مالدىن كېچىدۇ.
گېزى كەلسە ئىسسىق جان بېرىپ،
ئەركەكلەرگە سوئال پىچىدۇ!

ئۇيغۇر قىزى داستاندا كۆپ يوق،
ھەتتا كەتتى مىڭلاپ قەبرىسىز.
نام – شۆھرەتتىن ھىچ تاماسى يوق،
ئۆرنەك قالسۇن كۈرەشكەن ھەر ئىز.

سايراۋەرسۇن سايراگۈللىرىم،
تۇرسۇنئايىم،مېھرىگۈللىرىم.

ياشاپ كەتسۇن كۈرەشچان قىزلار،
ئەل قەلبىدە ھايات دىلبىرىم.

ھۆرمىتىم بار ۋەتىنى ئۈچۈن،
كۆكرەك كەرگەن شاھىت قىزلارغا.
سۇنالمىدىم بۈگۈن گۈلدەستە،
كۆرۈشىمىز تاڭنا  باھاردا.

شىۋىتسىيە
2023-يىلى 8-مارت

جاۋاب يېزىش