تەۋرىدى يەر

  كۈندۈزئاي  ھامۇت

يەر تەۋرىدى تۆنۈگۈن قاتتىق،
قورقۇ بەلكىم سىممىتىرىك ئوق.
ئاسىيانىڭ باغرى قان بولدى،
ئىنسانلىقنى ھەم ئويلىمىغان يوق!

كۆز ئالدىمدا چۆككەن بىنالار،
توپا ، تاشتىن ياسالدى تۆپە.
قالدى ئاستىدا قانچە قەدىردان؟
يېڭى بىنا قۇچىدى كۆجە.

تۈركىيەدە قاتقان سۈرەتلەر،
سۈرىيەدە يىقىلغان دالا.
تولغىقىنى تۈگەتكەن ئانا،
سوئال قويدى ئىڭەلەپ بالا.

ھايات شۇنداق قاتتىق ھەقىقەت،
تىزلىنىمىز ئاللاھ ئىگەمگە.
دىماق ئۇستۇن،نەزەرلەر ئىگىز،
ئىنسانلىقلا يارار جەننەتكە.

قوللىرىنى ئۇزىتار كىشى،
مۇھتاج بولغان يۈرەكنى تۇيسا.
ھۇت ئېيىنىڭ سوغۇق كۈنلىرى،
ئەرىپ كېتەر ئىنسانلىق تولسا.

يەر تەۋرىدى يۈرەك تەۋرىدى،
دوستنى ھەر كىم مەيداندا سىنار.
سامان،داننى ئايرىشا شامال،
يەر تەۋرەشمۇ ئىنساننى پارلار.

رىۋايەتتە ئاڭلىغان ئىدۇق،
قەدىم تۇرپان دېڭىزكەن ئەسلى.
يەر يېرىلىپ  ئورتا ئاسىيا،
كۈتىۋاپتۇ تەڭرى تېغىنى.

يەر تەۋرەشمۇ ئەسلىتەر بىزگە،
قەدىم تەبىئەت قانۇنلىرىنى.
تاغلار ئىگىز،جىلغىلار چوڭقۇر،
ئالمىشار كۈنىدە چۈسەن سەن بۇنى.

يەر تەۋرەشنىڭ چاستوتىسى تېز،
كەتتى تومۇردەك سانجاق يېرىقلار.
ئاھۇ زارلار، كۆز ياش قان دەريا،
مەلھەم بېرەر ئىسسىق يۈرەكلەر.

ياردەم كېلەر تەرەپ -تەرەپتىن،
ئاپەت ئەھلى سەن ئەمەس يالغۇز.
نەدە ياشا،قايسى قەۋم بول،
ئىنسانغا خاس بىر نەفەس ئالغۇز!

يەر تەۋرەشتە ھەممە تەۋرىدى،
ئىسسىق قانلار شاۋقۇنلىدى كۈۋەجەپ.
ئامېرىكا، جاپون دوستمۇ قېتىلدى،
ياردەم سۆيۈپ ئىنسانلىقنى قەدىرلەپ.

ھەر يۇرتلاردا ئانا باغرى قان بولدى،
دۇئالىرى يەتسۇن ھەققە پەلەككە.
خىتاي قۇتراپ ئۇيغۇر قىزلار كۈل بولدى،
ئۇيغۇر ئەرمۇ بىر كۈن يەتسۇن تىلەككە!

كۆز ئالدىمدا يىقىتىلغان مەسچىتلەر،
خىتاي تەۋرەپ ئاتەش ئاتتى قۇرانغا.
پۇلپەرەسلەر ئاجىز سالغان بىنالار،
يۈرەكلەرگە سانجىق تىقار شۇ ئاندا.

تۇشمۇ تۇشتىن ياردەم بەرگەن ئەزىزلەر،
ئامان بولسۇن ھەر بىر قىزىل يۈرىكى.
بىر ئورنىغا مىڭلار تولسۇن غەزنىسى،
ھەمراھ بولسۇن ئاھ ئىنسانلىق ۋىجدانى.

شىۋىتسىيە ستوككھولم
2023-يىل2-ئاينىڭ 7-كۈنى

جاۋاب يېزىش