گۈل ناخشىسى

مېھرىنىسا ئىسمائىل

نۇزۇگۇم،

سەن سەھەردە تۇغۇلغان قوياش،
مەن زاۋالنىڭ زاۋالى ساۋاش.
سەن تۈنلەرگە ئەل بوپ قويساڭ باش،
مەن تۇغىمەن تۈندە مىڭ قوياش.
سەن ھاياتنىڭ نۇرى بۇلىقى،
مەن زىننىتى
ھەم تاجى گۈلى.
سەن پەقەتلا كۈننى يورۇتساڭ،
مەن كۈن – تۈننىڭ بېغى-ئۇلىقى.
سەن سۆيگۈڭنى تاۋلاپ نۇرۇڭدا،
پەسىللەرنى قىلىسەن ھاپاش.
مەن ئۈمىدنى چېچىپ تۇپراققا،
مەڭگۈلىكنى ئېتىمەن باغاش.
چىڭقى چۈشتە كۆيدۈرسە تەپتىڭ،
مۇھەببەتكە بولدۇم ھامىلدار.
ئەسىر پەيتى ئلللقتۇر چېھرىڭ،
كۈتسەم زار بوپ ۋەسلىڭدىن دىدار.
نامازشامدا چۆكىسەن لېكىن،
ھېچ كۈتمەستىن پورەكلىشىمنى.
تۇيماي قالدىڭ ئەپسۇس،
پىنھاندا،
تولغاقلاردا ئۆكسۈشلىرىمنى.
سەن تۈنلەرگە ئەسىر بولغاندا،
مەن ۋىسالغا يەتتىم ھېجراندا.
چېچەكلىرىم تۇغۇلدى كۈندەك،
نەرە تارتىپ ئاچچىق پىغاندا.
سەن سەھەردە تۇغۇلغان قوياش،
مەن زاۋالنىڭ زاۋالى ساۋاش.
سەن تۈنلەرگە ئەل بوپ قويساڭ باش،
مەن تۇغىمەن تۈندە مىڭ قوياش.
ئمىتىمەن چېچەكلىرىمنى،
ھەر زاۋالغا جەڭ ئاچماق ئۈچۈن.
ئايلىنىمەن نەشتەردەك ئوققا،
تۈن كۆكسىگە سانچىلماق ئۈچۈن.
يورۇقلۇققا تەشنا دىللارغا،
دانتى كەبى نۇر چاقماق ئۈچۈن.
يىلتىزلىرىم سۆيسە تۇپراقنى،
بەرگىم ئوتقاش چاقنار سامادا.
تىكەنلىرىم بەتلەگىلىك ھامان،
تۈن يۇتماقچى بولسا ناۋادا.
سەن سەھەردە تۇغۇلغان قوياش،
مەن زاۋالنىڭ زاۋالى ساۋاش.
سەن گۇگۇمغا ئەل بوپ قويساڭ باش،
مەن تۇغىمەن تۈندە مىڭ قوياش !
2023 .01 . يانۋار ، فرانكفورت

جاۋاب يېزىش