بۇلۇتلۇق سەھەر كۈيى

 ئايگۈل ئالىم « تامچە»

سەھەر چىقتىم بۇلۇتلۇق ئاسمان،
نەلەرگىدۇر مۆكۈنگەن قوياش.
قەلبىمدىكى ھەسرەتلىرىمگە،
بولغان چېغى ئۇ شۇنداق قاياش.

كېچە سېرىم تۆكسەم يۇلتۇزغا،
ئۇ گۇۋاھچى ،بولغانتى مۇڭداش.
سەھەر چىقسام يۇلتۇز يۈتۈپتۇ،
ئۇ قۇياشسز، سر ماڭا دىلداش.

كۆپكۈك رەڭگى قارا ئۆزگىرىپ،
تاتارغانمۇ مىنىڭ ھالىمدىن.
يەنە باقسام يىغلاپ سالامۇ،
يۇرت ئىشقىدا قايغۇ زارىمدىن.

بىز قۇياشنى چىللايلى  بىرگە،
كۆز يېشىڭنى تۆكىۋەت بۇلۇت
كۆپكۈك رەڭگە تەشنا كائىنات،
قۇياش چىقسۇن ھاياتقا ئۈمۈت.

2022-يىل 21-ئاۋغۇست،ېزئاۋىستىرالىيە ئادىيلەيىتتە يېزىلدى.

جاۋاب يېزىش