سالام سەھەر

ئايگۈل ئالىم <تامچە>

ھايات تاتلىق كۈلگەنلەرگە كۈلىدۇ،
سېنىڭ ئۈچۈن كۈندە نېمەت بېرىدۇ.
قەدىرلىسەڭ ئالغان ھەربىر تىنىقنى،
قۇياش سەھەر دەرىزەڭدىن كۈلىدۇ.

بۇ ھاياتقا مېھماندۇرمىز ئىنسانلار،
ئارزۇ ئارمان ئارقىسىدىن چاپقانلار.
مۇھەببەتلىك دۇنيا ھۆسنى جامالى،
ئىزى بىلەن گۈزەل زىناق قاتقانلار.

چارچىساقمۇ داۋانلاردا يوللاردا،
مەيلى ھاسا چۈشۈپ قالغاندا قوللارغا.
بىر پىيالە قەھۋە ئىچىپ ئۈمۈتتىن،
كۈچلىنەيلى چىقىش ئۈچۈن يوللارغا.

باھار كەبى چېچەك ئاچقىن ھاياتقا،
ھىددىڭ چاچسۇن لەززىتىنى ئەتراپقا.
ئىنسان دېگەن بىر تۈپ گىياھ ئەمەسمۇ،
سۇغۇرۇلغاندا سۆيگۈ بىلەن ھېسلاردا.

2022-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى يېزىلدى

جاۋاب يېزىش