مىھرىنسا ئىسمايىل
ھەر سەھەردە شەپەقتە ،
ھەر تىنىقتا نەپەستە .
زامانلارنىڭ غۇربىتىدە ،
چاقماقلارنىڭ ھەيۋىتىدە،
كۆردۈم مەن سىنى .
ھەر كېچىدە تۈنلەردە ،
ھەر چېڭقى چۈش دەملەردە .
يۇلتۇزلارنىڭ جىلۋىسىدە،
يانغان كۈننىڭ دەھشىتىدە ،
سۆيدۈم مەن سېنى.
ھەر باھارنىڭ كۈلكىسىدە،
ھەر چېچەك گۈل ـ بەرگىسىدە.
سەنەملەرنىڭ ھەرىمىدە،
ئۈمىدلەرنىڭ ئەللىيىدە،
چۈشۈدۈم سېنى .
لېكىن سەنچۇ؟
سۆيۈملۈك ھايات؟!
ھەر قەدەمدە سەپەردە ،
ھەر غەنىيمەت پەيتلەردە،
بەزەن سۆيدۈڭ لەۋلىرىمگە.
بەزەن ئاتتىڭ چۆللىرىڭگە.
دولقۇنلاردا چالقىدىڭ راسا،
قايناملاردا قايناتتىڭ يەنە،
ۋولقانلىرىڭ بارمىتى تېخى؟!
ئوت يۇتقۇدەك كۈچ بار يۈرەكتە،
قەقنۇسلاردەك تاۋلاندى سەندە .
كۈل بولمايمەن ،
كۆيدۈرىمەن .
گۈل بولمايمەن ،
سۆيدۈرىمەن ،
نەيرەڭلىرىڭ ئاقمايدۇ ئەمدى،
چۈنكى ھايات ،تونىدىم سېنى .
2022ـ يىلى 7ـ ئاينىڭ 15ـ كۈنى فرانكفورت