ئوت ئىچىدىكى قىسمەتلەردىن…

 

ئاق قاردىكى قارا كۈنلەر

«تامچە»

تولۇقسىز ئوتتۇرىدىن نۇرغۇن روھىي خورلۇقلارنىڭ سىرىنى تولۇق چۈشۈنۈپ يېتەلمەي، ئەقەللىيسى چۈشۈنۈپ يېتىش بوسوغۇسىدىلا، تىللىرىمىز كېسىلگەن، خۇددىي دەرەخ شېخىدىن يىرىلىپ، تاش ئۈستىگە رەھىمسىزلەرچە تاشلىنىپ قېلىۋاتقان، كىچىككىنە جىرىم شىۋىقىدەك، تولۇق ئوتتۇرىغا تەشۋىش،ئەندىكىش ئىچىدە چىققان مەزگىللىرىمىز ئىدى. مەكتەپ باشلىنىپلا ، ئىككى ھەپتىلىك ھەربىي مەشىق ئىلىپ بىرىلدى. ئەمەلىيەتتە بۇ ھىلىقى تاش ئۈستىدىكى يۇمران يېشىل يوپۇرماقلارنى كۈچلۈك ئوت تەپتىدە سارغايتىش ئىدى.

شۇنداق، شۇنداق ئىكەنلىكىنى بىرنچى سائەتلىك ھەربىي مەشىغىدىلا ھېس قىلغانىدىم.تېخى يەكشەنبە كۈنىلا يېڭى ئايىغىمنى،دادامنىڭ تەۋسىيىسى بويىچە ئاياغنىڭ چىدامراق چىقىشى ئۈچۈن ،باشتىن – بويىغا ئايلاندۇرۇپ تىكتۈرۈش ئۈچۈن ئالدىن موزدۇزغا ئاپارغانىدىم. مەشرەپباي كوچىسى ئېغىزىنىڭ ئىككى قاسنىقىدا.

جاۋاب يېزىش