ئىستانبولدا ئۇيغۇر ئانىلار

ئىستانبولدا ئۇيغۇر ئانىلار

كۈندۈزئاي ھامۇت

ئىستانبولدا كەزسەڭ ناۋادا،
ئۇيغۇر پۇرار بەزى كوچىلار.
سالام بەرمەس بەزىسى ھەتتا،
ئەمما تىلى كىملىك ئاشكارلار.

ئىستانبولدا ئۇيغۇر ئانىلار،
ئالدىراشتۇر ئۆز ھالى بىلەن.
مۇڭداشقۇسى بار خۇددى مەن كەبى،
ئارىلاشتۇرار بەزى ھەم ھىيالەن.

گېرى كەلسە باغرىنى ئېچىپ،
ئاھ ئۇيغۇرۇم،كۆيەر سەن كەبى.
چۈنكى تۇرقۇڭ،سۆزۈڭ ھەم كۈلكەڭ،
ئوخشار ۋەتەن قىزىغا تەببىئى.

گەر قارىساڭ ئوچاق بېشىغا،
كۆك چۆچۈرە تارتار ئىشتىھا.
نوغۇچ تۇتقان قوللىرى چاققان،
سامسا ،پولۇ تولغان لىق يانا.

ئۈگرە ئېشى كۆركەم ،تېتىملىق،
گۈل – گۈل يۈزى ئەجەپ يېقىملىق.
غۇنچە بويى خۇددى ئانامدەك،
ئىسسىق يېشىم ئاقتى رېتىملىق.

پۇراق كېلەر ئانا باغرىدىن،
مىسلى قەشقەر، كۇچار توپىسى.
ئىپار، ئەنبەر قالسۇن بىر يەردە،
ئالسۇن ئۇدۇم نەۋرە،چەۋرىسى.

ئىستانبولدا ئۇيغۇر ئانىلار،
تىنىمسىز ئىشلەر ئەۋلادى ئۈچۈن.
بەزىسى سىرتتا، بەزىسى ئۆيدە،
بەزى ئىشسىز، بولماس ھىچ يوچۇن.

ئىستانبولدا ئۇيغۇر ئانىغا،
قانالمايمەن قايرىلىپ قاراپ.
يۈرەك يىپىم چىگىلىپ قالار،
سۆزلىرىدە ئانام بوپ تاراپ.

ئىستانبولدا تىرىشقان ئانا،
ھوسۇل ئالسۇن ھاردۇقى چىقسۇن!
ئۇيغۇر ئەۋلات تىرىشچان بولسا،
تىلدا ئۇيغۇر، كوچىلار كۈلسۇن!

ئىستانبولدا قەدىمىي موزېي،
ساقلىۋالغان كۇرمىڭ ئۇچۇرنى.
چوڭقۇرلۇققا كىرسەڭ قېتىغا،
تاپالايسەن ھەم ئۇيغۇر پۇراقنى.

ئىستانبولدا ئانىلار بىلەن،
ئىفتارلاشماق نە گۈزەل بەخت!
تىللار بىر دەم توختاپ قالسىمۇ،
بېرەر نەزەر ئۆزارا تەخت.

ئىستانبولدا ئۇيغۇر ئانىلار،
ئۇيغۇرلۇقى نۇر چېچىپ قالسۇن!
نۇرى چۈشكەن ھەر بىر ئەۋلاتمۇ،
ئىشچانلىقتىن مىراسلار ئالسۇن!

تۈركىيە ئىستانبول
2022 -يىل 17- ئاپرىل

جاۋاب يېزىش