گۈلخان كېچىسى

ئايگۈل ئالىم (تامچە)
قايغۇلىرىم چېچىنى يۇلۇپ
مۇڭ-دەرت بىلەن كەلسە بوسۇغام،
بوپىسىنى يىغىشتۇرىدۇ،
ئۇيقۇ ئاتلىق بىر كوماك مومام.
ئادۋۇكاتلىق پەرىجىسىنى
كىيىۋالغان چۈش ناملىق قىزچاق،
ئەڭ ئىسپاتلىق دەلىللەر بىلەن،
كۈچ توپلايدۇ ئارىلاپ قىرغاق.
ئېتىزدىكى قويلارنى ھەيدەپ،
چىقىپ كەلسە، ھىڭگاڭ چىش بۆرە.
كۆك سامادا ئەگىگەن بۈركۈت،
كۆرۈنىدۇ تولىمۇ خىرە.
ئاڭلانغاندا مىلتىق ئاۋازى،
سىلكىنىدۇ باغلاقتا بىر جان.
تىتىلغان تەن، سۇلمىغان روھتىن،
لاۋۇلدايدۇ قايتىدىن گۈلخان.
2022-يىلى 16-ئاپرىل، سەھەر

جاۋاب يېزىش