زوراۋانلىققا تولسا  دۇنيا…..

ئوكراينالىق 9 ياشلىق قىزنىڭ دۇنيانى لەرزىگە سالغان ناخشىسىنىڭ تىكىستى

 دىلدار ئەزىز تەرجىمىسى

مەن سىزدىم ھاياتىمنى،

رەسىم قىلىپ ھىكايەمنى،http://https://www.youtube.com/watch?v=SG7xeWhVGsc

ئىدى ئۇ تىپ-تىنىچ بىر كۈنى،

پەيدا قىلاى ئاتا-ئانام  بۇ دۇنياغا مىنى.

 

زوراۋانلىققا تولسا  دۇنيا،

بولماس ئۇندا ئەتىگە ئۆمۇد ئەسلا.

 

بىز مۈكۈشمەك ئوينىمىدۇق،

ئانام دادام بىلەن قاچتۇق،

ئەينەن بىر قاچقۇن بولدۇق.

خۇددى بىر تراگىدىيەگە ئوخشاش.

 

زوراۋانلىققا تولسا  دۇنيا،

بولماس ئۇندا ئەتىگە ئۆمۇد ئەسلا.

 

شۇندىن باشلاپ، قوياش ئۆرلىمىدى ئەسلا،

كوچىلار جىم-جىت ئادەمسىز گويا.

ھەممە شەھەر ئوخشاش،

ھاياتلىقتىن يوق ئەسلا سىينا.

 

مەن سىزدىم ھاياتىمنى،

رەسىم قىلىپ ھىكايەمنى،

زوراۋانلىققا تولسا  دۇنيا،

بولماس ئۇندا ئەتىگە ئۆمۇد ئەسلا.

 

بەزىلەر شۇنداق خاتىرجەملىك تىلەيدۇ،

كېلەر بىر كۈن،يىغلايدۇ ئاخىر،ئۇلارمۇ بىزدەك.

ۋەتىنىدىن يىراقلاپ،تۇرمۇشىدىن ئايرىلار،

شۇ تۇرمۇش كەلمەس قايتىلاپ ئەبەت.

 

بولمىسا تىنچلىق، نەدە ئۇ مۇھەببەت؟

زەمبىرەكلەر ئېتىلغاندا،

كېچىنىڭ جىم-جىتلىقى بۇزۇلغاندا،

دۇنيا كۆزىنى چىڭ يۇمىۋالغاندا.

 

چامدانلارنى سۆرەپ ماڭغاندا،

سەرگاندان ھايات باشلانغاندا،

يوق بىر تىيىن ئاقچى يېنىمىزدا،

قالدۇرۇپ ئۆمۇتنى ئارقىمىزدا.

شۇنىڭ ئۈچۈن…..

مەن سىزدىم ھاياتىمنى،

رەسەم قىلىپ ھىكايەمنى،

زوراۋانلىققا تولسا  دۇنيا،

بولماس ئۇندا ئەتىگە ئۆمۇد ئەسلا.

جاۋاب يېزىش