ئاتىدۇ تاڭلار

بەختىنسا ئابدۇرەھىم

 

نېمە قىلدۇق ۋەتەن ئۇچۇن ئەزىز ئانىلار؟

جەڭدە شەھىد ئاتالدى مىليون ئاتىلار.

بارلىقىنى بەدەل بەردى باتۇر ئاكىلار،

چىللاپ باھار،دەيدۇ بىزگە ئاتىدۇ تاڭلار.

 

نېمە قىلدۇق ۋەتەن ئۇچۇن ئەزىز ئانىلار؟

تۇغۇلغانتى بىزدىنمۇ  تالاي باتۇرلار،

يۇتۇۋەتتى رەھىمسىز چىن تۈمەن ئارزۇلار،

كۇتىمىزكى، شۇبھىسىز ئاتىدۇ تاڭلار.

 

نېمە قىلدۇق ۋەتەن ئۇچۇن ئەزىز ئانىلار؟

قالدى ياتنىڭ ئىلكىدە ۋەتەن-بوستانلار

قالدى سەرسان تالاي-تۈمەن يېتىم بالىلار،

قېنى ئاشۇ ۋەتەن دېگەن جەسۇر دادىلار!؟

 

نېمە قىلدۇق ۋەتەن ئۇچۇن ئەزىز ئانىلار؟

ۋەتەن دېدۇق،ئۇمۇتلەردە ئاشتۇق داۋانلار.

ئاقتى قان-تەر،توزۇپ كەتتى بىباھا جانلار،

سۈبھى يورۇق،شۇبھە يوقتۇر ئاتىدۇ تاڭلار.

 

نېمە قىلدۇق ۋەتەن ئۇچۇن ئەزىز ئانىلار؟

ۋەتەن دېگەن، شۇ مەردانلار شەھىد ئاتىلار.

يېزىلغۇسى مەردانلارچۇن شىېر- داستانلار،

«ئەل قىساسى مىنەل ھەق» ، ئاتىدۇ تاڭلار

 

نېمە قىلدۇق ۋەتەن ئۇچۇن ئەزىز ئانىلار؟

روھلار سەرسان،ئاشتى داۋان،قالدى قاۋانلار.

ئۈزۈلمىدى ئۈمىت كۆكتە ئاي ۋە يۇلتۇزلار،

چاقناپ ھامان،ئەلگە ئامان،ئاتىدۇ تاڭلار.

 

2011يىلى 7 -ئايدا سۋەدەن ئەسكىلستۇنادا يېزىلدى

 

جاۋاب يېزىش