قەھرىماننى تۇغار  بىر يىللار

 كۈندۈزئاي ھامۇت

قەھرىماننى تۇغار بىر يىللار،
جەڭلىرىدە تاۋلاپ، ئۆستۈرۈپ.
بەزەن پارلار يۇلتۇزلار كەبى،
بەلكى ئالتۇن ، ياتار كۆمۈلۈپ.

”ھەر ئىشتا بار بىر ھىكمەت”دېگەن.
كىملا دېسە پەيلاسوپ كەبى.
بىر زۇلمەتنىڭ ئىسكەنجىسى يار،
موسا كەبى كېلەر بىر نەبى.

تارىخلارنى ۋاراقلاپ كۆرسەم،
قەھرىمانلار تولا چىقىپتۇ.
سەلبىلىرى قارغىشقا تولۇپ،
ياشنىغانلار دىلغا كۆچۈپتۇ.

ھەر بىر يىلنىڭ ئىزناسى قاپمىش،
قەھرىمانلار ھەرىكەتلەڭەندە.
ھەر دەۋردە تۇغۇلۇپتىمىش،
زۇلۇم ئاشقان،ھىيانەتلەردە.

ھەقتە تۇرغان پالۋانلار ئاشار،
ئىنسانلىقتا قانچە داۋاندىن.
قىلغىنىدىن رىۋايەت تۇغار،
ئۇزۇن ياشار ئەۋلاتلىرىدىن.

قەھرىماننى ئىزدەر ھەر يەردىن،
يېنىمىزدا ياشار ئېھتىمال.
ئۈمىدسىزلىك قاپلىسا ئەلنى،
كۆرمەك قىيىن،قۇلاققا نە ھال؟

چىقتى،ئۆلدى ئۇيغۇر قەھرىمان،
ئاھلار ئۇردۇق پۇشايمان بەلەن.
ھايات چاغدا قەدرى بولۇنماي،
نەزىر بەردۇق سەپ -سېپى بىلەن.

بۈگۈن ئۇيغۇر ئاچقىن كۆزۈڭنى،
رىۋايەتلەر رېتسىپ تېگىشتى.
ھەر قەھرىمان ياشار يۈرەكتە،
ھەق بىلىمدە يەڭسەڭ ئىبلىسنى.

ئۇيغۇر تۇغقان قەھرىمانلارنى،
ئەۋلاتلىرى ئەسلەر كۈچ ئېلىپ.
ياشايدۇ ھەم دۈشمەن كۆڭلىدە،
قورقاقلارغا مەڭگۈ سۈر بېرىپ.

قەھرىماننى تۇغار بۇ يىلمۇ،
ئۈمىدلىكمەن ھەقنىڭ نۇرىدىن.
تىرىشقانلار ھامان غالىپلار،
چۈشمەس ئۇلار ئەلنىڭ كۆزىدىن.

2021- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنى

شىۋىتسىيە ستوككھولم

جاۋاب يېزىش