ئىستانبۇلدىكى ›ئىلىم چېيى»دىن ئۆمۈت نۇرلىرى

ئۆز مۇخبىرىمىز: ئامىنە ۋايىت

2021 – يىلى 12- ئاينىڭ 29-كۈنى ئىستانبۇلدىكى ئىلىمخۇمار خانىم – قىزلار  ئۈچۈن تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ۋە بەرىكەتلىك بىر كۈن بولدى. ئەنقەرە ، ساكارىيا ۋە ئىستانبولنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 40 قا يېقىن  ئۇيغۇر زىيالى ئاياللار  يات تۇپراقتىكى تۈگىمەس ئائىلە ئىشلىرى ، ئالدىراش ئۇقۇش ۋە خىزمىتىدىن ۋاقىت چىقىرىپ ئۆز- ئارا تۇنۇشۇش، بىر – بىرىدىن روھىي ئوزۇق ئېلىش ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ، ئۇيغۇر تىلىدىن ھۇزۇر ئېلىش ئۈچۈن جەم بولۇشتى.
بۇ جەم بۇلۇشقا يەنە ئامرىكا ئۇيغۇر مەدەنىيەت جەمىيتىنىڭ قۇرغۇچىسى ، ئانىلار تورى ۋە ئانا يازغۇچىلار بىرلىكىنى قۇرۇپ، قەلەمكەش ئانىلارغا ئىجادىيەت سۇپىسى يارىتىپ بىرىۋاتقان پىشقەدەم يازغۇچى ،  ئەدەبىي ئاخباراتچى دىلدار ئەزىز خانىممۇ تەكلىپ بىلەن  ئىشتىراك قىلدى.
بۈگۈنكى بۇ ئۇچرىشىش تۈركىيەدىكى ئىلىمخۇمار ئۇيغۇر ئاياللىرى تەرىپىدىن قەرەللىك ئېلىپ بېرىلىۋاتقان « ئىلىم چېيى» نامىدىكى دوسىتلۇق ، قېرىنداشلىق ، مىھرى – مۇھەببەت ئۇچرىشىشى بۇلۇپ ، يازغۇچى دىلدار ئەزىز خانىمنىڭ ئىستانبول زىيارىتىدىن خەۋەر تاپقان چاي ئەزالىرى دىلدار خانىمنىڭ ئەسەرلىرى ۋە ھاياتى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنى يېقىندىن تۇنۇشتۇرۇش ۋە بۇ پىشقەدەم قەلەمكەش ئۇستازىنىڭ ھايات ھىكايىسىنى ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلاش ، تەجرىبىلىرىنى ئۆگۈنۈش ئۈچۈن بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە دىلدار خانىمنىمۇ ئەزىز مىھمان سۈپىتىدە ئالاھىدە تەكلىپ قىلغان ئىدى.
تەخمىنەن 3 سائەت داۋام قىلغان بۇ پائالىيەتنىڭ ئالدىنقى بىر سائتى دىلدار ئەزىز خانىمنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى ۋە ھايات مۇۋاپىقىيتى ھەققىدە ئېلىپ بىرىلدى.

ئۇستازمۇ ئۆزىگە بىرىلگەن بۇ قىممەتلىك ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ ئۇقۇش ۋە خىزمەت جەريانىدىكى قىيىنچىلىقلارنى قانداق يەڭگەنلىگى ۋە ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت تەجىربىللىرىنى كۆپچۈلۈك بىلەن ئورتاقلاشتى. كىيىنكى ئىككى سائەتلىك پائالىيەتتە گۇرۇپ ئەزالىرى ئۆزلىرى تەييارلىغان ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئۇقۇدى.

ئاخىردا گۇرۇپ ئەزالىرى ۋە بىر قىسىم ئۇقۇرمەنلەر دىلدار ئەزىز خانىمغا گۈلدەستىلەر سوۋغات قىلدى.

دىلدار ئەزىز خانىم ئاخىرىدا شۇنداق دىدى:» سىلەرنىڭ بۇ ئىلىم چېيىڭلار مەن ئاممىۋىي تاراتقۇلاردا كۆرگەن  ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر خانىم قىزلار ھەققىدىكى تەسىراتىمنى پۈتۈنلەي ئۆرگەرتىۋەتتى. گەرچە ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى نۇرغۇنلىغان سىياسىي ۋە ئىجتىمايى بېسىم ئىچىدە  ياشاۋاتقان بولساڭلارمۇ، سىلەرنىڭ روھىيىتىڭلاردىكى قەيسەرلىك، ھاياتقا، ئەركىنلىككە  ۋە چىن ئەقىدىگە بولغان كۈچلۈك تەلپۈنۈش، ئۆز ئارا ھەمكارلىق  ۋە ئۆملۈكۈڭلار مەندە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچەمنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى. چۇنكى پەقەت بىلىمخۇمار ئانىلار بولغاندىلا مىللەتنىڭ بۈيۈك كەلگۈسى بولىدۇ.»

جاۋاب يېزىش