ۋەتەن

ئايگۈل ئالىم » تامچە»

شۇ قوينۇڭدا قارارىم قاپتۇ،
قىيامەتلىك چىنارىم قاپتۇ.
مۇساپىرلىق مىڭ كويغا ساپتۇ،
ئۇيىلىمەن ئالدىڭدا ۋەتەن.

ھىممىتىڭنى ئۇنتۇپ مەن بۈگۈن،
نىممىتىڭنى ئەسلەپ قاپتىمەن.
گالۋاڭ بىشىم قايغانمىكىنتاڭ،
قىممىتڭنى چەشلەپ قاپتىمەن.

تاڭدا كەلسە  باھار شامىلى،
ئويغانمىغاچ سەزمەي قاپتىمەن.
ئويغانغاندا يۈزۈمنى يۇماي،
ئەتراپقا بىقىپ ساپتىمەن.

ئىزلەپ ئىرەن كۆرگەنلىرىمدىن،
كۆرمىگەننى داڭلاپ ساپتىمەن.
چۈش بولغاندا ھالىمدىن كېتىپ،
قايتا سېنى ئەسكە ئاپتىمەن.

كەچۈر دېسەم تاغلار يېرىلۇر،
ئىزلىرىم  يوق يىللار تىلىقۇر.
بولۇپ قالدىم شۇڭلاشقا جىمغۇر،
ئۇيىلىمەن ئالدىڭدا ۋەتەن.

2021-يىلى 22-نويابىر، ئاۋسترالىيە

جاۋاب يېزىش