شېئىرلار

راھىلە كامال

پەيدالىقتىن غايىپلىققا

ۋاقىتنىڭ ۋاقىت ئىچىدە ياشىشى،

ياشاشنىڭ سېنىڭ ئىچىڭدە بولۇشى،

ۋاقىتنى ۋاقىتتىن ئالماققا،

ئۆزۈمنى ياشاشقا سالماققا،

ئۇرۇنۇشلار، تەلۋىلىكلەر.

غايىپلىقىم بىلەن سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان،

پەيدالىقىم بىلەن سېنى كۈلدۈرمەكچى بولغان،

ئەڭ نادان ، گۈزەل تۇيغۇلار،

ئەڭ رەھىمسىز باتىل تۇيغۇلار!

باغرىمدىكى گۈلزارلىقتىن تىكەن ئۈندى،

سانجىلدى ئۆزۈمگە، كىردى كۆزۈمگە.

ئەڭ نەپرەتلىك سۆيۈملۈك ئەجرىم،

تىكەننىمۇ پەرۋىشلىدىم ،سىيلىدىم.

ياشاشنى سەندىن ئالدىم،

ۋاقتىمنى ۋاقتىڭدىن.

تىكەنلىرىڭنى خىرۇستال لوڭقىغا سالدىم.

ئەي سۆيۈملۈك جەريان،

خىرۇستالدىكى تىكەنلىرىڭنى ساقلىدىم.

قۇرۇتتۇم، ئېزىپ ئۇۋاتتىم،

ئۇنى ۋاقتىمغا، ياشىشىمغا

ئوزۇق، قۇۋۋەتلىك ئوغۇت قىلىۋەتتىم.

                          كېچە

كېچىنىڭ قارا چاچلىرىغا ئېسىلدىم

سېنىڭ تۈگىمەس قارا سەۋدالىرىڭدەك

كېچىنىڭ قارا كۆزلىرىگە تىكىلدىم

سېنىڭ بىشەپقەت بېقىشلىرىڭدەك

كېچىنىڭ ئۇزۇن قارا قوللىرىدا ئېگىلدىم

سېنىڭ دەرمانسىز بېغىشلىرىڭدەك

كېچىنىڭ يالاڭاچ ئاياقلىرىغا يىقىلدىم

سېنىڭ بىقۇۋۋۇل تېپىشلىرىڭدەك

كېچىنىڭ تاڭنى باشلىغۇچى قەدەملىرىگە ئېتىلدىم

سېنىڭ ۋىسال تېتىشلىرىڭدەك

دادام

بۈگۈن دادامنى سېغىنىپ يۈردۈم، پۇراپ يۈردۈم

ئۆيلىرىمدە تۆت بۇلۇڭدىن ئىزدەپ يۈردۈم

خىيالىمدا بېقىشىنى دوراپ يۈردۈم

ئويلىرىمدا، دادا!دادا! سىز ،دەپ يۈردۈم

دادام مېنى قىزىم دىمەي بالام دەيتتى

مەن باغرىغا قانمىغان دادام، دەيتتى

ھىچ يۈزىنى كۆرمىگەن ئانام، دەيتتى

ئەركىلەتمەي ، ئات مىندۈرۈپ، ماڭا مېھىر بەرگەن دادام

مۈرەمگە بىر ئۇرۇپ قويۇپ،ئۆزگە سېھىر بەرگەن دادام

ئۇيغۇرىنى،پوشكىننى ھەم توقاينى خىيالىمغا تەرگەن دادام

ئېيتىپ بېرىپ چۆچەكلەردەك ماڭا شېئىر بەرگەن دادام

يەرنىڭ ھۆرمىتىنى قىلاتتى دادام باغۋەن ئىدى

ئەرنىڭ ھىچ قەدرى بولمىغان بۇ زاماندا

ئالما، شاپتۇل، باللىرىغا سايىۋەن ئىدى

خىياللىرى بولار ئىدى نە ئارماندا؟

،رىسقىمنىڭ يىپى ئۇزۇن تارتىلغانكەن

قىتئە ئاشتىم قەدەملىرىم بىئىختىيار يۈرۈپ قالدىم

دادا! دىدىم خوش دىيەلمەي ۋەزنىگە تاغ ئارتىلغانكەن

دادام جىمجىت،، لىغىرلىغان چاناقنى كۆرۈپ قالدىم

<قەددىڭىزنى ئەگمەڭ بالام،يەرنى چىڭ دەسسەپ يۈرۈڭ

جاھان سىزنى تاشلىسىمۇ ئۆزىڭىزنى دەڭسەپ يۈرۈڭ

دادام ھايات، ئانام ھايات دىگەچ بىزنى ئەسلەپ يۈرۈڭ>

ھېكمەتكە باي ،خىسلەتكە باي ئاللاھ ماڭا بەرگەن دادام

تۇتماق بولۇپ سىزنى قوللىرىمنى سۇنۇپ قالدىم

مۇرەمگە يەنە بىرنى ئۇرۇپ قويۇڭ

تەشتەكتىكى گۈللىرىمدەك سۇلۇپ قالدىم

مېھرىڭىزدىن گۈلىڭىزنى سۇغۇرۇپ قويۇڭ

جاۋاب يېزىش