شېئىرلار

راھىلە كامال

 تىترىمە

كىرپىكلىرىمدە تىترىمە ئەي ياش!

قارچۇقلىرىمدا قاتقان بۇ دۇنيا.

خەۋەر بەر ھەر ھالدىن بېرەي مەن بەرداش،

بېغىمدا ئۇچۇشار ياپراق بىپەرۋا.

ھېكايە ئاڭلىغىن ، تىترىمە ئەي دىل!

ئاي، يىللار ،ئەسىرلەر ئوينار مۆكۈشمەك.

ئۆزۈڭگە بۇلبۇلدەك سايرىماس بۇ تىل،

شەپقەتسىز قولىدا ئىڭراپ، پۈكۈلمەك.

تۇتقىن قەلەمنى تىترىمە ئەي قول!

ئەمەسكى ئۇ قەدەھ، ياكى مەدھىيە.

يۈرگىنىڭ ئۇ داغدام ياكى چىغىر يول،

نۇر سىزغىن كېچەڭگە بولسۇن ھەدىيە.

ئەللىك يىل ئۆتتى تىترىمە ئايال!

كەچكىنى يىللارمۇ ياكى قىسمىتىڭ.

قەلبىڭدە بارىدى گۈزەل بىر ئارال،

ھەقىقەت ئىزدىدىڭ، سۆيگۈ ئىستىدىڭ.

كۈمۈشرەڭ چاچلىرىم تىترىمە بولدى!

سېغىنىش، سېغىنىش سېنىڭدىكى ھال.

دەردىم ئىچىمگە ئەجەپمۇ تولدى،

جاۋابسىز سوراقلار قىلماقتا قامال.

بۇلبۇللار سايرىسا تىترىمە ئۈنۈم!

ھېجراننىڭ زەھىرىنى تېتىتتى پەلەك.

كەپتەردەك  بىتاقەت بوزلىما تۈنۈم،

ۋىسالغا ھەقلىقسەن دېيىشىڭ كېرەك!

باھارىم يەتمەمدۇ تىترىمە پەسلىم!

 قولۇمدا تېخى مەشۇت ياغلىقىم.

ئەتىرگۈل، لالىلەر بولسىمۇ  ئەسلىم،

سارغايغان،خۇش ھىدلىق مېنىڭ يايلىقىم.

كۈز

ئەگىيدۇ بېشىمدا خىيالچان بىر ئاي،

باغرىمغا ئۈنتىنسىز تارىتىپ سادا.

ئېھ! گۈلۈم تىترەيدۇ ياپراقلىرىڭمۇ،

بۇ مېنىڭ پىغانلىق كۆزلىرىم ئارا.

بىلمەيمەن كۈتكىنىم كېلەرمۇ ئاخىر؟!

مەن بولدۇم ئىشقىڭدا يېقىلغان بىر شام.

يانىمەن، ئىچىمدىن يېنىپ تۇرىمەن،

تەلپۈندۈم، ئىنتىلدىم  ھەمدە بىئارام.

جىمجىتلىق روھىمغا قاتتى ئېزىلىش،

تىزىمنى قۇچاقلاپ يىغلىدىم ئۇزاق.

پاكلاندى يۈرىكىم ئازابلار بىلەن،

يامغۇردا پاكلىنار ياپراقمۇ شۇنداق.

قىلغانتۇق ئەسلىدە نېمىنى خاتا!؟

ئۇ بىزنى ئازابلاپ قويمايدۇ تىنىچ.

كۆڭۈللەر ئىستىكى يارقىن بولسىمۇ،

ئەزەلدىن بولمىغان بىزدە قېنىشىش.

غازاڭلىق يول بىلەن ماڭىمەن جىمجىت،

بۇ ھارغىن كۆڭلۈمنى قالدۇرۇپ ساڭا.

ئۆزگىلەر نەقەدەر شادىمان بۈگۈن،

نە ئويدا تىكىلەر كۆزلىرى ماڭا؟!

يەتكەندە قەدرىڭگە ئايلار، يىل ئۆتۈپ،

كەتكۈم بار پۇررۇدە ئۇچۇپ سەن تامان.

ئاھ، شۇنداق قوشۇلۇش يېرىپ كۆڭلۈمنى،

شۇ چاغمۇ قويارمۇ سەن، مېنى ئامان؟!

جاۋاب يېزىش