مۇھەببەتنىڭ مەھبۇسى (1)

رەنا غوپۇر

(قانۇن دوختۇرلۇققا ئائىت چاتما ھىكايىلەر)

1

            –  مەن ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويدۇم  .

 ھاۋاگۈل بايىلا قىيا ئېچىلغان ئىشىكتىن بېشىنى غىل پال كۆرسىتىپ ،« ھاۋاگۈل، بىكامۇ سىز؟» دىگەن چىرايى تاتىراڭغۇ ھەم سۇلغۇن ئايالغا، « كىرىڭ گۈلسۈمخاندە، مەن بىكار» دەپ قويۇپلا، ئوغۇل دوستىدىن كەلگەن « سىزنى سېغىندىم » دىگەن ئۇچۇرغا « مەنمۇ، ھاببا» دەپ جاۋاپ قايتۇرۇۋاتقاندا ئاڭلىغان بۇ گەپتىن چۆچۈپ بېشىنى كۆتۈردى-دە، ئايالنىڭ ئالدىدىن تۈگمىلىنىدىغان، تۈگمىنىڭ ئىككى يېقىغا مىللىچە گۈل كەشتىلەنگەن پوپايكىسى ۋە كېرىشنىۋاي يوپكىسىنىڭ ئالدىدىكى قاننى كۆردى. ئۇ چۆچۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەينىگە داجىپ ئورۇندۇققا پۇتلىشپ كەتتى ۋە « قاۋۇلكا، قاۋۇلكا! 小谢! » دەپ ۋاقىرىدى. ئايال بېشىدىكى ياغلىقىنىڭ چەتلىرىدىن چىقىپ تۇرغان چاچلىرىنى ياغلىقنىڭ ئاستىغا تىقىپ، ياغلىقنى چىڭايتىپ چەگدى. ئۇنىڭ خۇنى قاچقان كۆزلىرىدىن ياش توختىماي قۇيۇلۇۋاتاتتى. ……….

     ئۈرۈمچىنىڭ كۈزى بەك يېقىملىق. ئىشخانىنىڭ چوڭ، ئۇيەر بۇيەرلىرى داغ دەرىزىسىدىن چۈشىۋاتقان ئاپتاپقا دۈمبەمنى قىلىپ، بېشىمنى ئۈستەلگە قويۇپ چۈشلۈك ئۇيقۇغا كەتكەنتىم. تېلىفونۇم تىترەپ ئويغاتتى. بىر كۆزۈمنى ئېچىپ تېلىفون ئۇرغۇچىنىڭ ئىسمىغا قارىدىم. ئېلىشىم كېرەك، گۈلشەن ئىكەن.

            ⁃ نىمە قىۋاتقان ؟

            ⁃ ئۇخلاپ.

            ⁃ سېنىڭ ئىشىڭ كاتتا جۇمۇ. مېنى توقسۇنغا زىيارەتكە ئەۋەتتى. شۇڭا قاتار چېيىمنى ئاشۇ يەردىلا بېرەي. قىزلار ماقۇل بولدى. مەن ئىدارىدىكىلەر بىلەن ، سىلەر ئۈچ ماشىنىدا بارىدىغان بولدۇڭلار.

            ⁃ ۋاي ياقا، نىم بار ئۇ بوراندا؟

            ⁃ بوران چىقىدىغان توقسۇن ئەمەس ئۇ ھازىر. بىرنەچچە ساياھەت تۈرلىرى شۇنداق ياخشىكەن. مۇشۇنداق دىيىشتۇق. قويىۋەتتىم ھە. ئالدىراشتىم.

توقسۇنغا قاراپ يولغا چىقتۇق. بەك مەيلىمنىڭ يوقلۇغىنىڭ ئۈستىگە ماشىنا ھەيدىشىم كېرەك بولدى. « ئۈچ ئايال بەش يۈز ئۆردەككە تەڭ» دىگەن ئادەم ماتىماتىكىدا ناچار ئوخشايدۇ. بىر ئاياللا بەش يۈز ئۆردەككە تەڭ ئىكەن. قۇلىقىم گاس بولۇپ قالاي دىگەن بىر پەيىتتە توقسۇنغا يېتىپ كېلىپ مېھمانخانىغا ئورۇنلىشىۋېتىپ ئاندىن سىرتقا چىقتۇق. گۈلشەن زىيارەت قىلىدىغىنى توقسۇنغا قاراشلىق بىر كەنت بازىرىدا تۇرۇشلۇق ئادەم ئىكەن. شۇڭا ئۇ ئىشنى تۈگىتىپ بىز بىلەن ئۇچىرىشىدىغان بولۇپ يولىغا ماڭدى.

توقسۇنغا بولغان پۈتۈن تونۇشۇم كىچىكىمدە ئاپامنىڭ يۇرتىغا قايتقىچە يولدا تاماققا توختاپ يىگەن بوسو بىلەنلا چەكلىنىدۇ. مەن تاماق تاللايمەن. كىچىكىمدىغۇ يىمەيلا قوياتتىكەنمەن. شۇڭا ئۇ بوسوسى مايلىق ئوخشايدىغان، چېيى ئاتنىڭ قېنىدەك قېنىق، ئىچىدە چاينىڭ شامىلىرى غىچچىدە تىك تۇرىۋالىدىغان چاي قۇيۇلغان پۇچۇق پىيالە،قىززىق تاماق يىسە ئېغىز كۆيدۈرگەننى ئاز دەپ قىرلىرى كالپۇكنى قىرىدىغان چوڭقۇر تۆمۈر قوشۇق، ئۈستەل ئورۇندۇقلىرى مايلىشىپ چاپلىشىپ تۇرىدىغان ئاشخانىلار بەك يادىمدا قاپتىكەن. ئاشخانا ئەتراپىدىكى دەرەخلەر ھەممىسى دوناي ئىدى. ئاپام بوران مۇشۇنداق قىلىپ قويغىنىنى دەپ بەرگەن. ئادەملىرى ئۇنداق ئەمەسكەن دىگىنىمنى ئۆيدىكىلەر ھازىرغىچە ھەزىل قىلىشىدۇ. ھازىرقى توقسۇن زامانىۋېلىشىپتۇ. سۈپەت ناچار بولسىمۇ تىرىشىپ بىر زامانىۋىلاشقان شەھەر بولۇشقا تىرىشىۋاتقىنى بىلىنىپ تۇراتتى. چوڭ شەھەرلەردە بار ھەممە نەرسە دىگۈدەك بار، شۇنىسى بەك سۈپەتسىز.

ئەتىسى « نان بايرىمى» غا باردۇق. ھازىر ھەممە نىمەنىڭ بايرىمى بار. بىر كۈنلەردە ئات-ئىشەكلەرنىڭمۇ بايرىمى بولارمىكى. چوڭى ھارۋىنىڭ چاقىدەك چوڭ ناندىن تارتىپ، كىچىكى تىرناقچىلىك نان كۆرگەزمىگە قويۇلۇپتۇ. ئىچكىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر قىيا چىيا، ھەممىنى تۇتۇپ، ھەممىنى ئاغزىغا تەڭلەپ رەسىم چۈشۈپ ھىچنىمىنىڭ مەسلىھەتىنى قويمىدى. بىز « ئاللاھ، ئاللاھ، ھىچنىمە كۆرۈپ باقمىغانغۇ بۇلار، 馕 دەپ تۇرسا يەنە 馍馍 دەپ تۇرىدۇ. توۋا….» دىيىشىپ، چىرايلىرىمىزنى پۈرۈشتۈرۈپ ئۇلاردىن يىراق مېڭىشقا تىرىشاتتۇق.

        ئۇ كۈنى گۈلشەن كېلەلمىدى. ئۇنىڭ ئەتىسى ناھايىتى كەچتە ھارغىن، چىشى قېرىشىپ قالغان بىر قىياپەتتە قايتىپ كەپتۇ. ئىككىمىز بىر ئۆيدە ياتماقچىتۇق. مېنىڭ سۇئاللىرىمغا خوشياقماي جاۋاپ بەرگىنىنى كۆرۈپ ئاغزىمنى يۇمۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. شۇنداق يېتىپ قالدۇق. ئەتىسى كېيىنراق تەڭلا ئويغىنىپتىمىز. ئۇ چاينى مەنزىرىلىك بىر ئارامگاھقا بېكىتىپ قويۇپتىكەن. ياسىنىپ تارىنىپ يولغا چىقتۇق. گۈلشەننىڭ كەيپىياتى ھەر ھالدا ياخشى ئىدى. بىزنى شۇنچە يىراقتىن چايغا ئەكىلىپ قاپىقىنى تۈرۈپ ئولتۇرسا بولمايدۇ دە. مەنزىلگە يېتىپ بېرىپ، چېيىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم تۈرىدىن بىرى رەسىم چۈشۈش مۇراسىمىنى تۈگىتىپ، تاماقمۇ يىيىلىپ بولغاندىن كېيىن، نەچچىمىز سەگۈنچەككە ، نەچچىسى كاتقا ، يەنە نەچچىسى كىرىسلوغا راھەت جايلاشقاندىن كېيىن گۈلشەن سۆز باشلىدى.

            – توۋا، بىر ئىنسان بىر ئىشنى قىلسا ، مەيلى ياخشى مەيلى يامان بولسۇن، مۇشۇ ئىشتىن بىر پايدا ئالىدۇ دەپ ئىشىنەتتىم. شۇنداققۇ ھە؟ ئەمما بەزى ئىشلارنى بەزىلەرنىڭ نىمىشقا قىلىدىغىنىنىڭ تېگىگە پەقەت يەتكىلى بولمايدىكەن، – ئۇ مېيىغىدا ئاچچىق كۈلىۋېتىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى، – بۇدا زىيارەت قىلغىنىم بىر ئايال ، 34 ياش ، ئەسلى يۇرتى غۇلجا xxxxx دىن. يولدىشىنى ئۆلتۈرىۋېتىپتۇ. ئۈچ بالىسىنىڭ  ئالدىدا تېخى……..

    قىزلاردىن بىر نەچچىسى چۆچۈپ « ئانام» دەپ ئاغزىنى ئاچتى …………

(داۋامى بار)

جاۋاب يېزىش