«نەسىھەتى ئامما » ۋە ئۇنىڭ تۇرمۇشىمىزدىكى ئەھمىيىتى

ئاينۇر ئوسمان

ئەقىدە بىلمىگەن  شەيتانغا ئەلدۇر،  

ئەگەر مىڭ يىل ئىبادەت قىلسا يەلدۇر.

ئەگەر سەن ئادەم بولىدىغان بولساڭ،

 خەلقنىڭ غېمىنى يېمىگەنلەرنى ئادەم ھېسابلىماس.

—-  ئەلىشىر ناۋائىي

      ئابدىقادىر داموللام ئىبنى ئابدىۋارىس كاشىغەرى(1924-1862)، 20- ئەسىر مۇقەددىمىسىدىكى مەشھۇر ئۇيغۇر ۋەتەنپەرۋەر ، مەرىپەتچى، ئالى ھىممەتلىك ئۇستاز،خەلقنىڭ غەمگۇزارى،ئالى تەپەككۇر ئىگىسى، ھەقىقى ئىسلاھاتچى، مۇتەپپەككۇر ئالىم ۋە  شائىرى ئىدى. ئالىم ياشىغان دەۋىر ۋەتىنىمىزنى قاراڭغۇلۇق، جاھالەت قاپلىغان ۋاقىتلار بولۇپ، سىياسى تۈزۈمدە مۇستەبىتلىك ،دىنى ئىتىقادتا خۇراپاتلىق ،بىدئەت ئەۋىج ئالغان،خەلق خار – زەبۇنلۇققا، مىللەت زاۋاللىققا يۈزلەنگەن،خەلق تۇرمۇشى كەمبەغەللىككە،مەنىۋى ھاياتى قەھەتچىلىككە ئۇچراپ، مىللى ھايات قورقۇنۇچلۇق ئاقىۋەتلەرگە دۇچ كەلگەن ئىدى .خەلىق ماددى تەرەققىيات ۋە مەرىپەتكە تەقەززا ئىدى .ئابدىقادىر داموللام ۋە ئۇنىڭ سەبداشلىرى پىداكارلىق بىلەن كۆكرەك كىرىپ ئوتتۇرغا چىقىپ، سەپنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ چەتئەل مۇخالىپەتچىلىرىگە،چىرىك  ھاكىمىيەتكە ،دىنى خۇراپاتلىققا قارشى تۇردى . ئاخىرى بۇ قارا كۈچلەر جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان مەرىپەتچىلىك، ئىسلاھاتچىلىق ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن  ئابدىقادىر داموللامنى شىھىت قىلدى.

      ئابدۇقادىر داموللام ئۆزىنىڭ قىسقىغىنە ھاياتىدا <نەسىھەتى ئامما>، < ئەدىپلەر ئاچقۇچى > قاتارلىق جەمىيەت تەرتىپى ، ئىنسانلار ئەخلاقىغا ماياك بولغۇچى نادىر ئەسەرلەرنى قالدۇرغان ئىدى. 1915- يىلى يىزىلغان < نەسىھەتى ئامما> ناملىق بۇ  ئەسەردە ئەڭ ئەھمىيەتلىك بولغىنى، ئالىم ئىسلام ئەقىدىسىكى ياخشى ئەمەلنىڭ ئىپادىسى بولغان ئىخلاس دۇرۇستلۇق، پاكىزلىك، ئىبادەت، ئىتتىپاقلىق، ئۇيۇشقاقلىق، نەسىھەت، دوستلۇق، ئىنساب ۋە ئادالەت، كېڭىشىش، دىلنى خىيانەت ۋە ئادالەتتىن پاك قىلىش، چىداملىق، راسىتچىللىق ئىلىم مەرىپەت ئۈگىنىش  ،ساخاۋەت، مەسئۇلىيەتچانلىق،تەدبىرچانلىق قاتارلىق  ئىسىل پەزىلەتلەرنى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق ئىسلام ئەقىدىسىگە زىت كېلىدىغان بارلىق ھادىسىلەرنى چەكلەش، جەمىيەت بۇزۇقچىلىقلىرىنى تۈزىتىش، خۇراپاتلىقنى يوق قىلىپ،  جەمىيەتنى ئىسلاھات قىلىش، ئىسلام ئەخلاقىنى تىرىلدۈرۈش ،مەرىپەت ۋە ئىسلاھاتچىلىق ئىدىيىسى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق مەزمۇنلارنى بايان قىلغان.

ئابدىقادىر داموللامنىڭ بۇ ئېسىل ئەسىرى ئەينى ۋاقىتتا مىللەتنىڭ ئىڭىغا سىڭگەن،ھورۇنلۇق ، ئۈمۈتسىزلىك، قۇللۇق جۈرئەتسىزلىكتىن،ئەخلاقى بۇزۇلۇشلاردىن كىلىپ چىققان،خارلىق ، روھسىزلىق،جاھللىق ،قاششاڭلىق،نادانلىق  ،نامراتلىق ، چارىسىزلىكتىن قۇتۇلۇش يوللىرىنىڭ شام چىراغى بولغان.

         شۇ ئەسەردە يەنە ئەر -ئايالارنىڭ ھەممىسىگە پەرھىز قىلىنغان ئىلىم ئۈگىنىشنى تار مەناغا يىغىنچاقلىشنىڭ زىيانلىرى، بىلىم ھۈنەر بىلمەسلىك ئۇنىڭغا ئىنتىلمەسلىكنىڭ قۇللۇققا ،خار-  زەبۇنلۇققا باشلايدىغانلىقى، كەلگۈسى ئەۋلاتلارنى تەربىيلەشنىڭ تەخىرسىزلىگى، مىللەتنى زاۋاللىقتىن قۇتقۇزۇشتا ئالىملارنىڭ ۋەزىپە مەسئۇلىيىتى جانلىق شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

         ھەر بىر ئىنسان ئۆزىنى تونۇپ ،مۇسۇلمانلىق بۇرچىنى ئادا قىلىشى كىرەكلىكى ۋە غەپلەتتىن ئويغانمىغاندا كىلىپ چىقىدىغان  ۋەتەن مۇنقەرىزلىگى،جىسمانى مەجرۇھلۇق   ۋە روھى قۇللۇق ، شۇناقلا دىنى يوقتىشلار ئەسكەرتىلگەن.

         «بۇ زامان غەپلەت ۋە بىپەرۋالىق زامانى ئەمەس، ئويغىنىش ۋە سەزگۈرلۈك زامانىدۇر.» دەپ  دىنى ۋە ئىلمى نوقتىدىن چىقىش قىلىپ، كىشىلەرنى ترىشچانلىققا،ئىجتىھات بىلەن ئىش قىلىشقا ، پىداكار ۋە مەسئۇلىيەتچن بولۇشقا  چاقىرغان.

         تىل ۋە ئىپادىلەش ئۇسلۇبى جەھەتتىن ماۋزۇسىغا ۋە ئوبىكتىغا ماسلاشقان ئاممىباپ، چۈشىنىشلىك يۈرەككە تىگىدىغان جانلىق ، ئوچۇق- يورۇق كەسكىن، ئەقلى ۋە دىنى مەنتىقە جۈملىلەر ۋە گۈزەل سۆزلەرنى تاللاپ ئىشلەتكەن بۇلۇپ ، كەسكىن خىتاپ ئارقىلىق مەزمۇن ۋايىغا يەتكۈزبلگەن.

       بۇ ئارقىلىق ئاپتۇرنىڭ،ئىسلامى گۈزەل ئەخلاقى، غايىىسى، چۇڭقۇر تەپەككۇرى ۋە تىل بايلىقى جۈرئەتلىك پىداكار مەسئۇلىيەتچان كىشلىك خاراكتىرى يۇرۇتۇپ بىرىلگەن.

      بۇ ئەسەر كەڭ خەلق ئاممىسىغا تەشۋىق قىلىنىپ، نۇرغۇن ئالىم – ئۆلىمالىرىىمىز ، شائىرلىرىمىز خەلىقنى ئويغىتىش ئۈچۈن ئىسسىق جانلىرىنى پىدا قىلغان ،كەلگۈسى بالايى مۇسىبەتتىن ئەسكەرتكەن ، خەلىقنى دەس تۇرۇشقا چاقىرغان بولسىمۇ، بىر ئەسىردىن ئاشقان بۈگۈنكى كۈنىمىزگە نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، ھالىمىزنىڭ  بۇرۇنقىدىنمۇ بەتتەر  ئىكەنىكىنى كۆرىۋاتىمىز.

     كىشىلەر ئەقىل – پاراسەت ۋە گۈللىنىشنىڭ يېڭى سەھىپىلىرىنى ئېچىۋاتقاندا، بىز ئۆتمۈش ۋە ئەتە ھەققىدە ئويلىنىشنىڭ قەرزلىرىگە بوغۇلۇپ كەتتۇق. پانىي دۇنيانىڭ قەرزىنى ئادا قىلمىغان ئادەم باقىي دۇنيانىڭ جەننىتىگىمۇ ئېرىشەلمەيدىغۇ؟

      ئاللاھ كىمگە قانچېلىك ئىقتىدار ۋە شارائېت بەرگەن بولسا، ئۇ كىشىدە شۇنچىلىك مەسئۇلىيەت يۈكلەنگەن بولىدۇ . بىر ئادەمنىڭ قولىدا بارى ئۇنىڭ غەلبىسى بولمىغاندەك ، ئۆز ئىلكىدە يوقلىقى ئۇنىڭ مەغلۇبىيىتى ئەمەس . بەلكى بۇ ھەر قانداق بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن سىناق .  شۇنى ئۇنۇتماسلىقىمىز لازىمكى، ئاللاھ بەرگەن ھەر بىر نېئمەتنىڭ كەينىدە بىر سۇئال – سوراق بار ……! ھەر بىر قىسمەتلىرىنىڭ كەينىدە يەنە بىر ئۈندەش بار.

      ھازىر ۋەتىنىمىزدىكى ئىرقى يوقىتىش سىياسىتى بىزنى يارنىڭ لىۋىگە قىستاپ ،جان تالىشىشقا ئىلىپ كەلدى . مەۋجۇتلىقىمىز تارىختىن بىرى ھىچقاچان ھازىرقىدەك ئېغىر خىرىسقا دۇچ كەلگەن ئەمەس.

      ھازىر بىز دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلە دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر مىللەت ۋە قەۋم دۇچ كەلگەن مەسىلىسىدىن نەچچە ھەسسە ئېغىر ۋە مۇرەككەپ ، دۇنيادا بىزدەك سىناققا دۇچ كەلگەنلەر ئاز بولمىسىمۇ ، لىكىن بىزدەك ئىنكاس قايتۇرغانلار ھېچيەردە يوق دېسەك، ھەرگىزمۇ ئاشۇرۋەتكەن بولمايمىز .

ھازىرقى مەسىلە ئەسىرلەر بويى بىزنىڭ دىنى ، مىللي ، ئىنسانى ۋە ھەققانى رىزىقلىرىمىزدىن مەھرۇم ھالدا ، دۇچ كېلىۋاتقان بارلىق مەسىلىلىرىمىزدىن ئۆزېمىزنى قاچۇرۇپ ، كۆزىمىزنى يۇمۇپ ياشاۋاتقانلىقىمىزدۇر.

       دېمەك، سەن كۈچلۈك بولالمىغانىكەنسەن ، بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ يىپ ئۇچى ئالدى بىلەن ئۆزۈڭدە بولىدۇ. سەن ئۆز تەقدىرىڭنى ئۆزەڭ ئۆزگەرتمىسەڭ، يات بىراۋلار ئۆزگەرتىپ قوياتتىمۇ؟

       بىز دۇنيادىكى ئۆزېمىزگە ئوخشاش تەقدىرداشلار ئېچىدە باشقېلار قىلغاننى قىلىپ قاملاشتۇرالمىدۇق . ئىرادىمىزنىڭ سۇسلىقى ۋە پىسخىكىمىزدىكى ئاجىزلىقى  سەۋەپلىك ئۇنى قەتئى داۋاملاشتۇرۇشتىن ۋاز كەچتۇق . ئەسلىدە ئىرادە ھەر قانداق ئاتوم بومبېسىدىنمۇ كۈچلۈك قۇرال ئىدى .ئەپسۇس ئاچچىق ئىبرەتلىك تارىخ قايتا- قايتا تەكرارلىنىپ،  روھى جاراھەتلىرىمىزگە ئاچچىق تۇز سەپكان بولسىمۇ نۇرغۇن كشىلىرىمىز تىخى چۈچىغىنى ،جىددى  رىئاللىقنى چۈشەنگىنى .

ئۇنداقتا قانداق قىلىش كىرەك ؟

      سىز سان ئۆزگىرىشى سۈپەت ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىغا ئىشىنەمسىز؟

ئىسىڭىزگە دومىنو تاختىسى ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ بىقىڭ ، كىچىك تاختا پارچىسى يىقىلىپ يىنىدىكى ئازراق چوڭ بولغان يەنە بىر تاختا پارچىسىنى يىقىتىدۇ ،ئۇ يىنىدىكىنى يىقىتىدۇ، كىچىكىنە ئۆزگىرىش چوڭ ئۆزگىىشلەرنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ ،شۇڭا كىچىكىنە سىز چوڭ ئىلگىرىلەشكە ۋەسىلە بوپ قىلىشىڭز مۇمكىن.

         ئىشلىرىنى تولۇق ئورۇندىغان ئادەم ئۆزى ئىز قالدۇرغان ھەربىر تۈنۈگۈننى خۇشاللىق بىلەن ئۇزىتىپ قويالايدۇ، شۇنىڭدەك ھەربىر ئەتىنى كۆڭلى توق، ئىشەنچلىك ھالدا قارشى ئالالايدۇ. بىراق ئىشلىرى چالا قالغان ئادەم ياكى ئىنسانىي ھاياتتىكى ئەڭ ئىپتىدائىي ھاجەتلەرگە باغلىنىپ، ئۇنىڭدىن ئاشالمىغان ئادەم نېمە قىلىشى مۇمكىن؟

       مەيلى نىمە ئىش قىلايلى، ئۆزىمىزدىن، ئائىلىمىزدىن باشلاپ ئۆزىمىزنىڭ ساھەسىدە توختىماي ئىلگىرلىشىمىز كىرەك ، يىڭىچە تەپەككۇر شەكىللىرىنى ماھىرلىق بىلەن ئىگەلەپ، كەسىپلىشىشكە، ئۆزىمىزنى كۈچلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرىشىمىز، ئېلىپ بېرىۋاتقان كۆرەشلىرىمىزدە يىڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىشىمىز كىرەك . روھلۇق بولۇپ، بالىرىمىزغا،  ئەتراپىمىزدىكىلەرگە ئاكتىپ ئىنىرگىيە  تارقىتىشىمىز،مىللى مەدىنىيىتىمىز ۋە تىل يىزىقلىرىمىزنى ساقلاپ قىلىشقا ئالاھىدە كۈچ چىقىرىشىمىز لازىم. كىچىك ئىشلارنى قىلالمىساق ۋەتەننى قايتا قۇرۇشتەك ئۇلۇغۋار مەقسەتلىرىمىز قانداقمۇ روياپقا چىقسۇن ؟ ئادەم ئۆز كاللىسىدا ئازات بولماي تۇرۇپ، رىاللىقتا ئازات بولالمايدۇ. ئىلىم ئىنسان تەرىپىدىن كاتىگورىيەلەشتۈرۈلگەن  ياراتقۇچىنىڭ قانۇنىيەتلىرى ، ئۇنى پەقەت ئۈگىنىش ئۆزلۈكسىز تىرىشىش ئارقىلىق چۈشىنەلەيمىز. قۇرئان ئايەتلىرىنى، ھەدىسلەرنى  تەپەككۇر قىلىشىمىز ،قىلغاندىمۇ ئىلىم بىلەن  ئەقلى تەپەككۇر قىلىشىمىز كىرەك.

 ھەمەيلەن ئىلىم يولۇچىلىىرىغا ئايلانساق ،ئۆزىمىزنىڭ ساھەسىدە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ۋەتىنىمىز نى قۇتقۇزۇشقا ئاتلىنالىساق  ،دۈشمەنگە بولغان نەپرىتىمىزنى كۈچكە ئايلاندۇرالىساق ، روھىمىزدىكى قۇللۇق ، پاسسىپلىق زەنجىرلىرىنى ئۈزۈپ تاشلىيالىساق، ئۆز ئىچىمىزگە مىھرىبان كەڭ قورساق، دۈشمەنگە قەتئى بولالىساق، جۈملىدىن» نەسىھەتى ئامما» دىكى ئىسلام ئەخلاقىنىڭ روھىي بويىچە ياشىيالىساق ،ياشنىتالىساقلا ،ئاللاھ بىزنى ئەزىز قىلىشقا ئىلۋەتتە قادىردۇر.  ئاجىز ، مەڭگۈ ئاجىز بولىۋەرمەيدۇ .كۈچلۈكمڭ مەڭگۈ كۈچلۈك پىتى قېلىۋەرمەيدۇ. كۈچلۈكنىڭ ئاجىزلىقى بولغاندەك ،ئاجىزنىڭمۇ كۈچلۈك تەرىپى بولىدۇ.  گەپ ئۇنى  قانداق ئىدراك قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن قانداق پايدىلىنىشتا.

تۇنجى قېتىملىق ئىلىم چېيىدىكى نادىر ماقالىلەر

2021- يىلى 6-ئاينىڭ 11-كنى ئىستانبۇل

جاۋاب يېزىش