ئۇۋا ساپتۇ بىر قۇش ئۆيۈمگە


       كۈندۈزئاي ھامۇت
—— سۆيۈملۈك ھەدەمنىڭ خاتىرىسىدىن

ئۇۋا ساپتۇ بىر قۇش ئۆيۈمگە،
پەرۋىش قىپتۇ باچكىلارنى ھەم،
ئەسلى بىلسەم ئەتىۋار ئىكەن،
— ئۆلتۈرەرمۇ؟ —دەپ يۈرمەپتۇ غەم.

قۇش ئانىدىن سۆيۈندۈم شۈنچە،
خۇددى ئەنقا قونغاندەك تۇيغۇم.
ئۇيغۇر ئاتا دەر ئىدى : قىزىم،
قۇشلار كىرسە ،بۇ بەختكە ئۇدۇم .

ھاياتلىققا تەلپۈنەر باچكا،
قانات كېرىپ ئۇچۇش ئۈمىدى.
زوقۇم بىلەن قاراپ ئۇۋىغا،
خىياللىرىم ئۇپۇق ھالقىدى.

كۆز ئالدىمدا ئۇۋىسىز ئۇيغۇر،
بوغۇچلانغان ئۇيغۇر باچكىلار.
قىرغىنچىلىق دەستىدە ھالسىز،
ئۇيغۇر چۈشى ئەركىن ئۇچۇشلار.

ئۇۋا ساپتۇ بى قۇش ئۆيۈمگە،
تىنچ ھىس قىپ ئۇيغۇر ئۆيىنى.
مەنمۇ قوغداپ ھاياتلىقنى تەڭ،
ئىشلەتمەيمەن ئۇشبۇ مورىنى.

ھالا بۈگۈن ئۇيغۇرغا دۇنيا،
تار كەلمەكتە ، نەپەسلىنىش تەس.
ئىنسان شەكلى مىغ-مىغ بولسىمۇ،
ئىنسانلىقچۈن قاغجىرايدۇ ئەس.

نىدا قىلدىم دېڭىزغا قاراپ:
نېسىپ بولسۇن ئۇيغۇرغا ئۇۋا!
بۇ قۇش كەتسە كەلگەن يېرىگە،
تۇيغۇم كېتەر ئانا ۋەتەنگە.

ئامېرىكىدا مەنمۇ قۇش كەبى،
ئەي قىلارمەن ئۇيغۇر باچكىنى.
ئۇچۇرۇم بولسا راۋرۇس ياراملىق،
ۋەتىنىمدە ياسار چاڭگىنى.

  2021. – 06-25 شىۋىتسىيە

جاۋاب يېزىش