پىشىپ قاپتۇ ۋەتەندە ئۆرۈك

 كۈندۈزاي ھامۇت

پىشىپ قاپتۇ ۋەتەندە ئۆرۈك،
سارغىيىپتۇ خۇددى كۆڭلۈمدەك.
تەمى كەتمەس لېۋىمدىن ھەرگىز،
بىراق قەلبىم ئاچچىق بىر مۇچتەك.

ئېسىڭدىمۇ بەيگە مەيدانى،
بۇلاق بېشى، ئۇلاق بازىرى.
ئۇيغۇر ئاققان دۆڭكۆۋرۈكمۇ ھەم،
مèۋە تۆكمە رامىزان ئاخشىمى.

قۇياش سۆيگەن ئۇپۇقلار قىزدەك،
قىزىرىدۇ قىزىل لالىدەك.
شۇ قۇياشمۇ سۆيەر ئۇيغۇرنى،
قىز- چوكانلار بولسا نازۇكتەك.

ئېسىڭدىمۇ سېھىرلىك ئالما،
چىنتۆمۈرنىڭ كۆزىنى ئاچقان.
ھالا بۈگۈن بەزىلەر ئۇخلار،
قانچە قۇياش بېشىدىن قاچقان؟

قۇياش بېرەر جانلارغا ئۈمىد،
نېنىم قۇياش، ئادالىتىم ھەم.
تىتىلغان تەن،  قىزارغان كۆزلەر،
قۇياش كۈتۈپ ئازاپلارغا يەم.

ئېسىڭدىمۇ ئورما ئورغانلار،
بارمۇ ئۇلار ئېتىزىدا ساق؟
چۆلنى بوستان قىلغان باغۋەنلەر،
بۈگۈن نەدە ؟! ئەتراپىڭغا باق.

ساق قالمىدى ئالىم-ئۆلىما،
ياقا يىرتقان باققال، موزدۇزمۇ،
تۇغۇلمىغان ھامىلە ھەتتا،
قۇياش كۈتكەن ئۇيغۇر قىزىمۇ.

قايسىسىغا  يىغلاي مەن بۈگۈن.
يالماۋۇزنىڭ نەپسى تويمىسا.
مەھتۇمسۇلا سارغىيار شۇنداق،
» چىنتۆمۈر» لەر كۆزى كور بولسا.

ئوغۇزخاندەك باشچىمىز  بولسۇن،
نەرە تارتقان » بۆرە»لەر تولسۇن.
ھۆرلۈك ئۈچۈن ئۇيۇشسا ئۇيغۇر،
كۆك ئاسماندا قۇياشىم كۈلسۇن!
  2018-05-23 شىۋىتسىيە

جاۋاب يېزىش