ئاۋازسىزلارنىڭ ئاۋازى

ئۆز مۇخبىىمىز خەۋىرى

ئانا، ئۇ ھەر بىر ئىنسان ئۈچۈن سۆيگۈ ۋە ئىلھامنىڭ قايناق بۇلىغى.

ئانا، ئۇ ئۇ ئىپتىدائىي جامائەت ۋە پۈتكۈل جەمئىيەت ئۇيۇشمىسىنىڭ دائىملىق تەشكىلاتچىسى.

ئانا، ئۇ تەلىم ۋە ئىنسانىي مۆرۈۋەتنىڭ پىداكار قوغدۇغۇچىسى.

ئانا، ئۇ مىنىڭ ئانام،  سىزنىڭ ئانىڭىز، ئۇنىڭ ئانىسى ، شۇنداقلا پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئانىسى. چۇنكى دۇنيادا  ھېچقانداق بىر مەۋجۇدات  ئانىسىز مەۋجۇت بولمايدۇ. ئانىنىڭ دۇئاسى بەرىكەت، ئانىنىڭ ئايىغى جەننەت. بىراق بۈگۈنكى كۈندە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ ئانىلىرىمىز  يېنىمىزدا يوق.

بىز شۇ ئانىلىرىمىزنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ، ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى بىۋاستا ئالالمايمىز. ھەتتا ئانىلىرىمىزنىڭ ئايىغىدىكى شۇ جەننەتتىن بىر ئۇچۇم توپا ئېلىپ پىشانىمىزگە سۈرتۈشمۇ بىزگە نىسىپ بولمايدۇ.   

بۈگۈنكى ئانىلار بايرىمى كۈنىدە ، بىز  يىڭىدىن قۇرۇلغان  دۇنيا ئۇيغۇر  ئانا يازغۇچىلار بىرلىگى ۋە ئانىلار تورى نامىدىن ئەنە شۇ يۈرىگى پەرزەنت مېھرىگە تەشنا بولىۋاتقان ئانىلارنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىنى باغرىغا بالدۇرراق تېڭىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرۈش بىلەن بىر چاغدا،  ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق ئانىلىرىمىزنىڭ ئانىلار بايرىمىنى چىن يۈرىگىمىزدىن تەبىرىكلەيمىز. بارلىق ئانىلىرىمىزغا جانابىي ئاللاھدىن سالامەتلىك ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمىز.

بىز ئۇيغۇر ئانىلىرى ئۈچۈن ئەنە شۇنداق ھەسرەتلىك كۈنلەردە، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئانا يازغۇچىلار ھەسرەتلىك كۆز ياشلىرىنى سۈرتىۋتىپ، قوللىرىغا قەلەملىرىنى ئېلىپ،ئانىلىرىغا بولغان سېغىنىشلىرىنى، ھەسرەتلىك كۆز ياشلىرىنى،سۆيگە مۇھاببىتىنى ئۆزگىچە ئۇسۇلدا ئىپادىلىمەكتە. ئۇلار ئانىلار تورىنى ئۆزلىرىنىڭ ئەدەبىيات سەھنىسى، قەلەم بىلەن كۆرەش قىلىدىغان جەڭ مەيدانى دەپ بىلمەكتە. ئانىلار تورى قۇرۇلغان قىسقىغىنە ئۈچ يىل ئىچىدە،  بۇ تور ئۇيغۇر ئانا يازغۇچىلىرىنىڭ قايناق ھاياتقا تولغان  كۈچلۈك بىر ئەدەبىي مىلودىيەسىنى شەكىللەندۈردى. ئۇلار قوللىرىدىكى ئۆتكۈر قەلەملىرى بىلەن ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇر ئانا يازغۇچىلارنىڭ، ئانىلارنىڭ، ئۇيغۇر خانىم قىزلىرىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان ئېغىر كۈلپەتلىرىنى ئوخشىمىغان ژانىرلار بىلەن ئىپادىلەپ، ئۇيغۇرنى پۈتۈن دۇنياغا ئاڭلىتىشقا ئۆزلىرىنىڭ تىگىشلىك ھەسسىسىنى قوشماقتا.

        ئانىلار تورى،2018- يىلى 2-ئايدا،پىشقەدەم ۋەتەنپەرۋەر يازغۇچى دىلدار ئەزىز خانىمنىڭ تەشەببۇسى ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى قوللىغۇچىلىرىنىڭ ھەقسىز، مىھنەتسىز ئەجىر سىڭدۈرىشى بىلەن قۇرۇلغان بولۇپ،ئانىلار تورى قۇرۇلغاندىن تارتىپ  تا- ھازىرغىچە بولغان قىسقىغىنە ئۈچ  يىل جەريانىدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئانا يازغۇچىلارنىڭ ئۈچ  يۈز پارچىدىن  ئارتۇق ھەرخىل ژانىردىكى ئىجادىي، ئەدەبىي  ۋە ئىلمى  ئەسەرلەر،شۇنداقلا دۇنياغا تونۇلغان چەتئەل يازغۇچىلىرىنىڭ تەرجىمە ئەسەرلەر ۋە ئوبزۇرلار ئىلان قىلىندى.

     ئانىلار تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ،20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدىن باشلاپلا ئۆزىنىڭ ھەر خىل ژانىرلاردىكى ئەدەبىي ئەسەرلىرى بىلەن  خەلق ئىچىدە تونۇلۇپ، ۋەتەندە خالىدە ئىسرائىل ۋە چىمەنگۈل ئاۋۇتلار  بىلەن بىر قاتاردا قەدىرلەنگەن ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان پىشقەدەم يازغۇچى ۋە پەلسەپە پەنلىرى بويىچە دوكتۇرلۇق تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان دىلدار ئەزىز خانىم بولۇپ،ئۇنىڭ ۋەتەندە 10 پارچە ئەەبىي كىتاۋى ئۇيغۇر تىلىدا، بىر پارچە ئىلمي تەتقىقات كىتاۋى ڧىرانسۇز تىلىدا ۋە نۇرغۇنلىغان ئىلمىي ماقالىلىرى خىتاي ۋە ئەنگىلىز تىللىرىدا نەشىر قىلىنغان.  ئۇ 2012 – يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئامرىكا مەدەنىيەت جەمىيىتىنى قۇردى ۋە  خىزمەتلەرنى خالىس ئىشلەپ  كەلدى.  شۇنچە يىلدىن بىرى بۇنىڭ ئۈچۈن ھېچيەردىن بىر تەڭگە مائاش ئالمىدى، ئۆزىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ تاپقان پۇلىنى سەرىپ قىلىپ، ئۈن- تۈنسىز ھالدا مىللەتنىڭ خىزمىتىدە بولدى. بۇ جەرياندا ئۇ ئەسەرلىرىنى ئۇيغۇر ئانا تىلىدا، فىرانسۇز تىلىدا، ئەنگىلىز تىلىدا ۋە خىتاي تىلىدا  يېزىشنى توختاتمىدى. ئۇنىڭ  ئىشلىگەن خىزمەتلىرى ۋە نەتىجىلىرى ئاخىرى كىشىلەرنىڭ قايىللىقىغا،ۋە يۇقۇرى باھاسىغا نائىل بولدى.

        ئانىلار تورى دۇنيادىكى ئۇيغۇر ئانا يازغۇچىلىرىنى ئەسەرى ئارقىلىق ئۆز -ئارا  ئۇچراشتۇرىدىغان، بىر -بىرىدىن ئۈگنىدىغان خاسىيەتلىك سەھنىلا بوپ قالماستىن، ئۇ يەنە تېخىمۇ كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئانا يازغۇچىلارنى يىتىلدۈرۈپ چىقىدىغان ئىجادىيەت بۆشگى. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئانا يازغۇچىلارنىڭ  ئايدا بىر قىتىم ئۆتكۈزىلىدىغان توردىكى قەرەللىك  يۈز كۆرۈشۈشى ۋە پىكىر ئالماشتۇرىشى بولسا، ئۇلار ئۈچۈن  بىر- بىرىدىن كۈچ قۇۋۋەت ئالىدىغان ئىلھام بۇلىقى.

    ئانىلار تورىدا ئىلان قىلىنغان ماقالىلار ئۈچۈن ھېچقانداق چەكلىمە يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممەيلەن ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەڭ  موھىم دەپ قارىغان، ئۆزلىرىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن ھەر قانداق تىمىلاردا ماقالىلارنى يېزىپ يوللىغاندىن كىيىن،ئانىلار تورىنىڭ خالىس مۇھەررىرلىرى ۋە كورىكتۇرلىرىنىڭ قولىدىن ئۆتىدۇ ۋە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىلان قىلىنىپ ،جامائەت بىلەن يۈز كۆرىشەلەيدۇ.

      ئەدەبىيات، رىئال تۇرمۇشنىڭ قەغەز يۈزىدىكى كارتىنىسى. دىققەت قىلىپ قارايدىغان بولساق ئانىلار تورىدىكى ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك،ۋەتەن، مىللەتكە بولغان سۆيگۈ – مۇھاببەت بىلەن تولغان بولۇپ، ۋەتەن مىللەتنىڭ ھازىرقى تەقدىىرىگە بولغان غەم-قايغۇمۇ مەلۇم سالماقنى ئىگەللەيدۇ. بولۇپمۇ ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ  خىتاي كۆچمەنلىرىگە  ياتلىق بولۇشقا مەجبۇرلىنىشى،يوقاپ كەتكەن پەرزەنتلىرى ئۈچۈن زارلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئانىلىرىنىڭ كۆز ياشلىرى ۋە نالە – پەرياتلىرى قاتارلىقلارمۇ كىشىنىڭ دىقىتىنى تارتىدۇ.

      ئانىلار تورىدا يەنە ئامرىكىنىڭ نوۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيىتى ۋە باشقا مەزمۇنلارمۇ ئۆز نۆۋىتىدە مەلۇم سالماقنى ئىگەللەيدۇ. ئانىلار تورى خەۋەرلەر، ئاياللار ئەدەبىياتى،تۆھپىكار ئاياللار، ئاياللار ۋە بالىلار ساغلاملىقى قاتارلىق بىر نەچچە تۈرلۈك سەھىپىلەرنى ئۆ ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ھەر قايسى سەھىپىنىڭ مەخسۇس مەسئۇل خادىملىرى بار.

      ئانىلار تورى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر ئانا يازغۇچىلار بىرلىگى، ئۇيغۇر ئامېرىكا مەدەنىيەت جەمىيىتىنىڭ قارمىغىدىكى ئورگان بولۇپ، ئۇيغۇر ئامېرىكا مەدەنىيەت جەمىيىتى 2012 يىلى 12- ئايدا دىلدار ئەزىز خانىمنىڭ تىرىشچانلىغى  بىلەن قۇرۇلغان ، 2014 – يىلى ئاۋغۇسىتنىڭ 10- كۈنى  بۇ ئورگان باج كەچۈرۈم  قىلىندىغان ئورگان بولۇپ رەسمىي تەستىقلانغان

      2014 –   يىلى ئاۋغۇسىتا ئامرىكىنىڭ ۋاشىڭتون شەھرى،ئەركىنلىك مەيدانىدا ئۆتكۈزلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت ڧېستىۋالى دەل ئۇيغۇر ئامېرىكا مەدەنىيەت جەمىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەت بولۇپ، بۇ پالىيەتكە ئامرىكىدىكى داڭلىق سناتورلاردىن جامىس كارېى روسپېپې ئەپەندى قاتناشتى ۋە لىنتە كەستى.  ئۇ ئۇيغۇر جامائەتىدىن ئۇيغۇر تىلىدا ئەھۋال سوراش ئارقىلىق، پۈتۈن يېغىن قاتناشچىلىرىنى باشقىدىن ھاياجانغا سالدى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىدىكى ئالى دەرىجىلىك دىپلومات ماي گرورى ۋە باشقا خادىملارمۇ بۇ پالىيەتنى باشتىن ئاخىرى قوللىدى ۋە ئىشتىراك قىلدى.

ئامېرىكىدىكى ياشلاردىن ئايدىن ئەنىۋەر قاتارلىق خېلى كۆپ  بىر قىسىم  ئۇيغۇر ياشلار بۇ پالىيەتنى باشتىن ئاخىرى قوللىدى ۋە بۇ پالىيەتنىڭ خىزمەتلىرىدە بولدى.  دوكتۇر گۇلناز ئابدۇقادىر خانىم ئېنگىلىز تىلىدا ئانا ۋەتىنىمىزدە   سېستىماتىك ۋەيران قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر مۇئارىپىنى جىددى قۇتقۇزۇش ھەققىدە سۆزگە چىقىپ، ئامرىكىلىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇيغۇر مائارىپى ۋە ئۇيغۇرلارغا  بولغان دىققىتىنى قوزغىدى.  ۋەتەننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئىۋەتىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قولى ئارقىلىق تەييارلانغان قول ھۈنەر مەھسۇلاتلىرىمۇ بۇ پالىيەتكە ھۆسۈن قوشتى. ۋاشىڭتون مەمۇرى رايۇن ئەتىراپىدىكى ئۇيغۇر خانىملار ئۆيلىرىدە ياسىغان ھەر خىل يىمەكلىكلەرنى كۆتۈرپ كېلىپ،يېغىن قاتناشچىلىرىغا ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇردى.  مانا بۇ ئوچۇق جامائەت سورىۇنىدا ئۆتكۈزلگەن ئۇيغۇرنى، ئۇيغۇرنىڭ ئەڭ گۈزەل مەدەنىيىتى ئارقىلىق تونۇتۇش پالىيىتىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى تەسىرى ناھايتى زور بولدى، پائالىيەت ئىشىتىراكچىلىرى خېلى يىللارغىچە شۇ قىتىمقى پالىيەتنى ھاياجان بىلەن تىلغا ئېلىشتى.

    بۈگۈنكى كۈندە،ئۆزلىرىنىڭ مىللەت، ۋەتەن ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتىنى قايتىدىن تونۇپ يەتكەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئانا يازغۇچىلار بىر نىيەت ۋە بىر مەقسەتتە ئانىلار تورى ئەتىراپىغا  ئۇيۇشۇپ، دۇنيا ئانا يازغۇچىلار بىرلىگىدىن ئىبارەت، پەقەت ئانىلار ئىچىدىكى بىلىملىك،  تەپەككۇر ئىگىلىرىگىلا مەنسۇپ بولغان كۈچلۈك بىر ئانا يازغۇچىلار قوشۇنىنى شەكىللەندۈردى.

ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى،‌ قەيسەرلىكى بىلەن  تارىخقا قانداق داستانلارنى‌ يازغان بولسا، ھېلىھەممۇ شۇ ئىرادىسى بىلەن يات تۇپراقلاردىكى تۈرلۈك – تۈمەن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھايات مۇساپىسىغا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرماقتا.

دۇنيا ئۇيغۇر ئانا يازغۇچىلار بىرلىكى ۋە ئانىلار تورى ئەنە شۇنداق پىداكار، ئوت يۈرەك ئانىلارنىڭ قەلەملىرى بىلەن ئات چاپتۇردىغان سەيناسىدۇر.

بىز بۈگۈنكى ئانىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن سۆيۈملۈك دىلدار ئەزىز خانىمنى ۋە ئانا يازغۇچىلار بىرلىكىدىكى بارلىق قەلەمكەش ئانىلارنى، ئانىلار تورىنىڭ بارلىق يازغۇچى ئەزالىرنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز،ھەممەيلەننىڭ  بۇنىڭدىن كېيىنكى قەدىمىگە تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەر تىلەيمىز.

2021- يىلى، 6 ماي، ۋاشىڭتون   

جاۋاب يېزىش