مۇھەببەتنى ئەرز قىلىمەن

ئابىدە ئابباس نەسردىن

«يامغۇرنى ياخشى كۆرەتتى..» دەيسەن،

ھەرقېتىملىق يامغۇر مېنى ئەسلىتىش ئۈچۈنلا ياغىدىغاندەك،

ئاسمان يۈزۈمدەك،

يەر سۈكۈتۈمدەك تۇيۇلىدۇ.

قىممەتلىك ئىكەنلىكىڭنى ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئېگىلىشىمدەك،

نۇقسانسىز ئەگرىلىكنى ھېچيەردىن تاپالمىغاندا،

تىنچسىزلىقتىن نەپەسلىنىسەن.

غېرىب بولۇپ قالساممۇ،

مۇھتاجلىقىمغا مۇھتاجلىقنى،

چىدىغۇسىزلىقىمغا چىدىغۇسىزلىقنى تېڭىپ،

قايتا – قايتا ئۈمىد بىلەن كەلگىنىمدەك،

ئۈمىدسىزلىكتىن تەكرار – تەكرار تىترەۋېتىپ،

غايىپ بولۇپ كېتىشنى ئىستەيسەن،

تامچىلاردىن شۈركىنىسەن.

ھەممە مەن بىلەن بىرىكىپ كەتكەندە،

.پۇشايمان» دېگەن خەتتىن ئىختىيارسىز ئىسمىمنى ئوقۇپ سالىسەن «

نېمە قىلساڭ قىل!

ئىچىڭدىن  تېشىڭغا قاچالمايسەن…

سېنى سۆيگىنىم ئۈچۈنلا، مېنى سۆيمىگەن بولساڭ، بۇ قەدەر ئازاپلانماس ئىدۇق….

ھەرنېمە قىلدى مۇھەببەت،

مۇھەببەتنى ئەرز قىلىمەن.

ئىستانبۇل

جاۋاب يېزىش