جەمىيەت ئەھدىنامىسى ئۈچۈنچى قىسىم

ئەڭ قۇدرەتلىكلەرنىڭ ھوقوقىي توغۇرسىدا

جېان جاك روسسۇ

ڧرانسۇزچىدىن دىلدار ئەزىز تەرجىمىسى

ئەڭ قۇدرەتلىك ھۆكۈمرانلارنىڭ سەلتەنىتىمۇ مەڭگۈلۈك بولمايدۇ. ئەگەر ئۇلار ئۆزىدىكى مەجبۇرلاش كۈچىنى ھوقۇققا،بوي سۇنۇشنى مەجبۇرىيەتكە   ئايلاندۇرىۋالسا، ئۇ چاغدا ئىشلار باشقىچە بولىدۇ. كۈچلۈكلەرنىڭ ھوقۇقى مانا مۇشۇنىڭدىن  بارلىققا كەلگەن. بۇ خىل ھوقۇق قارىماققا خۇددى بىر مەسخىرىدەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنى «پرىنسىپ» دەپ قارايدۇ. ئەپسۇس،كىشىلەر بۇ ئاتالغۇنىڭ مەنىسىنى  بىزگە چۈشەندۈرۈپ بېرەلىسىچۇ،كاشكى. مەجبۇرلاش بىرخىل فىزىكىلىق كۈچ، مەن بۇنىڭ تەسىرىدىن ھېچقانداق بىر ئەخلاقنىڭ ھاسىل بولغانلىقىنى كۆرمىدىم. مەجبۇرلاشقا بويۇن ئېگىش، پەقەت زۆرۈرىيەت، بىراق ئۇ ئىنساننىڭ ئىرادىسى ئەمەس. ئۇ ھېچ بولمىغاندا بىر ئاقىلانە ھەركەت،خالاس. قايسى مەنىدىن ئېيتقاندا ئۇ بىر  مەجبۇرىيەت بولالايدۇ؟

بىز ئاللىكىملەرنىڭ مۇشۇنداق مەجبۇرلاش ھوقۇقى بار دەپ قارىساق، مېنىڭچە بولغاندا بۇنىڭ نەتىجىسى شۇكى، ئۇ پەقەت باھانە تاپالمىغاندە دەيدىغان قۇرۇق گەپتىن باشقا نەرسە ئەمەس. چۈنكى ھوقۇقنىڭ مەجبۇرلاش كۈچى شەكىللەنسىلا نەتىجە،سەۋەب تۈپەيلىدىن  ئۆزگىرىدۇ،شۇنىڭ بىلەن دەسلەپتىكى ھوقۇق دائىرىسىدىن ئېشىپ كەتكەن ھەر قانداق بىر مەجبۇرلاش،(كىشىلەرنىڭ) ھوقۇقىنى تارتىۋالىدۇ. ئەگەر كىشىلەر ئىتائەت قىلمىغىنى ئۈچۈن جازاغا تارتىلمىسىلا،ئۇلار تەبىئىي ھالدا بويسۇنماسلىقنى تاللايدۇ. چۈنكى كۈچلۈكلەرنىڭ دېگىنى ھەمىشە ھېساپ بولىۋەرگەچكە،كىشىلەردە بىر ئامال قىلىپ ئۆزىنى ئەڭ كۈچلۈك قىلىپ يېتىلدۈرۈش ئارزۇسى تۇغۇلىدۇ. نەتىجىدە ئەگەر بۇ خىل مەجبۇرلاش كۈچىنىڭ ئاخىرلىشىشى ھوقۇقنىڭ گۇمران بولۇشى بىلەن خۇلاسلىنىدىغان بولسا، بۇنى قانداقمۇ بىر خىل ھوقۇق دېگىلى بولسۇن؟ ئەگەر كىشىلەر ئىتائەت قىلىشقا مەجبۇرلانسا،كىشىلەرنىڭ مەجبۇرىيەت ئۈچۈن بويسۇنۇشىنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. شۇڭلاشقا كىشىلەر بويسۇنۇشقا مەجبۇرلانمىغاندا،ئۇلارنىڭ بويسۇنۇش مەجبۇرىيىتىمۇ بولمايدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى،ھوقۇقتىن ئىبارەت بۇ ئاتالغۇ،كۈچلۈكلەرگە ھېچقانداق ھاياتى كۈچ ئاتا قىلالمايدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتىمۇ يوق.

سىز ھوقۇققا بويسۇنۇشىڭىز كېرەك. ئەگەر بۇنداق دېگەنلىك، مەجبۇرلاشقا بوي سۇنۇش كېرەك دېگەندىن ئىبارەت  بولسا، ئۇنداقتا بۇ بۇيرۇق گەرچە يامان ئەمەستەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ يەنىلا ئارتۇقچە. مەن شۇنداق دەپ ئېيتالايمەنكى، ئۇ بۇيرۇق مەڭگۈ كىشىلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىمايدۇ، چۈنكى بارلىق ھوقۇق تەڭرىدىن كېلىدۇ،- دېيىلىدۇ. مەن بۇنى ئېتىراپ قىلىمەن، بىراق بارلىق كېسەللىكمۇ تەڭرىدىن كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەرنى دوختۇرغا كۆرۈنۈشتىن چەكلەش كېرەكمۇ؟ مەسىلەن، بىر بۇلاڭچى ئورمانلىقنىڭ ئىچىدە مېنى تۇتۇۋالدى ۋە پورتمالىمنى تاپشۇرۇپ بېرىشكە مەجبۇرلىدى. بۇ ۋاقىتتا مەن پورتمالىمنى يوشۇرۇپ قويۇش ئىمكانىيىتىم بار تۇرۇپمۇ، پەقەت ۋىجدان نۇقتىسىدىن ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ بېرىشىم كېرەكمۇ؟ چۈنكى ئۇنىڭ قولىدا تۇتۇپ تۇرغان قورالنىڭ ئۆزىمۇ ئەمەلىيەت بىر خىل ھوقۇق!

ئەمدى بىز شۇنى ئېتىراپ قىلىشمىز كېرەككى، مەجبۇرلاش ھەرگىزمۇ ھوقۇقنى شەكىللەندۈرەلمەيدۇ. كىشىلەرنىڭ پەقەت قانۇنغا بوي سۇنۇش مەجبۇرىيىتىلا بار. مانا ئەمدى بىز ئەسلىدىكى نۇقتىمىزغا قايتىپ كەلدۇق.

كوررىكتور: دىلدار ئايتۇلدى

جاۋاب يېزىش