ياسانما

راشىدا ساىتوۋا ئابدۇسېمەتوۋا

سەن ياسانما، ياسانما جېنىم،

سەن گۆزەلسەن ماڭا ئەزەلدىن.

قاشلىرىڭغا سۈرمە سۈرمىگىن،

ئېسىل خۇما كۆزلىرىڭ ئاندىن.

سەن چېچىڭنى ياسىما جېنىم،

قۇندۇز بولۇپ ئۆسسۇن مەيلىچە.

تال- تال قارا، ئۆرۈملەپ سويلاپ،

سۇمبۇل چېچىڭ چىرايلىق شۇنچە!

قىممەت بۇيۇم ئاسما بوينۇڭغا،

قەددىڭ ماڭا ئىپپەكتەك نازۇك.

ئۇپا- رەڭنىڭ نېمە كېرىگى،

يۈزىڭ ماڭا ئايدىنمۇ سۈزۈك.

ئەتىر چاچما، ھىددىڭنى سېنىڭ،

ئوخشىتىمەن خۇش پۇراق گۈلگە.

قەند دېگەندە قەندىنمۇ تاتلىق،

ئوخشىتارمەن سېنى ھەسەلگە.

تەبىئىيلىگىڭنى قېنىپ سۆيىمەن،

تەبىىئي سېزىم قىممەتتۇر ماڭا.

سەندەك جانان يوقتۇر ئالەمدە،

جاندىن ئارتۇق، جېنىم، سەن ماڭا.

 2021- يىلى 9 مارت ،ياركەنت شەھىرى

جاۋاب يېزىش