سەن كەتتىڭ

(جىيەنىم مىھراينىڭ زۇلۇمدىكى ۋاپاتىغا ئىككى ئاي بولغاندا)

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

مىھراي، سەن كەتتىڭ،

كەتكىنىڭنى بىلدۈرمەي،

ئۆلۈشىمىزنى بىلدۈرۈپ كەتتىڭ.

ئۆلۈمنى بىزلەرگە ئەسلىتىپ كەتتىڭ.

نېمىمىز بىلەن ئەسلىنىشنى، قانداشلىقنى،

قېرىنداشلىقنى ئەسكەرتىپ، ئەسلىتىپ كەتتىڭ.

مىھراي! سەن سۆيمىگەن بولساڭ،

سەبىلەرنى سۆيمىگەن بولساڭ،

سەبى دىللارغا ئانا تىلنىڭ قەسرىنى قۇرمىغان بولساڭ،

يات تىلغا باغلانغان رىشتىنى ئانا تىلغا بۇرىمىغان بولساڭ،

ئانا تىل بىلەن مۇزدەك مۇساپىرلىقنى ئىللىتمىغان بولساڭ،

ئانا تىلىم، ئانامنىڭ تەۋەرۈكى دەپ كۆيمىگەن بولساڭ،

بۇنچە ئەسلىنەرمىدىڭ،بۇنچە ئۇنۇتالماسمىدىم، مىھراي!

سەن كەتتىڭ،

يولۇمنىڭ ھەر دوقمۇشىدا سېنى كۆرمىسەم،

ھەر دوق قىلىش، دوقۇسلىتىشلاردا سېنىڭ تەسەللىيىڭ سېغىندۇرمىسا،

سېنىڭ يوقلۇغۇڭ شۇنچە بىلىنەرمىدى،

سېنى بۇنچە سېغىنارمىدىم مىھراي!

سېنىڭ ئىسمىڭنى مەن قويغان، ئەمما ھاياتىڭنى ماڭا ئوخشار دېمىگەن ئىدىم.

سېنى بۇ يولغا، بۇ خەتەرلىك كويغا مەن سالغان، ئەمما بۇ يول ئۈچۈن جان تىكەر دېمىگەن ئىدىم.

سەن كەتتىڭ، مىھراي،

سېنى باشلىغان بۇ يولدا سەنسىز قالدىم.

سەندىن بۇرۇن چىققان بۇ يولدا،

سەن تەبرىكلەيدىغان، تەسەللى ئېيتىدىغان بو يولدا،

مېنى قويۇپ سەن كەتتىڭ.

سەن كەتتىڭ، مەن كېتىپ قامالغان يەرگە،

قامىلىشىڭنى بىلىپ كەتتىڭ، قامالغانلارنى ئەسلىتىپ كەتتىڭ.

بەلكىم بىلدىڭ قانداق ئۆلۈشنى،

چوغلۇق گۈل بوپ، ھۆرلۈك بولۇپ،

تەكرار ئۈنۈشنى.

سەن كەتتىڭ ئەركەكلىك ئۆلگەن،

ئەركىنلىكلەر كۆمۈلگەن ئەلگە.

ئەرەنچە ئىسىملىك، زەيپانە كىملىكلەرنىڭ ئارىسىغا،

سەن كەتتىڭ، ئەرەنچە تەن، ئەخلەت روھلۇق ئ‍ەرۋاھلارنىڭ قارىسىغا.

سەن كەتتىڭ، ئەركەكتەك ئاتىدىغان بىر دۈشمەننى،

ئاشكارە ئاسىدىغان بىر قاتىلنى،

ئوچۇق مەيدانغا چىقىدىغان بىر زالىمنى،

كۆرەي دەپ كەتتىڭ.

رەقىپكە ئالايغان كۆزلىرىم قالسۇن،

زالىمغا نەپرەتلىك سۆزلىرىم قالسۇن،

دېگەنسەن بەلكىم.

بەلكىم، ئاكام سۆيگەن زېمىندا ئۆلەي دەپ كەتتىڭ،

بوۋاڭ ياتقان تۇپراقنى سۆيەي دەپ كەتتىڭ.

سەن كەتتىڭ، مىھراي،

بۇ سۆيۈملۈك خەتەرنى،

بۇ خەيىرلىك سەپەرنى،

بۇ ھىجرانلىق چۆلنى قالدۇرۇپ كەتتىڭ.

بىلىمەن،

ئەمدى سەن يوق، ئۆلۈم بار،

بۇ يولدا يەنە قان بار، قاۋانلىق بار،

زۇلۇم بار، زاۋاللىق بار،

قۇربانلىق، قاراملىق بار.

بۇ يولدا قورقۇنچ بار، قاباھەت بار.

بۇ يولدا تۆھمەت بار، تالاپەت بار،

بېسىقماس جاھالەت بار،

ئادالەتسىز جامائ‍ەت بار.

بۇ يولدا جاھالەتنىڭ جەۋرى بار،

ئىشىنىتەتتىڭ، ئىشىنىمەن،

بۇ يولدا ھىدايەت بار، مۇھەببەت بار،

جەننەتنىڭ سەۋرى بار.

بۇ يولدا ئ‍ۆچمەنلىكنىڭ ئەمالىقى بار،

ھەسەتنىڭ ھوزۇرى،

ئەقىلنى كور قىلىدىغان،

نادانلىقنىڭ بەرنالىقى بار.

بۇ يولدىكى ساختىلىق، ساپايىكەش جارچىلىق،

ئىستىقبالنى تار قىلىدۇ.

ئۇز كۆرۈنگەن سالاپەت، شۇم چىرايلار،

چىدىماس چېھىرلەر

ئىقباللارنى خار قىلىدۇ.

بىلىش باشقا، ھىس قىلىش باشقا،

چىدىمايتتىڭ سەن قېرىنداشقا،

ئەھۋال سوراپ سۆزلەپ كېتەتتىڭ،

ئاكا! زۇلۇم يەتمەس يىغلاشقا ياشقا.

شۇنداق دەيتتىڭ:

« كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما، سەن نېمىلەرنى كۆرمىگەن ئاكا،

بۇ قانچىلىك ئىش ئىدى ساڭا »

يىغلاپ تۇرۇپ شۇلارنى دەيتتىڭ،

غەمخان ئىدىڭ، غېمىمنى يەيتىڭ.

سېنىڭ كۈلكەڭ ئانامغا ئوخشايتتى،

ئەپۇچانلىقىڭ دادامنى تارتقان ئىدى،

ئاكامدەك يول كۆرسىتەتتىڭ، بەزىدە.

چۈشكۈنلەشكەندە سەن بار ئىدىڭ،

سەن مېنى باغلاپ تۇراتتىڭ ئۈمىتكە، كەلگۈسىگە.

سېنىڭ نەتىجەڭ، ئېرىشكەنلىرىڭ، مېنى باغلايتتى ئىشەنچكە، ئىرادىنىڭ كۈچىگە.

تىرىشچانلىقىڭ بىلەن ھەر زامان يېنىمدا سەن بار ئىدىڭ،

يۈرۈشمەس، پۈتمەس بۇرۇچلارغا سەن يار ئىدىڭ.

تۈگىمەس ئىشلىرىمغا تەييار ئىدىڭ.

سەن بار ئىدىڭ،

ساداسىز پىدايى،

پەرۋانە ئىدىڭ.

كۆتۈرەتتىڭ كايىشلىرىمنى،

جاھىللىقىمنى، كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز تەلەپچانلىقىمنى.

دادام ئۆلگەندە تەمكىن ئىدىم،

ئانامنىڭ ئۆلۈمىنى كۆرەلمىدىم، چىداپ كەتكەن،

ساڭا چىدىمىدىم مىھراي.

قوپاللىقىمغا قېيدىمايدىغان مىھرىڭ،

ئاشۇ سۆيۈملۈك كۈلكەڭ،

مەردانە تۇرقۇڭ، غۇنچىدەك بەختىڭ ئۈچۈن،

تىرىشالمىدىم مىھراي!

سېنى تىللاپ كەتسەممۇ، ساڭا ۋارقىراپ سالساممۇ «ئاكام» دەپ،

ئاكام دەپ بۇقۇلدايتتى، ئۈنلەيتتى ئاجىز ئاۋازىڭ.

چېچىلىپ كەتسەممۇ چارچىمايدىغان،

تېرىپ تۈجۈپىلەپ ئاۋايلايدىغان،

مىھنىتىڭ بىلەن، مىھرىڭ بىلەن ئاۋارە ئىدىڭ.

مەن كەتسەمچۇ، مىھراي،

بۇ يولنىڭ تىكەنلىرى، پالاكەتلىرى، كۈلپەتلىرى مەن بىلەن كەتسە،

بۇ يولدا قايغۇلار، قۇربانلار، قاباھەتلەر، قەستلەر پۈتسە مەن بىلەن.

كەتكەنلەرگە مەن بەدەل بولسام،

يۇيۇلماس خورلۇق، پۈتمەس ئازاپ، ساداسز قىرغىنغا

مەن ئەجەل بولسام.

جاۋاب يېزىش