ھۇزۇرىڭىزنى بۇزۇشقا يول قويماڭ

مۇھەممەد يۈسۈپ

         ئۆزىنى قىيناش، كېلەچەكتىن غەم قىلىش، ئۆتكەن ئىشلارغا قايغۇرۇش روھنىڭ ساپلىقىغا داغ تەككۈزىدىغان، كۆڭۇلنى بىئارام قىلىدىغان، مىجەزدىكى تەڭپۇڭلۇقنى بۇزىدىغان ۋە ئۆزىنى ئەسلى ماھىيىتى بويىچە كۆرۈشتىن توسىدىغان بىر ئاپەتتۇر. بۇ يەردە، بىزنىڭ ئۆلگۈمىز ۋە يولباشچىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەر نامازدا سالام بېرىشتىن بۇرۇن ۋە ئەتىگەن – ئاخشاملىرى ئاللاھ تائالاغا سىغىنىپ غەم- قايغۇدىن پاناھ تىلىگەنلىكىنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارغا شۇنداق قىلىشنى ئۆگەتكەنلىكىنىڭ ھېكمىتى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەپ دۇئا قىلغانىكەن:

«اَللَّهُمَّ إِنِّي عَبْدُكَ وَابْنُ عَبْدِكَ وَابْنُ أَمَتِكَ نَاصِيَتِي بِيَدِكَ، مَاضٍ فِيَّ حُكْمُكَ، عَدْلٌ فِيَّ قَضَاؤُكَ، أَسْأَلُكَ بِكُلِّ اسْمٍ هُوَ لَكَ، سَمَّيْتَ بِهِ نَفْسَكَ، أَوْ أَنْزَلْتَهُ فِي كِتَابِكَ، أَوْ عَلَّمْتَهُ أَحَداً مِنْ خَلْقِكَ، أَوْ اِسْتَأثَرْتَ بِهِ فِي عِلْمِ الْغَيْبِ عِنْدَكَ، أَنْ تَجْعَلَ الْقُرْآنَ رَبِيْعَ قَلْبِي وَنُوْرَ صَدْرِي» وَجَلاَءِ حُزْنِي َوذِهَابَ هَمِّي»   

        يەنى «ئى ئاللاھ! مەن سېنىڭ قۇلۇڭمەن، قۇلۇڭنىڭ ۋە دېدىكىڭنىڭ ئوغلىمەن، تەقدىرىم سېنىڭ قولۇڭدىدۇر. مېنىڭ ئۈچۈن تەقدىر قىلغانلىرىڭ ھەر زامان يۈرگۈچى ۋە ئادالەتنىڭ ئۆزىدۇر. ئى ئاللاھ! ئۆزۈڭ  شۇنداق ئاتىغان ياكى كىتابىڭ ئارقىلىق چۈشۈرگەن ياكى بەندىلىرىڭدىن بېرەرسىگە بىلدۈرگەن ياكى ئۆز دەرگاھىڭدىكى غەيبلەر قاتارىدا بىزلەرگە بىلدۈرمىگەن بارچە ئىسىملىرىڭنى ۋاسىتە قىلىپ سەندىن قۇرئان كەرىمنى كۆڭلۈمنىڭ باھارى، قەلبىمنىڭ نۇرى، قايغۇلىرىمنى يوق قىلغۇچى ۋە ئەندىشىلىرىمنى كەتكۈزگۈچى قىلىشىڭنى سورايمەن».

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  يەنە ھەر نامازدىن كېيىن سالام بېرىشتىن بۇرۇن مۇنۇ دۇئانى قىلاتتىكەن:

 «اَللَّهُمَّ إِنِّي أَعُوْذُ بِكَ مِنَ الْهَمِّ وَالْحَزَنِ، وَالْعَجْزِ وَالْكَسَلِ، وَالْبُخْلِ وَالْجُبْنِ، وَضَلَعِ الدَّيْنِ وَغلَبَةِ الرِّجَالِ.» 

         يەنى «ئى ئاللاھ! ساڭا سېغىنىپ، غەم ـ قايغۇدىن، ئاجىزلىقتىن،ھورۇنلۇقتىن، بېخىللىقتىن، قورقۇنچاقلىقتىن، قەرزدارلىقتن ۋە كىشىلەرنىڭ قەھرىدىن پاناھ تىلەيمەن.»

         تاقىتىمىزنىڭ سىرتىدىكى ئىشلارغا ئۆزىمىزنى زورلاش ئارقىلىق روھىمىزنى ۋە بەدىنىمىزنى قىينىشىمىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز ئۇۋال قىلغانلىقىمىزدۇر. شۇڭا، روھىمىزنىڭ، ئەقلىمىزنىڭ ۋە بەدىنىمىزنىڭ ھەققىنى بېرىشىمىز، ئۇلارنى ھۆرمەتلىشىمىز ۋە ئاسرىشىمىز لازىم. بىز بەدىنىمىزنى ئاسرىساق، بەدىنىمىزمۇ بىزنى ئاسرايدۇ، بىزنىڭ ئېگىرلىقىمىز ۋە جاپالىرىمىزنى كۆتىرىدۇ. ئەگەر بىز بەدىنىمىزنى تاقىتىمىزنىڭ سىرتىدىكى ئىشلارغا زورلاش بىلەن قىيناپ قويساق، بەدىنىمىزمۇ بىزنى قىيناپ قويىدۇ. روھىمىزنىڭ ساپلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن غەم-قايغۇدىن يىراق تۇرۇشىمىز ۋە ئۆزىمىزگە غەم – قايغۇ ئېلىپ كېلىدىغان ئىشلارنى قىلىشتىن ساقلىنىشىمىز لازىم. بەدىنىمىزنىڭ پائالىيەتچانلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن، ئۇنى راھەتلەندۈرىشىمىز، ئاسرىشىمىز ۋە قوغدىشىمىز لازىم.  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ساھابىنىڭ كېچىسى ئۇخلىماي ناماز ئوقۇپ، كۈندۈزى ئۈزمەي روزا تۇتۇشقا باشلىغانلىقىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا: «ئۇنداق قىلما، كېچىسى، ئۇخلا، كۈندۈزى تىرىكچىلىك قىل، ئىختىيارىي روزىنى بىر كۈن تۇتقىن، يەنە بىر كۈن تۇتمىغىن، چۈنكى سېنىڭ ئۈستۈڭدە بەدىنىڭنىڭ ھەققى بار، كۆزۈڭنىڭ ھەققى بار، ئەھلى ئەۋلادىڭنىڭ ھەققى بار»  دېگەن.

        بىر ئادەم چۆلدە كۈنلەپ ئارام ئالماستىن يول يۆرگەنلىكتىن قاتتىق چارچاپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ چەت يېزىدىكى بىر ئۆلىمانىڭ يېنىغا بارىدۇ ۋە ئۇنىڭغا : «مەن سىلىدىن ھېكمەت ئۆگىنەي دەپ كەلدىم» دەيدۇ. ھېلىقى ئۆلىما ئۇنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ، ئاندىن ئۇ ئادەمنى بىر قۇدۇقنىڭ يېنىغا ئېلىپ بېرىپ ئۇنىڭغا: « ھازىر سىز بۇ قۇدۇقتىكى سۇغا قاراپ تەپەككۇر قىلىڭ» دەيدۇ. ئادەم قۇدۇققا قاراپ، قۇدۇق سۈيىدە ئۆزىنىڭ سۈرىتىنى سۈزۈك كۆرۈپ تۇرۇپ ئويغا چۆككەن پەيتتە، ئۆلىما قۇدۇققا ئارقا-ئارقىدىن تاش ئاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن، قۇدۇق سۈيى داۋالغۇپ، ھېلىقى ئادەم قۇدۇق سۈيىدە ئۆز سۈرىتىنى كۆرەلمەي بىئارام بولىدۇ. ئاندىن ئۆلىماغا: «سىلى قۇدۇققا تاش ئېتىپ تۇرسىلا مەن قۇدۇق سۈيىدە ئۆزۈمنى كۆرەلمەيدىكەنمەن» دەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۆلىما ئۇ ئادەمنىڭ مۈرىسىگە قولىنى قويۇپ تۇرۇپ، «مانا بۇ سىز ئۆگىنىدىغان بىرىنچى ھېكمەتتۇر» دەيدۇ. بۇ يەردە ئۆلىمانىڭ بەرمەكچى بولغان دەرسى كۆڭلۈڭنى بىئارام قىلىدىغان، روھىڭنى بۇلغايدىغان ئىشنى قىلما، غەم- قايغۇدىن ساقلانغىن، غەم – قايغۇغا سەۋەب بولىدىغان ئىشلاردىن يىراق تۇرغىن، دېگەنلىكتىن ئىبارەت ئىكەن.

         دېمەك، ئەقلىمىزنىڭ ساغلاپ داۋام قىلىشى، روھىمىزنىڭ ئۆز سۈزۈكلۈكىنى ساقلىشى ۋە كۆڭلىمىزنىڭ ئۆز ئارامىدا تۇرۇشى ئۈچۈن، غەم- قايغۇدىن ۋە غەم قايغۇغا سەۋەب بولىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىشىمىزتولىمۇ زۆرۈر ئىكەن. چۈنكى ئەقىل ساغلام، روھ سۈزۈك، كۆڭۈل ئارامىدا بولمىسا، ئادەم ئۆز سۈرىتىنى ئەسلى ماھىيىتى بويىچە كۆرۈش ئىمكانىيىتىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ، ئۇ چاغدا ئۇ ئەسلىدىكى ئۆزى بولالماي قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىگە ياراشمايدىغان ھەرىكەتلەرنى ۋە نالايىق قىلىقلارنى قىلىپ قويىدۇ.

«ئىسلام بىلىملىرى تورى» دىن ئېلىندى

جاۋاب يېزىش