ھاياتقا باغلىغان مېھىر

دىلدار ئايتۇلدى

يېقىندا كۆزى يورۇش ئالدىدا تۇرغان بىر تۈرك تونۇشۇمنىڭ يالغۇزلۇق ھەققىدە ئەندىشىلىرىنى ئاڭلاپ قالدىم. ئۇ ئايال دانىيەدە ياشايىتتى، كورونا سەۋەبىدىن ئاتا – ئانىسىنىڭ تۇغۇتىدا يېتىپ كېلىپ يېنىدا تۇرۇشىغا ئىمكان بولمىغاچقا، مۇساپىرەتتىكى بىز ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن ئۇنىڭمۇ بېشىغا كېلىش ئالدىدا تۇراتتى. تونۇشۇمغا لايىقىدا تەسەللى بەرگەندىن كېيىن، ئۆزۈمنىڭمۇ ئاشۇ كۈنلىرىم يادىمغا يەتتى.

كونىلار: «مۇساپىرلىق سوغۇقتۇر » دەيدىغان. بولۇپمۇ بىزگە ئوخشاش ۋەتەندىن مەجبۇرىي ئايرىلغان، خالىغان ۋاقىتتا قايتىپ بېرىش ئىمكانىيىتى بولمىغان، تۈزۈك تونۇش – بىلىشى، ئۇرۇق – تۇغقىنىمۇ بولمىغان كىشىلەردە، بۇ سوغۇقلۇق بېشىڭىزغا كۈن چۈشكەندە جاندىن ئۆتىدىغان قەھرىتانغا ئايلىنىدىكەن. بۇ ئىنسان ھاياتىدا كىشىنىڭ بېشىغا كېلىشى مۇقەررەر بولغان قىسمەتلەرنى ھەر دائىم بىر ياكى بىر قانچە جان دوستنىڭ ياردىمى بىلەن يەڭگىلى بولىدىكەن. دوستلارنىڭ شۇناق بىر مېھرىگە ئېرىشكەندە، قەھرىتان سوغۇق ئىللىق باھارغا، يۈرىكىڭىزنى قاپلاپ تۇرغان قار – مۇزلار ئەگىز سۇيىگە ئايلىنىدىكەن.

تۇنجى ئوغلۇمنى تۇغقان چېغىم، مەن ئۈچۈن ھاياتىمدىكى تۇنجى سىنىقىم ئىدى. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگىنىگە ئۇزۇن بولمىغان، ھاياتىدا بىر بوۋاقنى قولىغا ئېلىپ ئۇخلىتىپ باقمىغان تەجرىبىسىز بىر ياش ئانىنىڭ، يېڭىلا دۇنياغا كۆز ئاچقان بىر نازۇك جاننى ھاياتقا باغلىيالىشى ھەقىقەتەن بىر مۆجىزە ئىدى. ئەڭ ئاۋۋال ئاللاھنىڭ ياردىمى، ئاندىن بىرتۇغقاندىن چارە، بىردىنبىر دوستۇمنىڭ سايىسىدە ئۇ كۈنلەرنى يەڭگەن ئىدىم. دوستۇم ئىستانبۇلدا دۇكان ئاچاتتى. ئۇنىڭ بىلەن قىزىنىڭ تۇغۇتىدا تاساددىپى بىر پۇرسەتتە تونۇشۇپ قالغان ئىدۇق. ئۇ چاغدا مەن تۇنجى ئوغلۇمغا ھامىلدار ئىدىم . كۈنلەر ئۆتۈپ، ئۈچ كۈنلۈك تولغاقتىن كېيىن قىيىن بىر ئوپىراتسىيە بىلەن دۇنياغا كەلگەن بالامنى قۇچىقىمغا ئېلىشقىمۇ مادارىم يوق، ھالسىز، ئاچ ۋە سۇسىز ھالەتتە ياتقىنىمدا، دەل شۇ چاغدا دوستۇم ئىككى ئايلىق قىزىنى كۆتۈرۈپ، ئىسسىق تاماق ئېلىپ، قېيىنئانىسى بىلەن بىللە مېنى يوقلاپ كەلدى. ھالىمنى سورىدى، قېيىنئانىسى بالامنى قولىغا ئېلىپ ئەركىلەتتى، دۇئا قىلدى. خۇددى ئانامنى كۆرگەندەك بولۇپ، كۆزلىرىمدىن تاراملاپ ياشلار ئاقتى. ئۇ چاغدىكى ھالىتىمنى ھازىرمۇ كۆزلىرىم نەملەنگەن ھالدا ئەسلەيمەن. ئۇنىڭ ئېلىپ كەلگىنى تاماقلا ئەمەس، مېنى ھاياتقا باغلىغان مېھىر ئىدى.

دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىنمۇ دوستۇم مېنى يالغۇز قويمىدى، پات – پات يوقلاپ كېلىپ تۇردى. ھەمدە خۇددى بىلىپ تۇرغاندەك، ئەڭ ئۈمىدسىز، ئەڭ چارىسىز ۋاقىتلىرىمدا كېلىپ قولۇمدىن تۇتتى… دوستلۇقىمىز مۇشۇ تەرىقىدە چوڭقۇرلاشتى. داۋاملق بېرىش – كېلىش قىلىپ تۇردۇق. مۇساپىرەتتىكى ئاياللار  بىلىشى مۇمكىن، دەردىمىزگە دەرمان بولىدىغان ئاتا – ئانىمىز يىراقتا بولغانلىقى ئۈچۈن، يالغۇزسىرىغاندا، ھايات يۈكى بىزنى چارچاتقاندا بېرىپ ھال – مۇڭ بولغۇدەك، ھەتتا ئۆيىدە قونۇپ مۇڭدىشىپ، بارنى تەڭ يەپ كەلگۈدەك بىر يېقىنىنىڭ بولۇشى چوڭ بىر بەخت. دوستۇم بىلەن ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى ئاددىي دوستلۇقتىن ھالقىپ ، بىر تۇغقان ئاچا -سىڭىلدەك بولۇپ كەتكەن ئىدۇق.  بەزىدە مەن  بالىنى ئېلىپ ئۇنىڭ ئۆيىگە باراتتىم،  ئۇ ھەر ۋاقىتتىكى خۇش پېئىللىقى ۋە تاتلىق سۆزلىرى بىلەن كۈتۈۋالاتتى، بالىلىرىمىز تەڭ ياشتا بولغاچقا بىللە ئوينايتتى. بىز يىغىلىپ قالغان گەپلىرىمىزنى قىلىپ، قولمۇ قول تاماق ئېتىپ يەپ، ۋاختىمىزنى خۇشال ئۆتكزەتتۇق. ئۆيدە يولدىشى يوق چاغلاردا قونۇپمۇ قالاتتىم . بەزىدە ئۇ بىزنىڭكىگە كېلەتتى. شۇنداق قىلىپ، بىللە بولغان ۋاقىتلىرىمىزدىن ئالغان ئاكتىڧ ئېنىرگىيەنىڭ تۈرتكىسىدە كۈنلىرىمىز مەنىلىك ئۆتەتتى. دوستلۇقىمىز مۇشۇ تەرىقىدە داۋاملىشىپ، ئۇ ئىككىنچى بالىسىنى يەڭگىدى. بالا قىرىق ئىچىدە ئاغرىپ دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغاندا، چوڭى مېنىڭ يېنىمدا تۇردى . شۇنىڭغا ئوخشاش مەنمۇ ئىككىنچىسىنى يەڭگىگەندە، تۇنجى بالامنى مەن ئۈچۈن  ئەڭ ئىشەنچلىك ئادىمىم بولغان دوستۇمنىڭ ئۆيىگە قويۇپ قويدۇم . دوختۇرخانىدىن چىققان كۈنۈم ئۇ ئىسسىق بىر كورا تاماق، يېڭىلا تونۇردىن چىققان ناندىن نەچچىنى ئېلىپ خۇددى پەرىشتىدەك يېنىمدا پەيدا بولدى ۋە يەنە ھاياتىمدىكى ئەڭ ئەستىن چىقمايدىغان بىر كۈنۈم  دوستۇمنىڭ يېنىدا داۋاملاشتى .  قاچان ھاجىتىم چۈشسە، ھاياتىمدا ھەرقانداق بىر خوشاللىق ئىش يۈز بەرسە تۇنجى بولۇپ ئېسىمگە كېلىدىغىنى شۇ دوستۇم ئىدى.  دوستۇم نەتىجىلىرىمگە خوشال بولغاندەك، خاتالىقىمنى تەنقىد قىلىشنىمۇ بىلەتتى.  ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە، تەقدىر شامىلى مېنى ئۇچۇرۇپ، دوستۇمدىن ئايرىپ باشقا بىر دۆلەتكە ئاپىرىپ تاشلىغان بولسىمۇ، بىز بىر بىرىمىزنى تاشلىمىدۇق، ماكانلار ئايرىم بولسىمۇ، قەلبلەر بىر بولسىلا دوستلۇق تا باقىي ئالەمگىچە داۋاملىشالايدىكەن.

مەن ئۇنىڭدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەندىم. ھاياتتىكى بەزى بىلىملەر كىتابلارغا يېزىلمايدىكەن. ئۇنى پەقەت بىزگە يولۇققان ئىنسان ۋە ۋەقەلەردىنلا ئۆگىنەلەيدىكەنمىز. بەزى ئىنسانلار بىز ئۈچۈن مۇكاپات، بەزىلىرى جازا، يەنە بەزىلىرى بولسا ئىبرەت ئېلىشىمىز ئۈچۈن ھاياتىمىزنىڭ مەلۇم قىسىملىرىدىن ئورۇن ئالىدىكەن.  كۈزىتىشنى، ئويلىنىشنى، شۈكرى قىلىشنى بىلگەن كىشى ئۈچۈن نەتىجىدە بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر چوڭ نېمەت بوپ قالىدىكەن. شۇلارنى ئويلىسام، چوڭلارنىڭ نېمىشقا ئەڭ يېقىن دوستلارنى «جان جىگەر» دەپ ئاتايدىغانلىقىنى چۈشەنگەندەك بولىمەن. جاندەك يېقىن، جىگىرىمىزدەك قىممەتلىك! شۇڭا دەيمەنكى، مۇساپىرەتتە دوست پەقەتلا دوست ئەمەس، ئۇ ۋاختى كەلگەندە سىزگە ئانا، ۋاختى كەلگەندە ئۇ سىزگە يېقىن تۇغقان بولىدۇ. كىشى ياخشى نىيەتلىك بولسا، ئاللاھ ھامان ئۇنى ئۆزىگە ئوخشاش كىشىلەر بىلەن ئۇچراشتۇرىدۇ. غەيۋەت – شىكايەتتىن، باشقىلارغا ئورا كولاشتىن باش تارتمايدىغان ئادەم، ھامان ئۆزى ياراتقان قاراڭغۇلۇقتا ھالاك بولىدۇ.

جانابىي ئاللاھ بەخىتكە، گۈزەللىككە، ياخشىلىققا لايىق ھەر كىمگە ھەر ئىككى دۇنيادا قولىدىن تۇتالايدىغان ھەقىقىي دوستلار نېسىپ قىلسۇن.

2021-يىلى، تۈركىيە

جاۋاب يېزىش