ئادەم

ئايگۈل ھەمدۇللا

ئويناپ، كۈلۈپ يۈرگەنمۇ ئادەم،

دەرت-ھەسرەتلەر چەككەنمۇ ئادەم.

بوزەك بولۇپ تۇرغانمۇ ئادەم،

بوزەكنى بوزەك قىلغانمۇ ئادەم.

ھالال تەرن تۆككەنمۇ ئادەم،

ئار- نومۇسنى ساتقانمۇ ئادەم.

جاھان سوراپ ئۆتكەنمۇ ئادەم،

ئادەمگە قۇل بولغانمۇ ئادەم.

ھەيرانمەنكى، ھەممىسى ئادەم،

نېچۈن بىرى ئىگىز، بىرى پەس؟

نېچۈن ھەممە ئوخشاش تۇغۇلۇپ،

چوڭ بولغاندا پەرقى تۈگۈمەس؟

جاۋاب يېزىش