بالىلىقىمنى سېغىندىم

ﺭﺍﺷﯩﺪﺍ ﺳﺎﺋﯩﺘﻮﯞﺍ ﺋﺎﺑﺪﯗﺳﯧﻤﻪﺗﻮﯞﺍ

ئېسىل پەيتىم- بالىلىقنى سېغىندىم،

غەم قايغۇ يوق، بەڭۋاشلىقنى سېغىندىم،

ئاتا-ئانا قېرىنداشلار تەل- تۆكۈس.

غۇۋالاشقان شۇ چاغلارنى سېغىندىم.

ئار-ئۆستەڭنىڭ سۈيى بىلەن كۆكەرگەن،

ئانا يۇرتنىڭ گىياسىنى سېغىندىم،

توپراق كېچىپ سېغىز ئىزدەپ چارلىغان،

مەلىمىزنىڭ قۇملىغىنى سېغىندىم.

ئۆتكەن كۈنگە باغلاپ تۇرغان يىپ بولۇپ،

ئاتام كۆرگەن قېرىلارنى سېغىندىم،

شوخلىق قىلىپ  كېچە- كۈندۈز ئوينىغان،

دوستلىرىمنى بالىلىقنىڭ سېغىندىم.

ئادەمگەرچە مېھرىبانلىق ھۆرمىتى،

ئورغۇپ چىققان شۇ يېزامنى سېغىندىم،

ئۆزەم ئۈچۈن مەرۋايەتتۇر شۇ چاغلار،

قايتلانماس بالىلىقىنى سېغىندىم.

 ياركەنت

2018- يىلى 6- ئىيۇن

.

جاۋاب يېزىش