باھارغا خەت

رەناگۈل غوپۇر

         ئۇنى ئۇنتۇشنى ئۇنىڭ ھاياتىمدىكى ئىزلىرىنى ئۆچۈرۈشتىن باشلىدىم.     

         ئىككىلىمىز 1970- يىللىرىدىكى ئامىرىكىنىڭ روك مۇزىكا ئەترەتلىرىنى ياقتۇراتتۇق. كامىرانى ئېچىپ كۆرۈشسەك يا ئۇ يا مەن ناخشا قويۇپ قوياتتۇق. كومپىيۇتىر، تېلىفوندىكى ھەممىنى ئۆچۈردۈم. مەن كىنو كۆرۈشنى ياخشى كۆرىمەن. 007 نىڭكىدەك پاراكەندە ئەمەس، ئېستىتىك زوق ئالالايدىغان كىنولارنى كۆرىمەن. ئىككىمىز بىللە كىنوغا بارالمىغاندىن كېيىن ۋاقىتنى دىيىشىپ قويۇپ توردىن تەڭ كۆرەتتۇق. بۇ جەرياندا كامىرا ئوچۇق تۇراتتى. بىللە ئولتۇرغاندەك ھىس قىلىشاتتۇق. ئۇ كىنولارنىڭ ھەممىنى يۇيىۋەتتىم. بىر يەرگە بارساق بىر بىرىمىزگە رەسىم ئەۋەتىپ ئاندىن ئۇنىڭغا ئۆزىمىزنىڭ رەسىمىنى چاپلاپ بىللە رەسىم چۈشكەندەك قىلىپ ئوينايتۇق. بىرەر يۈز پارچە رەسىممىكى، ھەممىنى يۇيدۇم. باھار، بۇلارنى يۇيغىچە جانسىز ئەمەس جانلىق بىر نەرسىنى ئۆلتۈرىۋاتقاندەك ھىس قىلاتتىم. مۇھەببەتتىن ئايرىلىپ قالغاندا يۈرەك بىرخىل سۇيۇقلۇق ئاجىرتىپ چىقىرارمىش. بۇ سۇيۇقلۇق يۈرەك تىقىلمىسى قوزغالغاندىكى سۇيۇقلۇق بىلەن ئوخشايمىش. شۇڭا بەزى ئادەملەر ئۆلۈپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن. مەن ئۆلمىدىم ئەمما يۈرىكىم ھەقىقى ئاغرىيدىغان بولۇپ قالدى. تېلىفون نۇمۇرىنى قارا تىزىملىككە تىقىۋەتتىم. ھەر قېتىم گۈل ئەۋەتكەندىكى كارتىلارنى ساقلىغانتىم. كۆيدۈرىۋەتتىم. ئەمما ھېلىقى بېلەيزۈك… ئۇنىڭغا چىدىمىدىم. مەن ئۇنىڭدىن ھىچنىمە تەلەپ قىلىپ باقمىغان. بۇ مېنىڭ ئادىتىم. پەقەت بۇ بېلەيزۈكنى ياخشى كۆرگىنىمنى پاراڭ ئارىسىدا ئېيتىپ قالغان. ئۇ ماگىزىنغا تېلىفون قىلىپ ئېلىپ بىر خىزمەتچى ئارقىلىق ئەۋەتىپتىكەن. ئۇ كۈنى شىركەتتىكى قىز ئاياللار ھەۋەستىن شۆلگىيىنى ئاقتۇرغان. بېلەيزۈكنى ئۇزاق تۇتۇپ ئولتۇردۇم. تاشلىمىدىم. كېيىن بىرگەپ بولسۇن.

        باھار، مەن بىر ئادەمنى ئۇنتۇش ئەمەس، بىر خىل ئادەتنى، بىر خىل تۇرمۇشنى ئۆزگەرتىۋاتتىم. ئۇ بارچاغدا كۆنگەننىڭ ھەممىسىنى ئۆزگەرتىشىم كېرەك. تاماكا تاشلايدىغانلار بەلكىم مۇشۇنداق بولامدىكى. بارا بارا ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببەت نەپرەتكە ئايلاندى. بۇ توغرا ئەمەس باھار. مۇھەببەتنىڭ قارشىسىدا نەپرەت بولمايدۇ. نەپرەت بولىدىكەن مەن يەنە ئۇنى ياخشى كۆرىمەن دىگەن گەپتە. كۈنلەر ئۆتىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن قېچىپ بىر يىل يۇرتۇمغا قايتمىدىم . يەنە بىر يىلى يازغا قايتىدىغان بولدۇم.

         ئايرۇپىلانغا چىقىپ جايلىشىپ ئولتۇرۇپ دوستلىرىم بىلەن ئۇچۇرلىشىۋاتسام بىرسى « ئايقىز » دەپ قالدى. بىر خىل ھاياجان. خۇددى غېرىپ سەنەم ئوپىراسىدىكى غېرىپنىڭ « سەنەمجان » دىگىنىدەكلا بىلىندى. بېشىمنى كۆتۈردۈم. پاھ، بۇ كېلىشكەن غېرپجان كىم بولۇپ كەتتى ئەمدى؟ بىر كېلىشكەن، پاكىز ، مودا يىگىت ماڭا قاراپ تۇراتتى. ئېسىمگە كەلدى. مېنى ئەرلەر ھاجەتخانىسىدا تۇتىۋالغان بالا. ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي بەك كۈلۈپ كەتتىم. ئۇنىڭ ئورنى مېنىڭ يېنىمدا ئىكەن. ئۇ ئولتۇرىۋېتىپ« ئىسمىڭىز ئايقىز ئەمەسكەن ھە» دىدى« 110 غا تېلىفون قىلىپ سورىدىڭىزما » دىسەم « ياق. ئۇ ساقچىنىڭ تېلىفون نۇمۇرى. ئەمما ئىسمىڭىزنى بولسىمۇ يالغان ئيتىدۇ دەپ ئويلىماپتىمەن» دىدى. ئۇ ھازىرمۇ ئەرلەر ھاجەتخانىسىغا كىرەمدىغىنىمنى سورىدى. مەن ئالدىراش ۋاقتىم چىقمايۋاتقىنى ئېيتتىم. شۇنداق قىلىپ تونۇشۇپ قالدۇق. ئۆزىگە ئوخشاش يېقىملىق ئىسمى بار ئىكەن « سۈبھى» . ئاتا ئانىسى بۇرۇن مەركىزى رادىئو ئىستانسىدا ئىكەنتۇق. سۈبھى 12 ياش ۋاقتىدا گېرمانىيەگە كېتىپتىكەن. فىرانكىفورتتىمىش. بۇ بالا گېرمان، تۈرك، ئېنگىلىزچە، ئۇيغۇر، فىرانسۇزچە، ئىسپانچە  بىلىدىكەن. « گاس گاچىلارنىڭ تىلىنى بىلمەمسىز؟ » دىسەم « ياق ، نىمىشقا؟» دەيدۇ. « ئۇنى بىلگەن بولسىڭىز بۇ دۇنيادا سىز پاراڭلىشالمايدىغان ئادەم قالماتتىكەن» دىسەم ئۇ شۇنداق كۈلۈپ كەتتى ھەم « سىز بەك قىزىقكەنسىز» دەيدۇ. جەينىكىمنى ئۇنىڭ بېلىكىگە تەككۈزۈپ «كۆيدىما» دىسەم « ياق، نىمىشقا » دەيدۇ« ئەمىسە ئانچە قىزىق ئەمەسكەنمەن» دىدىم. ئۇنىڭ كۆزلىرى چاقنايدىكەن. تازا يۈزى، كىچىك بالىدەك گەپلىرى. ئۇنىڭ مەندىن خېلى چوڭ تۇرۇپ يەنە كىچىك چىراي تۇرغىنىغا ھەيران قېلىپ « تاڭسىڭنىڭ گۆشىنى يىگەنمىتىڭىز يە» دىسەم « ئۇ قانداق نەرسە » دىمەسمۇ شۇندىن كېيىن كۈلۈپ توختىيالمىدىم. بۇ چەتئەللىك بىلەن ئىش باركەندە دەپ ئويلىدىم. ھەئە باھار. ئۇ ھازىرقى يولدىشىم. ئەشەددى دۈشمىنىمنىڭ قېيىن نەۋرە ئاكىسى.

نەچچە سائەت تاغدىن باغدىن پاراڭلىشىپ ئۈرۈمچىگە كەلدۇق. ئۇ بۇدا تېلىفون نۇمۇرۇمنى راست ئېيتىپ بېرىشىمنى سوراپ تۇرىۋالدى. قەلەم بار قەغەز يوق. ئالقىنىغىلا يېزىپ بەردىم. ئۇمېنى ئىزدەيدىغان بولدى.

          باھار، ئۈرۈمچىدەك قايناق ھايات يەنە نەدە باركى تاڭ. نەگىلا قارىساڭ مىغ مىغ ئادەم. ئۈرۈمچىدە ئەڭ يېڭى مودىنى تاپقىلى بولىدۇ. دۇنيانىڭ نەرىدە بىرنەرسە مودا بولۇپ بولغىچە ئۈرۈمچىدە تاپالايسەن. زېرىكىدىغان ۋاقىت يوقلا.

         مەن كېلىپ ئۇرۇق تۇققانلار بىلەن ئىككى ئۈچ كۈن بىللە بولغاندىن كېيىنلا باشقا ئۇچرىشىشلىرىمنى باشلىۋەتتىم. سۈبھى بىر كۈنى سەھەردە تېلىفون قىلىپتۇ. مېنى كەچتە ۋاقتى بارمۇ دەپ. بىكارلىغىمنى بىلدۈرۈپ ئۇنىڭغا پۇتىغا راھەتراق ئاياق كىيىشنى تاپىلىدىم. ئۇكۈنى سۈبھىنى پىيادە جەنۇبى قوۋۇقتىن باشلاپ كوچا چىڭداتتىم. ئۇ تەرەققى تاپقان دۆلەتتە ياشايدۇ. ھەشەملەرنى كۆرۈشكە ھەۋىسى يوق دەپ ئويلىدىم. تار كوچىلاردىكى كىچىك ئاشخانىلارغا ئەكىردىم. بىر يەردە بىرخىل، يەنە بىر يەردە يەنە بىرخىل نەرسىلەرنى تېتىتىپ باقتىم. سۈبھى بەزىدە شۇنداق قىزىق گەپلەرنى قىلىدۇ. ئۇيغۇرچىسى خېلى ياخشى ئەمما يەنە چەتئەلچە پۇراق بار. كىچىك بالىدەك تاتلىق گەپلەرنى سوراپ تۇرىۋالىدۇ. « ئۇيغۇرلار» دەپ گەپ باشلىسا « stop. ئۇيغۇرلار ئەمەس بىز» دەپ ئۆزگەرتىپ تۇرىمەن. ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ مودىلىقى ئۇنى بەك ھەيران قالدۇرۇپتۇ. ئۇ ئۆتكەن يىلى نەۋرە سىڭلىسى نىگار بىلەن  xxxxنىڭ تويىدا……. باھار ، مەن گۈل كۆتىرىپ بارغان دۈشمىنىمنىڭ تويىدا بۇ بالا باركەنتۇق. كېلىنچەك بۇنىڭ نەۋرە سىڭلىسى ئىكەن. تومۇز ئىسسقتا بىرسى بىر چىلەك مۇزنى بېشىمدىن قۇيغاندەك ئەندىكىپ كەتتىم. ئۇ مەندىكى ئۆزگىرىشنى سەزدى ۋە توختاپ « مەن سىزنى تويدا كۆرگەن. قارا كىيىم، قارا كۆزەينەك، قىزىل لەۋ سۇرۇخى بىلەن بىر بۇلۇڭدا تۇرغانتىڭىز. » دىمەسمۇ. تېنىۋالاي دىسەم يالغان ئېيتىشنى ياقتۇرمايمەن. چۈنكى بىر يالغاننى ئون يالغان بىلەن يېپىشقا توغرا كېلىدۇ. ئىقرار قىلسام نىمىشقا بارغان دىسىچۇ؟ مەن ئۈچۈن بەرىبىر. ئەمما نەۋرە سىڭلىسىنىڭ نىكاھسىنى قانداق قىلىمىز؟

ئاخىرى ئىقرار قىلدىم. ھەم رىستۇراندىن بىرنەرسە سوراي دەپ بارغانلىغىمنى دىدىم. بۇ بالا سەل گولمۇ يا چۈشەندىمۇ، گەپنى تۈگەتتى.ئىككىمىز شۇندىن كېيىن  ئاندا ساندا كۆرۈشۈپ تۇردۇق. شەھەر سىرتىغا بىر نەچچە ئاپىرىپ ئايلاندۇردۇم. ئۇمېنى گەپ سېلىشقا ئامراق ئىدى. گەپ قىلسام شۇنداق كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلايتى. مەن ئۇنى گەپكە سېلىشقا ئامراقتىم. شۇ جەرياندا بىر نىكاھرىمنىڭ كۆڭۈلسىز بولۇپ قالغىنىنى ئېيتتىم. ئۇ بىر لىۋانلىق قىز بىلەن يۈرۈپ بىرەر يىل بىللە تۇرغىنىنى، ئەمما ئۆيىدىكىلىرىنىڭ ئۇيغۇر بىلەن توي قىلمىساڭ بولمايدۇ دەپ تۇرىۋالغاچقا ئايرىلىپ كەتكىنىنى دىدى. مەن ئۇنىڭغا ئېسىل ئۇيغۇر قىزى تونۇشتۇرۇپ قويىدىغىنىمنى ئېيىتتىم. سۈبھى ئۇ قىزنىڭ نەدىلىكىنى سورىدى. مەن « ئاران تۇرۇپتىكەنسىزمۇ دەيمەن، قولۇمدا مال جىق ، بىردەم ئويلىنىۋالاي » دىسەم، ئۇ كۆزۈمنىڭ ئىچىگە قاراپ « كۆز ئالدىمدا ئەمەسمىتى» دىۋىدى، نىمە دىيىشنى بىلمەي « ئۇيغۇرچىڭىز جىق ياخشى بولۇپ كېتىپتۇ» دەپ پاراڭنى ئۆلتۈردۈم.

           ئۇنىڭ ماڭا كۆڭلى چۈشۈپ قالغىنىنى سېزىپ تۇردۇم. ئەمما…… مەن تېخى بىرسىنى قۇبۇل قىلغىدەك تەييارلىقتا ئەمەستىم باھار. سۈبھى مەندىن بالدۇر قايتتى. گېرمانىيەگە يەنە بارسام چوقۇم ئىزدىشىمنى ئېيتتى. مەن ماقۇل بولدۇم. ئۇ  كەلگۈسى ھەمراھ بولۇشقا بەكمۇ لايىق كاندىدات. لېكىن مەن تېخى تەييار ئەمەس.

           دەم ئېلىشىم تۈگەپ قايتتىم. سۈبھى بىلەن ئالاقىمىز باشلاندى. ئۇ بەكمۇ چىرايلىق رومانتىك خەتلەرنى يازىدۇ. ئاۋازلىق كۆرىشىمىز. بەك جىق پاراڭلىشىمىز. بارابارا قەلبىم ئۇنى قۇبۇل قىلىشقا باشلىدى. بەرىبىر توي قىلىمەنغۇ. ئۇنىڭ توي تەكلىۋى شۇنداق بىر پەيىتتە قويۇلدى. ياق دەيدىغان ئورنۇم قالمىدى. چوڭلار كۆرۈشتى. ئەسلى ئانچە مۇنچە تونۇشاتتىكەن. ئىككىلى تەرەپ بەك خوشال، بەك رازى. مەنمۇ خىزمىتىمدىن ئىستىپا بېرىپ ، ئۆي، ماشىنىنى بىر تەرەپ قىلىپ، سۈبھىنىڭ كېلىشىنى ساقلاپ تۇردۇم. ئۇ كېلىپلا ئۈرۈمچىگە قايتتۇق.

           مەن توي مەرىكىسى بېرىشكە قوشۇلمىدىم. سۈبھى ھەممىنى مېنىڭ رايىمغا قويدى. ئۆيدىكىلەر نەچچە كۈن سۆزلەپ بېقىپ توختىدى. بىركۈنى سۈبھىنىڭ نەۋرە تۇققانلىرى مەن بىلەن تونۇشۇش ئۈچۈن چاقىرىپتۇ. سۈبھىنىڭ ئاغزىدىن دۈشمىنىمنىڭمۇ بارلىغىنى بىلدىم.ئالايىتەن تەييارلىق قىلىشقا باشلىدىم. چېچىمنى ياساتتىم، تىرنىقىمنى ياساتتىم، سۇس گىرىم قىلغۇزدۇم. مەن چىرايلىق تار بىر قىزىل كۆينەكتە كېلىشكەن سۈبھىنى قولتۇقلاپ ئايرىمخانىغا كىرگىنىمدە ھەممىسى كېلىپ بوپتىكەن. قىزلار بىلەن يۈز يېقىپ كۆرۈشىۋېتىپ ھاڭ تاڭ بولۇپ قاراپ تۇرغان ئۇنىڭغا كۆزۈم چۈشتى.

         تۆرگە چىقىپ ئولتۇردۇق. بىلىسەن باھار. مەن ئەرتىسلىكنى بەكلا قاملاشتۇرىمەن . ئۇنى قەتئى تونۇمايدىغاندەكلا قاراپمۇ سالمىدىم. ئەمما ئۇنىڭ ئايالى نىگار مېنى بەك ياخشى كۆردى. نەۋرە ئىنىمنىڭ ئايالى بىلەن دوست بولغاچقا مېنىمۇ ئاڭلاپتىكەن. بىر ياقتا ئويناۋاتقان ئىككى ياشلاردىكى ئوماق كىچىك قىزنى چاقىرىپ « بۇ مېنىڭ قىزىم ، ئىسمى سىز بىلەن ئوخشاش، زىبا» دىمەسمۇ ، شۇنداق قاتتىق قېقىلىپ يۆتىلىپ كەتتىم. بۇ سۈبھىنى چۆچىتىۋەتتى. ئۇ مۈرەمدىن قۇچاقلاپ « ھىچنىمە بولمىغانسىز» دەپ چېچىمغا سۆيۈپ قويدى. ئادەتتە ئادەم بار يەردە بۇنداق قىلسا« ئۇيغۇرلار بۇنداق قىلمايدۇ » دەپ ئۇنىمايتىم. ئەمما دۈشمىنىمنىڭ ماڭا قاراپ تۇرىۋاتقىنىنى كۆرۈپ، تاتلىق كۈلۈمسىرەپ« ياقەي» دىدىم. نىگار بىلەن ئۇزۇن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ كەتتۇق. تۇيۇقسىز نىگارنىڭ كۆزى بېلەيزۈكۈمگە چۈشتى. باھار، ھېلىقى بېلەيزۈك، ئۇنى قەستەن تاقىۋالغان ئىدىم. نىگار بېلەيزۈكنى بەك چىرايلىقكەن دەپ ماختىغانتى. قولۇمدىن ئېلپلا تاقاپ قويدۇم. ئۇ قىز ياق دەپ ئۇنىمايدۇ. مەن ئۇنىڭغا ئاڭلىتىپ« بۇنداق قىلماڭ، ھىچقانچە نەرسىمۇ ئەمەس، خاتىرە بولۇپ قالسۇن» دەپ زورلاپ تۇرىۋالدىم. ئۇ رەھمەت ئېيتىپ ئالدى. دۈشمىنىمنىڭ چىرايى كۈلرەڭ . مېنىڭ قانچىلىك خوشال بولغىنىمنى تەسەۋۋۇر قىلالمايسەن باھار. بىر تېلىفون كېلىپ قېلىپ سىرتقا چىقىپ سۆزلەشتىم. قايتاي دەپ ماڭسام ئۇ قار يامغۇردەك تۇتۇلۇپ بېلىكىمدىن سۆرەپ پەلەمپەي بار يەرگە ئەكىرىپ « نىمە قىلاي دەيسىز ؟تېگەي دىدىڭىزما سۈبھىگە؟» دەپ سورىدى. « سىز قىلغاننى قىلاي دىدىمغۇ. ئەسلى تېخى تېگەي دىمىگەن. ئەمدى قارىسام تەگمىسەم قەتئى بولماپتۇ. مەن گەپ قىلمىسام تېخى، نىمە دەپ بالىڭىزغا مېنىڭ ئىسمىمنى قويىسىز؟ »دىدىم. ئۇ يەنە بىر نەرسە دىيىشكە تەمشىلىشىگە زالدىن سۈبھىنىڭ « زىبا» دىگىنى ئاڭلاندى. ئۇ پەلەمپەي بىلەن پەسكە چۈشۈپ كەتتى، مەن زالغا چىقتىم.

       ھەممە ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولدى. پۈتۈن رەسمىيەتلەر تۈگەپ سۈبھى بالدۇرراق قايتتى. مەن ئىككى ھەپتە كېيىن يولغا چىقىدىغان بولدۇم.

      ئەتە ماڭىمەن دىگەن كۈنى بىر نەرسىلىرىمنى يىغۇشتۇرغاچ ئۆيدىكىلەرگە قانماي ئولتۇرسام تېلىفونۇمغا ناتونۇش بىر نۇمۇردىن تېلىفون كىردى. ئالمىدىم. توختىماي ئۇرىۋەردى. زېرىكىپ ئېلىشىمغا« ئىشىك ئالدىغا چىقىڭە» دىگەن گەپ قۇلىقىمغا كىردى. ئۇ كەپتۇ. « نىمە كۆرسەم كۆرەي » دەپ چىقسام، ئۇنىڭ ماشىنىسى تۇرۇپتۇ. ماشىنىغا چىقىپ ئولتۇرۇشۇمغىلا ئۇ ماشىنىنى قوزغاتتى. « دىيىشكىدەك يەنە نىمە گەپ بار؟ نىمە دەپ كەلدىڭىز؟ مېنى بەك خوشال مېڭىپ كەتمىگەي دەپما؟» دەپ سورىدىم ئۇنىڭدىن. ئۇ « مېنىڭ سىزگە دەيدىغان گېپىم بار» دىدى دە ، ئادەم ئازراق ئۆتىشىدىغان بىر يەردە ماشىنىنى توختاتتى:

         زىبا، مەن سىزنى ياخشى كۆرگەن ھەم كۆرىمەن. باشتا سىزنى تاللىماسلىغىمنىڭ سەۋەبى مەن ئاغرىقچان ئاتا- ئانامنى تاشلاپ سىزنىڭ يېنىڭىزغا بارالمايمەن. سىزنى كېلىڭ دىسەم تېخى قاملاشمايدۇ.

      « نىمىشقا؟ مەندىن سوراپ باقتىڭىزمۇ كېلەمسىز دەپ» گەپنى بۆلدۈم. ئۇ:  

سىز چوقۇم كېلىسىز. لېكىن كېيىن ھەر بىر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسىڭىز نىمە دەپ كەلگەنتىم دەيسىز. سىزنىڭ پۇشايمان قىلغىنىڭىزنى كۆرگۈم يوق. شۇڭا نىگار بىلەن توينى قىلدىم. ئەمما سىزنى پەقەت ئۇنتۇپ كېتەلمىدىم. ئۇنىڭ بىلەن ئۆي تۇتۇشقا كۆزۈم يەتمىگەندە بۇ قېتىم بولسىمۇ خاتالىقىمنى تۈزىتەي دەپ سىزنى قايتا ئىزدىدىم. ئەمما ئۇ ۋاقىتتا نىگار ھامىلدار ئىكەن. بۇنى قانداق بىرتەرەپ قىلىشنى ئويلاۋاتسام سىز ھېلىقى گەپنى تېپىپسىز. زىبا، نېفىت سېستىمىسىغا ئىچكىردىن ئادەم كېلىدۇ. شۇلارنى كۈتىۋالغىلى ياتاق ئاچىمىز. بىر ئاغىنەمنىڭ تويىغا قولداش بولغان، ئۇنىڭغا بويتاقلار كېچىسى قىلىمىز دەپ ئىككىمىز ياتاق ئالغان. ئايال كىشى بىلەن دىسىڭىزمۇ مەيلى ئەر كىشى بىلەن مۇناسىۋىتى بار دىگەن گەپنى قانداق دىيەلىدىڭىز؟ مەن سىزنى ھېلىھەم ياخشى كۆرگەچكە قىزىمغىمۇ سىزنىڭ ئىسمىڭىزنى قويدۇم. ئادەم تېپىلمىغاندەك نىمىشقا نىگارنىڭ نەۋرە ئاكىسىنى تاپتىڭىز؟ مېنى كۆرۈپ تۇرسۇن دەپما؟ مېنىڭ سىزنى ياخشى كۆرىدىغىنىمنى قانداق بىلمەيسىز؟

       باھار، كۆز يېشىم يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تاراملاۋاتىدۇ. ئۇنىڭ گېپى تۈگىشىگە ئۇنىڭغا بۇرۇلدۇم:

      ياخشى كۆرىمەن؟ بىر قېتىم دەپ باقتىڭمۇ « سېنى ياخشى كۆرىمەن» دەپ. سەن دىمىسەڭ مەن قانداق بىلىمەن؟ مېنىڭ پىشانەمدە ئۈچىنچى كۆزۈم بارمۇ قەلب كۆرىدىغان ياكى مەن پالچىمۇ؟ بىر قېتىم ئېغىز ئېچىپ دىمىسەڭ مەن قانداق ھەم نىمىشقا بىلگىدەكمەن؟ دىيەلمەيدىغان ئىشنى قانداق قىلىۋاتىسەن؟ بىر قېتىم دىسەڭ جېنىڭ چىقىپ كېتەمتى؟ نىمە بۇ ئەمدى؟ ئەمدى نىمىشقا دەيسەن؟ مېنى قانداق قىلسۇن دەپ دىگىڭ كېلىپ كەتتى؟ بۇ سىرنى نىمىشقا ئۆزۈڭ بىلەن ئېلىپ كەتمەيسەن؟ ئەمدى مېنى قانداق ياشىسۇن دەيسەن؟

       ئۇزاق يىغلىدىم. ئۇ جىمقىت ئولتۇراتتى. چىرايى پۈتۈنلەي قايغۇ. مەن ئېسەدەشكە باشلىغاندا

       ماشىنىنىڭ كىچىك ساندۇغىدىن بىر قۇتىنى چىقىرىپ ئېتىكىمگە قويدى. « نىمە بۇ ئەمدى» دەپ ئاچتىم. ئىچىدە ھېلىقى بېلەيزۈك ياتاتتى. ئۇ « كۆڭلىڭىزنى ئاغرىتتىم. مېنى كەچۈرۈڭ دىمەيمەن. ئاشۇ سالغان ئازاپلىرىمغا قوشۇلۇپ بۇمۇ مەندىن سىزگە خاتىرە بولۇپ قالسۇن» دىدى. ماشىنىنى قايتۇرۇپ ئۆينىڭ ئالدىدا توختىدى« زىبا، بەختلىك بولۇڭ. سىزنى ياخشى كۆرەتتىم ھەم ياخشى كۆرىمەن» دىدى. ماشىنىدىن چۈشتۈم. ھارغىن قەدەم ئېلىپ ئۆيگە كىرىپ كەتتىم. ئۇنى كەچۈردۇڭمۇ دەمسەن؟ ئاشۇ دەقىقىدىن باشلاپ ئۇنى پۈتۈنلەي كەچۈردۈم باھار. ئۇنىڭغا ھىچقانداق مۇھەببەت نەپرىتىم قالمىدى. يارا ساقىيىپ تاتۇق قالسا ئاغرىمىغان بىلەن ئۇنتۇپ كەتمىگەنگە ئوخشاش ئۇ ئۆتكەن كۈنلىرىمدە ھايات…….

        فىرانكىفورت ئايرۇدىرومىدا مېنى سۈبھى يوغان بىر دەستە لەيلىنى تۇتۇپ ساقلاپ تۇرۇپتىكەن. ئۇنىڭغا ئۆزۈمنى ئاتتىم. ئۇ مەندىن خېلى ئىگىز بولغاچقا بېلەكلىرى ئارىسىدا يوقاپ كېتىمەن. ئۇ ئۇزۇن بارماقلىرىنى چاچلىرىم  ئارىسىغا كىرگۈزۈپ بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئۆزىگە قاراتتى« مەرھابا زىبا، گېرمانىيەگە كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمەن» دىدى . مەن ئۇنىڭ چاقناپ تۇرغان كۆزىگە قاراپ« كەلگىنىڭلارنى دەڭ » دىدىم. ئۇ خوشاللىقتىن بېشىنى ئېڭىشتۈردى……….

      دىلى سۇنۇق زىبادىن ساڭا سالام .

      باھار، سۈبھىدىن ئايرىلىپ قالدۇق. مەنلا ئەمەس، ھەممىمىز، مەڭگۈلۈك ئايرىلدۇق.        

      بۈگۈن قىرىق كۈن بولدى. قائىدىمىز بويىچە قىرىقىنى بەردۇق. روھىغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇلۇپ ، دۇئالار قىلىندى. مەن يۈزۈمنى ئۇنىڭ كىيىمىنىڭ ئارىسىغا كۆمۈپ، ئۇنىڭ ھىدىنى ئىزدەپ، ئۇنى ئازاپلىق چاقىرىپ ھالىمدىن كەتتىم. مېنى ھىچكىم توختىتالمايدۇ. ئاخىرى ئۆز مەيلىمگە قويۇپ بەردى. پەتىلەپ كەلگەنلەر مېنىڭ ھالىمغا قاراپ، ياش كەتكەن ئۇنىڭغا ئېچىنىپ، تەنھا قالغان ماڭا ئىچ ئاغرىتىپ، ۋاقتى توشۇشقا ئاز قالغان قوسقۇمغا قاراپ كۆز يېشىنى توختىتالمايدۇ. شۇڭا ھىچكىمگە كۆرۈنمەيمەن. كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدە يەردىلا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ كىيىملىرىنى پۇرايمەن، يۈزلىرىمگە سۈركەيمەن، كىيىپ باقىمەن. شۇ ئارقىلىق ئۇنى ، ئۇنىڭ ھارارىتىنى، ئۇنىڭ ھىدىنى قايتا ھىس قىلماقچى بولىمەن. « سۈبھى، نىمىشقا كېتىسەن جېنىم؟ مېنى نىمىشقا يالغۇز تاشلاپ قويىسەن جېنىم؟ سەنسىز مەن قانداق قىلىمەن؟ بالا قانداق قىلىدۇ جېنىم؟ نىمىشقا مېنىمۇ ئېلىۋالمىدىڭ؟ ئەمدى كىمنى سۈبھى دەيمەن؟ بالا كىمنى دادادەيدۇ؟ مەن سېنى شۇنداق ياخشى كۆرسەم نىمىشقا بۇكۈننى ماڭا لايىق كۆردۈڭ؟» تىنماي مۇشۇلارنى تەكرارلايمەن. بۇ كۈنلەردە نىمە يەپ نىمە ئىچىۋاتىمەن بىلەيمەن باھار، قاچان ئويغاق قاچان ئۇيقۇدا ئۇنى تېخىمۇ. بىر جەسەتتەكلا ياشاۋاتىمەن. روھىم نەلەردە سەرسان؟

ئۇ كۈنى تۇمانلىق كۈن بولغان. سۈبھى يەنە بىر شەھەرگە خىزمەت بىلەن بارماقچى بولغان. ئەتتىگەن مەن ئويغىنىشتىن بۇرۇن ناشتىلىقنى تەييارلاپ، مەڭزىلىرىمدىن سۆيۈپ ئويغاتتى. ئېغىرلىشىپ ھورۇن بولۇپ قالغانتىم. مەن ئەتتىگەنلىك تاماق يەپ بولغىچە ئۇ كىيىنىپ تەييار بوپتۇ. ئۇنىڭغا كاستىيۇم يارىشىدۇ. ھالرەڭ كۆينەك، كۈلرەڭ تار ياقىلىق كاستىيۇم بۇرۇلكا، قېنىق كۈلرەڭ گالىستۇك، قارا ئاياق. ئۇ ماڭغىچە ئادىتىمىز بويىچە بالا ئۈچۈن تەييارلىغان ئۆيگە كىردۇق. باھار، ئىككىمىز بىكار ۋاقتىمىزدا ھەممىنى پۈتتۈرۈپ بولغان. بالا ئوغۇل ئىكەن. ئۆينى سۇس ئاسماننىڭ رەڭگىدە سىرلىدۇق. تورۇسقا كەچتە يانىدىغان ئاي- يۇلتۇزلارنى چاپلىدۇق. تامغا ھەرخىل ھايۋانلارنىڭ رەسىمىنى چاپلىدۇق. ئاق كارۋات، ئاق زاكا ئالماشتۇرۇش ئۈستىلى، ئاق تارتمىلىق ئىشكاپ، ئاق كىرىسلو ئالدۇق. تام بىلەن ئوخشاش رەڭدە گىلەم سالدۇق. ھەر قېتىم مەن كىرىسلودا ئولتۇرۇپ بالىنى قانداق تۇتىدىغىنىمنى پىراكتىكا قىلىمەن. ئۇنىڭ بىلەن بالىنىڭ نەرى كىمگە ئوخشايدىغىنىنى قىياس قىلىمىز. شۇلاردىن كېيىن ئۇنى ئىشىك ئالدىغىچە ئۇزىتىپ چىقتىم. ئۇ مېنى ئۇزاق قۇچاقلاپ تۇرۇپ كەتتى، ئاندىن پىشانەمگە سۆيدى. مەن ئۇنىڭ كالتا پەلتۇسى بىلەن سومكىسىنى ئۇنىڭغا بېرىپ، ئۇنىڭ ماشىنىسىنىڭ يولغا چىقىپ كەتكىنىگە قەدەر قاراپ تۇردۇم.

        باھار، ئاشۇ ئۇنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۈرۈشۈم ئىكەن. تېز سۈرئەتلىك يولدا تۇماندا كېلىۋاتقان بىر يۈك ماشىنىسى …………. ساقچىدىن تېلىفون كەلگەندە مەن ماگىزىندا بالىغا كىيىم تاللاۋاتقانتىم. سالماق، تۆۋەن بىر ئەرەنچە ئاۋازنىڭ« ناھايىتى ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن شۇنى ئېيتىشقا مەجبۇر بولدۇم، يولدىشىڭ سۈبھى ئەپەندى……….» بېشىمنى چايقاۋاتىمەن. كۆزۈمدىن ياش قۇيۇلىۋاتىدۇ« ياق، يالغان دەپ قويىۋاتىسەن، شۇنداقمۇ؟ بۇ راست ئەمەس، يالغان دە. مەن ئېغىر ئاياق. ئىككى ئاي ۋاقتىم قالدى. ئۇ ئۆلسە بولمايدۇ……» كۆزۈمنى ئاچسام دوختۇرخانىدا ئىكەنمەن. بېشىمدا سۈبھىنىڭ ئۆيىدىكىلىرى. ئاپىسىنىىڭ بېشىدا ئاق ياغلىق. ياغلىقنى يۇلۇپ ئېلىپ يەرگە تاشلىدىم. « سۈبھى ھايات ئاپا. ئۇ تېخى ئوغلىنى كۆرمىدى. ئۇ ھىچيەرگە كەتمەيدۇ» دەپ ئۆزۈمنى كارۋاتتىن سىرىتقا ئاتتىم. ئۆيدىكىلەر، دوختۇر- سېستىرالار مېنى تۇتۇۋالدى. مەن يۇلقۇنۇپ قېچىشقا ئۇرۇنىمەن. ئاخىرى تىنىچلاندۇرۇش ئۇكۇلى ئۇرۇلدى. سۈبھىنىڭ ئاپىسىنىڭ قۇچىقىدا يىغلىغان پېتى« ئاپا، ئەمدى مەن قانداق قىلىمەن؟ ئوغلۇم قانداق قىلىدۇ» دىگەنچە  ئۇخلاپ قاپتىمەن.

يەرلىككە قويىدىغان كۈنى مېنى كۆرىۋالسۇن دەپ چاقىردى. ئىككى قولتۇغۇمدىن ئىككى ئايال يۆلەپ تۇرىدۇ. ئۇ ياتقان يەرگە كىردىم. باھار، سۈبھى تېخىمۇ ئاقىرىپ سۈزۈلۈپ كېتىپتۇ. ئېڭىكى ئاپپاق خەسىدە چېتىلىپتۇ. يۈزىدىكى يارىلار تىكىلىپتۇ. ئاستا يېقىنلاشتىم. بارماقلىرىمنى مەن ياخشى كۆرگەن يۈزگە تەككۈزدۈم، قاشلىرىنى، كۆزلىرىنى، بۇرۇنلىرىنى، لەۋلىرىنى سىلىدىم. « سۈبھى، ماڭا ھىچنەگە سەنسىز كەتمەيمەن دەپ سۆز بەرگەنتىڭغۇ؟ سۆزۈڭدە تۇر. مېنىمۇ ئەكەت، بالىنىمۇ ئېلىپ كېتىلى.» دەپ ئۇنى پىشانىسىدىن سۆيدۈم. سۈبھىنىڭ ئاپىسى ماڭا ئېسىلىپ يىغلاشقا باشلىدى« ئۇنداق دىمەڭ قىزىم. سىز سۈبھىنىڭ ماڭا قالدۇرغان تەۋەررۈكى، ئۇنداق گەپلەرنى قىلماڭ بالام، مېنى ئاياڭ». قەبرە بېشىغا چىقالمىدىم. شۇ پېتى كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدە ئۇنىڭ ھىدىنى ھىدلاپ ئولتۇرىمەن. سۆزدىن قالدىم. كىمگە نىمە دىيىشنى بىلمەيمەن. بالا ئۈچۈن دەپ ماڭا تاماق، سۇ زورلىشىدۇ. كەچلىرى زورلال كارۋاتقا ياتقۇزۇپ قويىدۇ. مۇشۇ يەرگە كەلگەندىن بېرى تونۇشقان بىر نەچچە دوستۇم نۆۋەت بىلەن ماڭا ھەمراھ. ئەمما سۈكۈتتە ئولتۇرىمىز. ….. داۋاملاشتۇرالمىدىم. بالا بەك مىدىراپ كېتىۋاتىدۇ، دادىسىنى سېغىندىمۇ قانداق؟

باھار، شۇنداق قىلىپ تەنھا قالدىم. سۈبھىنىڭ ئاپىسى ئەمدى مەرھۇمنىڭ نەرسە كېرەكلىرىنى يىغۇشتۇرۇشىمىز لازىملىغىنى ئېيىتتى. توۋا، ئادەم ئۆلۈپ قالسا مۇشۇنداق بولىدىكەن، يىغۇشتۇرۇلۇپ كېتىدىكەن، ئۇنتۇلۇپ كېتىدىكەن. كىشىلەر سېنى ئاشۇ كۈندىلا ھەقىقى ئېسىگە ئالىدىكەن. يەرشارى كىم بولمىسىمۇ ئايلىنىۋېرىدىكەن. ھەرقانچە يالقۇنلۇق ئىشقى مۇھەببەتمۇ ئۆچىدىكەن. شۇنچە تىركەشكىنىمگە باقماي قوشۇلۇشقا مەجبۇر بولدۇم. ئاپىسى يىغلاپ بىر ھەپتىدىن كېيىن يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچىدىغان بالامنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ تۇرىۋالدى. ھىچنىمىگە قولۇم بارماي قاراپلا ئولتۇرىمەن. ئاپىسى سالىدۇ. مەن تارتىپ چىقىرىمەن. بۇلار سۈبھىنى مېنىڭ تۇرمۇشۇمدىن ئۆچۈرمەكچى باھار. ئاپىسى تىرىشىپ يۈرۈپ بىرەر قۇر يىغۇشتۇرىۋالدى. سۈبھىنىڭ كىتاپخانىسىنى ئۆزۈم يىغۇشتۇراي دەپ تۇرىۋالدىم. رايىمغا باقتى.

       ئۇنىڭ ئۈستىلىنىڭ يېنىدا ئۇنىڭ ئورۇندۇغىدا ئولتۇرىمەن. ئورۇندۇق ۋە ئۈستەلدىكى ئۇنىڭ بەدىنى تەككەن يەرلەرنى سىلاپ چىقىمەن. قولۇمغا مۇزدەك تېگىدۇ. كۆزۈمنى يۇمۇپ تالاي قېتىم ئۇنىڭ مۇشۇ يەردە ئولتۇرغان قىياپىتىنى كۆرگىنىمنى ئەسلەيمەن. كۆزۈمنى ئاچىمەن ھەممىسى غايىپ بولىدۇ. تارتمىدىكى نەرسىلەرنى ئېلىپ بىر يەششىككە سېلىشقا باشلىدىم. ھەرخىل ھۆججەتلەر، رەسىملەر، خەت چەكلەر. ھىچنىمىنى تاشلىۋېتىشكە قىيمايمەن.

      كومپىيۇتىرنى ئاچتىم. مەخپى نۇمۇرىنى بىر چاغدا دەپ بەرگەن ئىدى. ئىككى خاتالىشىپ ئۈچىنچى قېتىمدا ئېچىلدى. ساقلانغان رەسىملەرنى كۆرۈشكە باشلىدىم. ئۈرۈمچىگە ساياھەتكە بارغاندا چۈشكەن رەسىملىرىمىزدىن تارتىپ يېقىنغىچە بولغان رەسىملەر بار ئىكەن. رەسىمدىكى ئۇنىڭ يۈزىنى سىلايمەن. كۆز ياشلىرىم سىم سىم يامغۇردەك پەقەت توختىمايدۇ.

       « كۈندىلىك خاتىرە» دەپ نام قويۇلغان بىر ھۆججەتكە كۆزۈم چۈشتى. ئاچسام سۈبھىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى ئىكەن. باھار، تىرىك بىرسىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىنى رۇخسەتسىز كۆرۈش ئەخلاقسىزلىق، ئەمما ئۆلۈپ كەتكەن بىرسىنىڭكىنىچۇ؟ بىلمىدىم، ئەمما ئەڭ ئالدىدىكىسىدىن باشلاپ ئېچىپ ئوقۇشقا باشلىدىم. ئۈرۈمچىدە نىگارنىڭ تويىغا قاتنىشىپ قايتقان ۋاقتى ئىكەن.

      سەلىمەنى ئۇنتۇپ كېتىش ماڭا بەك تەس توختىدى. ئۇزاق يىللىق ساۋاقداش، كېيىنكى مۇھەببەت، بىريىل بىللە تۇرۇش جەريانىدا  مەن سەلىمەنى ياخشى كۆرۈشنى بىر خىل ئادەت قىلىپ يېتىلدۈرۈپتىكەنمەن. ئەمدى بۇ ئادەتنى ئۆزگەرتىش بەك قىيىن بولىۋاتىدۇ. تونۇش مۇھىتتىن ئايرىلسام ياردىمى بولۇپ قالارمىكى دەپ ئۈرۈمچىگە ساياھەتكە بېرىپ كەلدىم. دەل نەۋرە سىڭلىم نىگارنىڭ تويىغا ئۈلگۈرۈپ قاپتىمەن. ئۈرۈمچى بىر نەچچە يىل كۆرمىسىلا بەك كۆپ ئۆزگىرىش بولىدىغان شەھەر. ئادەملىرىمۇ شۇنداق. گەرچە ئۇ يەردىن ئايرىلغىنىمغا بەك ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ يەنىلا ئۆزەمنى شۇ يەرگە مەنسۈپ دەپ ھىس قىلالايمەن.

       نىگارنىڭ تويى ھەشەمەتلىك بولدى. ئۇ توي قىلغان يىگىت بىر توي قىلىپ ئاجراشقان يىگىت ئىكەن. نىگار ئۇنى بەكمۇ ياخشى كۆرسە كېرەك دەپ قىياس قىلدىم. نىگارنىڭ يۈزىدىن بەخت كۈلكىسى ئۆچمىدى. ئەمما ئوخشاش ھىسيات ئۇ يىگىتتە كۆرۈنمىدى. بەلكىم  بىرىنچى تويى بولمىغاچقا شۇنداقمۇ دەپ ئويلىغانىدىم. ئەمما كەچتە يۈز بەرگەن كىچىككىنە دىراما پەرىزىمنىڭ خاتالىغىنى ئىسپاتلىدى. يىگىتىنىڭ ئېچىلالماسلىغىنىڭ سەۋەبى باشقا ئىكەن.

      بىر دەستە كۆك ئەتتىرگۈل بىلەن لىلى دىن بەكمۇ چىرايلىق ياسالغان گۈل گۈلخانىنىڭ خىزمەتچىسى تەرىپىدىن ئەۋەتىلىپتۇ. كارتىغا توي ئىگىسىگە بەخت تىلەيدىغىنىنى بىلدۈرۈپ ئانتىراكتىدادا ياشىغۇچى بىرسى دەپ قويۇپتۇ. ئەلۋەتتە بۇنداق بىرسى مەۋجۈت ئەمەس. ئەمما مۇشۇ كۈندە گۈل ئەۋەتكۈچىنىڭ ئانتىراكتىدا تۇرىۋاتقاندەك مۇزلاۋاتقانلىغى ئېنىق. نىمىدىن مۇزلايدۇ؟ ساداقەتسىزلىكتىنمۇ يا ئۈمىدسىزلىكتىنمۇ؟ يىگىتنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتتى. ئۇ زال ئىچىگە كۆز يۈگۈرتۈپ بىرسىنى ئىزدەيتى. ئاخىرى كۆزلىرى بىر يەرگە تىكىلىپ توختىدى. مەن ئۇ تىكىلگەن تەرەپكە قارىدىم. بىر قىز. ئەمىلىيەتتە يۈزىنى كۆرەلمىدىم، پەقەت قىپ قىزىل لەۋ سۇرۇخىدىن قىزمىكى دەپ پەرەز قىلدىم. يۈزىنىڭ باشقا يېرىنى قارا كۆزەينەك توسىۋالغان. پۈتۈنلەي قارا كىيىنگەن. يىگىت بېشىنى باشقا ياققا بۇرىدى. ئەمما بۇراشتىن بۇرۇن ئۇ قىزنىڭ تۇمشۇغىنى ئۇچلاپ يىراقتىن بىر سۆيۈش ئەۋەتكىنىنى كۆردۈم. قىز زالدىن ئايرىلدى. مەنمۇ چاپسان مېڭىپ كەينىدىن چىقتىم. ئۇ تالادا يەنە بىر قىز تەرىپىدىن ماشىنىغا سېلىنىپ ئېلىپ كېتىلدى. ماشىنىدا ئۇ كۆزەينەكنى ئېلىۋەتكەندە يۈزىنى كۆرەلىدىم. چىرايلىق ئەمەس ئەمما گۈزەل بىر يۈز. سۇلغۇن چىراي

ئۇ قىزنى كۆرۈپ سەلىمە ئېسىمگە كەلدى. سەلىمەدە ئەرەپ قىزلىرىنىڭ گۈزەللىكى بار، ئەمما بۇ گۈزەللىك بىر تاجاۋۇز خاراكتىرىگە ئىگە. ئۇنىڭ مىجەزىمۇ ئاشۇنداق قەيسەر، كەسكىن. ئەگەر ئوخشاش ئىش ئۇنىڭ بېشىغا كەلسە ئۇ يا كېلىپلا توينى بۇزىدۇ يا بىر كېچە قانغۇدەك ئويناپ ھەممىنى ئۇنتۇيدۇ. ئەمما بۇ ئۇيغۇر قىزى زىمىستان قىشتىكى قېلىن قاردا كۆزگە چېلىققان يىگانە لەيلىگە ئوخشايدىكەن. زىمىستانغا بوي بەرمىگەن، ئەمما غال غال تىترەپ تۇرغان گۈزەللىكىدىن ئادەمنىڭ ئىچى سېرىلغۇدەك. ئۇيغۇر قىزلىرى ھىچكىمگە ئوخشىمايدىغان بىر خىل گۈزەل.

         ئۇ قىزنى قايتا ئۇچراتتىم، ئەرلەر ھاجەتخانىسىدا. نەۋرە ئىنىلىرىم مۇزىكىلىق ئارامگاھ دەپ بىر يەرگە ئاپارغان. ئارىلىقتا ھاجەتخانىغا چىقتىم. سىرىتتىكى گىرىمخانىدەك قول يۇيۇش ئۆيىدىن بىر ئايال كىشىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. ھەيران قېلىپ چىقسام بىر قىز تېلىفون سۆزلىشىۋېتىپتىكەن. مېنى كۆرۈپ تېلىفوننى قويۇپلا چالۋاقاپلا كەتتى. بەك تېز گەپ قىلىدىكەن. يا گەپ قىستۇرالمايمەن . ئاخىرى بېلىكىدىن تارتىپلا تالاغا ئېلىپ چىقىپ « ئەر» دىگەن خەتكە قارىتىپ تۇرغۇزۇپ قويدۇم. خاتالىغىنى تونۇپ بۇرۇلۇپ گەپ قىلماقچى بولىۋىدى، يەنە تامغا چاپلاپ قويدۇم. ئۇ كەچۈرۈم سورىغاندا بولدى قىلاي دەپ قارىسام، نىگارنىڭ تويىدىكى قاراكىيىملىك قىز ئىكەن. ئۆزەمنىڭ ئۇنى تونۇغاندەك قىلغىنىمنى دەپ ئىسمىنى سورىسام « ئايقىز» دەپ ، تېلىفون نۇمۇرىنى 110 دەپ بەردى. بۇ ۋەتەننىڭ ساقچىسىنىڭ نۇمۇرى. ئۇنى لەيلى دەك بىلىپ يۈرىكىم ئاغرىغانىدى. ئەمما بەك بىشەمكەن.

      قايتىپ كېلىپ ئىشقا چۈشتۈم. سەلىمەسىز تۇرمۇش ئۇنداق بەك مۈشكۈل بىلىنمەس بولۇپ قالدى. كۆنىۋاتقان ئوخشايمەن. ھېلىقى ئۇيغۇر قىزى پات پات ئېسىمگە كېلىپ قالىدۇ. ئەگەر ئۇ نىگارنىڭ يولدىشىنىڭ سۆيگۈنى بولسا، نىمىشقا توي قىلمىغان بولغىيتى؟ ھېلىھەم ئىزدىشەرمۇ؟ نىگار ئۇقسا قانچە قايغۇرا؟نىكاھ مۇھەببەتكە قارىغاندا جىق مۇرەككەپ. كىملا بولسا ياخشى كۆرۈپ قېلىش مۇمكىن، ئەمما توي قىلىش مۇمكىن ئەمەس. ياخشى كۆرگەنلا كىشىلەر توي قىلالىشى مۇمكىن. تويلا قىلسا بىر بىرنى ياخشى كۆرۈشىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئوخشايدۇ.

        ئۈرۈمچىگە يەنە كەلدىم. بىر ئايلىقلا. ۋەتەننىڭ ياز پەسلىنى ياخشى كۆرىمەن. بېيجىڭدىن ئۈرۈمچىگە ئۇچىدىغان ئايروپىلاندا ھېلىقى قىز يەنە ئۇچرىدى. ئورنىمىز بىر يەردە ئىكەن. ئىسمى زىبا .ئۆزىگە بەك ماس كېلىدىغان ئىسم ئىكەن. ئۇ بەك ئىگىز ئەمەس، جۇغى كىچىك، چاققان ، ئوماق قىز ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بەك يۇمۇر( بۇ ئۇيغۇرچە گەپنى زىبادىن ئۈگەندىم) بىللە بولساق پەقەت زېرىكمەيمەن. زىبادىن بەك جىق يېڭىلىقلارنى ئۈگەندىم . ئۇ مېنى چەتئەللىك دەپ ئاتاپ تۇرىۋالىدۇ. مەنمۇ سىزگە ئوخشاش ئۇيغۇر دىسەم، مەن ئۇيغۇر، سىز « ئۇيغۇر» دەيدۇ. پەرقىنى سورىسام مېنى ئۆزەملا ئۇيغۇر دەپ ئويلايدىكەنمەن، زىبانى پۈتۈن دۇنيا ئۇيغۇر دەپ بىلىمىش. بۇ قىز بەك غەيرى پىكىر قىلىدۇ. چېچىلاڭغۇراق، بىر نەرسىگە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرەلمەيدۇ، سۆز تېمىسىنى بەك تېز ئالماشتۇرىدۇ. بەزىدە زىبا بىلەم پاراڭلىشىپ ئۇچۇرنىڭ كۆپلىگىدىن چارچاپ كېتىمەن. ئۇ مېنى باشلاپ ئارقا كوچىلارنى ، كىچىك دۇكانلارنى، تامىقى بەك ئوخشايدىغان ئاشخانىلارنى ئايلاندۇردى. ۋەتەننىڭ ھەشەمىتىدىن باشقىچە ئاددى ساددا تۇرمۇشىنى ياقتۇرىمەن. بۇ يەردە ھەقىقى ئاۋامنىڭ تۇرمۇشىنى، شاتلىغىنى، قايغۇسىنى ھىس قىلغىلى بولىدۇ.

         زىبا بوينىدىن پەقەت شارپا ئالمايدۇ. ئىسسىقتا يېڭى يوق مايكىغىمۇ شارپا تاقايدۇ. سورىسام بوينۇم توڭلايدۇ دىدى. مەن باشتا تاتۇق بار ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپتىمەن. بىر كۈنى سومكىسىغا شارپىسى ئىلىنىپ قېلىپ ئۇنى ئېلىش توغرا كەلگەندە قارىسام، پاتتىڭىغا بىر كىچىك مۈشۈكنىڭ رەسىمى چېكىگلىككەن. كۆرمىگەنگە سالدىم. ئۇيغۇر قىزلىرىدا بەدىنىگە چېكىدىغان قىزلار جىق ئۇچرامدۇ بىلمىدىم. مېنى قىزىقتۇرغىنى مۈشۈكنىڭ رەسىمى ئىدى. كېيىن بىلسەم زىبا مۈشۈكنى بەك ياخشى كۆرىدىكەن. ئۆزىنى مۈشۈك بولۇپ قالغان بولسام دەپ خىيال قىلىدىكەن. زىبا« بەك بۇرۇن بىرسىگە ئەگەر مەن ئۆلۈپ كېتىپ قالسام بىر مۈشۈك بېقىۋېلىڭ، مەن مۈشۈككە ئايلىنىپ يېنىڭىزغا قايتىمەن دىگەنتىم » دەپ سالدى. كىيىنچۇ دەپ سورىسام، ئۇ ئادەم باشتا ئۆلۈپ قالدى دەپ تۇرىۋالدى. ئۇ چوقۇم زىبانىڭ يولدىشى.

(داۋامى بار )

جاۋاب يېزىش