ئۇيغۇر پەرىسى

راشىدا ساىتوۋا ئابدۇسېمەتوۋا


مەن سەھەردە پەرى كۆردىم،
كۆكتىن چۈشكەن يۇلتۇز گوي.ا
ئاي يۈزى تىلسىم گۆزەل،
كۆزلىرى چولپان گويا.

چاچلىرى قارا قۇندۇز،
چۈشكەن كەينىگە سۇمبۇل.
ناخشىسىچۇ ئۇ جاناننىڭ،
ئاۋازى بەرنا بۇلبۇل.

قاشلىرى بەرگى قىياقتەك،
كىرپىگى بوستان گويا.
قوش گېزەكتەك كۆكسى گۈزەل،
لەۋلەرى لالە گويا.

رۇخسارىدەك ئەۋىرشىم ئۇ،
ئىپارخاندەك قەددى گويا.
نازۇگۇمدەك يولۋاس ژۈرەك،
مايىمدەك قەيسەر گويا.

ۋا- دەرىخا، ئۇيغۇر قىزى!
چېقىلغان چاقماق گويا.
ئىنتىزارمەن ساڭا پەرى،
شائىرىڭ سۇلتان گويا.

جاۋاب يېزىش