ئەلۋىدا، مېنىڭ باھارىم

ئەلۋىدا، مېنىڭ باھارىم
گۈلبەھرەم خوشائېۋا

(ھېكايە)

مەزكۈر ھېكايەمنى ئالەمدىن مەزگىلسىز
ئۆتكەن قەلەمداش ئاكام ئابدۇمېجىت ۋە
ئۇنىڭ رەپىقىسى مەرىيەم دۆلەتوۋلار
خاتىرىسىگە بېغىشلايمەن.

 

ئاۋتوبۇسنى كۈتۈپ قالغاچكا، ئىشقا سەل كېچىكىۋىرەك كەلدىم. سېيىتجان تېخى كەلمىگەن ئېكەن. ئىشقا كىرىشىمگە ئىشىكنى بىرى چەكتى.
بۆلۈمگە كىرىپ كەلگەن قىزنى كۆرۈپ، جۈرىگىم جىغغىدە قىلىپ قالدى. چۈنكى ئۇ باھارگۈلگە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشاتتى. باھارگۈلنىڭكىگە ئوخشاش يوغان، چىرايلىق كۆزلەر، قاپ-قارا قويۇق قاش-كىرپىكلەر، ئاپپاق سۈزۈك ئۈز… «توۋۋا، مونۇ قىزنىڭ ئاپىسىغا ئوخشىغىنىنى قارا. ئۇنى كورمىگىنىمگە ئىككى جىلچە بولغان. خويما تاتلىق چوڭ بولۇپ كاپتىكەن…» دەپ ئويلىدىم.
-كەچۈرىسىز، دادام بىر ياققا چىقىپ كەتتىمىكىنە، – دېدى قىز ئامانلاشقاندىن كېيىن سەل قىسىلغاندەك قىلىپ.
-بۇ ياققا كېلىڭ، ئۇكام، سېيىتجان تېخى كەلمىدى. بىر ئاز كۈتۈپ تۇرۇڭ، كېلىپ قالار، – دەپ ئورۇندۇققا ئولتىرىشنى تەكلىپ قىلدىم.
بۇ سېيىتجاننىڭ قىزى مۇقەددەس ئېدى. چىرايى غەمكىن، كۆزلىرىنى ياش ئەگىپ تۇرغان قىزنى ئەشۇ بىر قايغۇلۇق كۈنى قالايمىقانچىلىقتا كۆرگەن ئېدىم. ھازىر دەقەمدە تۇرۇپ، ئۇنىڭ مىسكىن كۆڭلىنى ئالغىدەك بىرەر ئېغىز سۆز تاپالماي ئاۋارىمەن.
-ئالدىرايمەن. قاھھارنى مەكتەپكە ئاپىرىشىم كېرەك… دادام ئەتىگەندە كېتىۋېدى. ئىشقا كەتتىمېكىن دېپ ئويلىغان ئېدىم…
-ئەلۋەتتە، ھازىر كېلىشى كېرەك. بىر نەرسە كېرەكمېدى، مۇقەددەس؟ مۈمكىن مەن ياردەم قىلارمەن؟
-ياق، ياق. رەخمەت. ئاپامنىڭ ھۆججەتلىرىنىڭ ئارىسىدىن مونۇ خەتنى تېپىۋالغان ئېدىم، – ئۇنىڭ قوللىرى تىتىرەپ، سۇمكىسىدىن قېلىن كونۋېرت چىقاردى. – دادامغا يازغان ئېكەن… كەچقۇرۇنغىچە تاقەت قىلالماي، ئىشىغا ئېلىپ كەلگەن ئېدىم…
ئۇنىڭ ئاۋازى ھەپ بىر سۆزنى ئېيتقاندا، دىرىلدەپ، قايغۇ-ھەسرەت ئارىلاش چىقىۋاتاتتى. ھازىر بىرلا ئېغىز گەپ قىلسا جىغلاۋېتىشكە تەييارلا تۇرغاندەك. ئۇنىڭغا گەپنىڭ ھاجىتىمۇ بولمىدى. خەتنى ماڭا ئۇزاتقىچە كۆزلىرىدىن ياش ئورغۇپ چىقىپمۇ ئۈلگەردى. «خەپ، مونۇ جۇمراننىڭ دەرتكە چۆكۈپ كەتكىنىنى قارا. ۋاي، خۇدايىمەي، بەندەڭگە رەھىم كىلمىغان ئېكەنسەن…جۈرەك-باغرىم ئېزىلىپ، تىت-تىت بولدۇمۇ، لېكىن ئۆزەمنى ئارانلا تۇتۇپ:
-مۇقەددەس، ئۇنداك كىلماڭ. ئۆزىڭىز ئاغرىپ قالىسىز. دادىڭىزنى، ئۇكىڭىزنى ئاياڭ. سىزگە كاراپ، دادىڭىزمۇ ئاغرىپ قالسا، قانداق قىلىسىز؟ – دەپ كۆزىدىكى ياشنى سۈرتتۈم.
ئۇ چۆچۈگەندەك دەرھال ماڭا قارىدى. ئەتىمالىم، دادىسىنىڭمۇ ئاغرىپ قېلىشى مۈمكىنلىگىدىن كورقۇپ كەتكەن بولۇش كېرەك. ئۇ ئۈز-كۆزىنى سۈرتۈپ، ئورنىدىن تۇردىدە:
-ھەدە، مونۇ خەتنى دادامدىن ئىلگىرى ئوقۇۋالدىم. ئۇ مېنى كەچۈرەر. ئاپامنىڭ ئاخىرقى دەملىرىدە يازغان نەرسىسىنى قولۇمغا ئېلىپ، ئىچىنى ئاچماي چىدالمىدىم. ئىلتىماس، سىزمۇ ئوقۇپ چىقىڭ. مۈمكىن دادامغا ھازىرچە كۆرسەتمەي تۇرارسىز. ئۇنىڭ سەۋەۋى كېيىنكى ۋاكىتتىلا ئۇنىڭ جۈرىگى ئاغرىپ، ئىككى قېتىم دوختۇر چاكىرتتۇق.ئاپامنىڭ خېتىنى ئوقۇپ، يەنە ئاغرىپ قالمىسۇن دەيمەنا، -دېدى ئۇ ماڭا قاراپ.
-ماقۇل، مۇقەددەس. مەن خەتنى ئوقۇپ چىقاي، لازىم بولسا، كېيىنىرەك بېرەرمىز، – دېدىم ئۇنى ئىشىككىچە ئۇزىتىۋېتىپ.
قولۇمدىكى خەتنى يە ئوقۇپ چىقىشىمنى، يە ئالدى بىلەن سېيىتجاڭا بېرىشىمنى بىلمەي، بىر دەقىقە ئويلىنىپ ئولتاردىم. ئانىسىدىن مەزگىلسىز جۇدا بولغان مونۇ كىزنىڭ ئېچىنىشلىق قىياپىتى، بۇ جۇدالىكتىن ئەس-ھوشىغا كېلەلمەي جۈرۈپ، دادىسىدىن ئەنسىرىشى مېنىڭ دىلىمنى ئېزىپ، ۋەيران قىلىۋەتكەن ئېدى.
مەن ياخشى بىلگەن بۇ ئائىلە زىممىسىگە چۈشكەن بەخىتسىزلىك كۆز ئالدىمدىن بىر-بىرلەپ ئۆتۈشكە باشلىدى.
***
دەسلەپ بۇ كارخانىغا ئىشقا كەلگەن جىلى سېيىتجان موشۇ بۆلۈمدە ئىشلېۋېتىپتۇ. ئۇ چاگدا مۇقەددەس 4-5 ياشلاردا ئېدى. باھارگۈل مۇقەددەسنى يېتىلەپ پات-پاتلا بىزنىڭ يېنىمىزگا كىرىپ كېلىدىگان. ئېگىز بويلۇك، ئورۇغىراك كەلگەن، ئىللىق يۈزلۇك بۇ چىرايلىك ئايال بىلەن پەيدىن-پەي تېخىمۇ يېقىنىراق تونۇشتۇق. ئۇ ناھايىتى ئاق كۆڭۈل، كىچىك پېيىل، مېھرىۋان ۋە ئەجايىپ مېھماندوست ئىنسان ئېكەن.
-سىز كانداك تەلەيلىك ئادەم، سېيىتجان. باھارگۈل ئوخشاش قىزنى كانداك ئايلاندۇرۇۋالدىڭىز، – دەپ بەزىدە چېقىشىپ قوياتتىم.
-ۋاي، سىزمۇ دەيسىزدە. ماڭا ياخشىلاپ قارىمامسىز. ئۆزەم شۇنچە ياخشى جىگىت تۇرۇپ باھارگۈلگە قانداق ئالدىنىپ قالدىم، دەپ ھەيران بولۇپ جۈرسەم، – دەپ ئۇمۇ چېقىشاتتى. ھەقىقىتىدە بولسا بۇ ئىككى جۈپ بىر-بىرىگە تىل تەككىدەك دەرىجىدە يارىشىپ تۇراتتى. كېيىنىرەك ئۇلارنىڭ ئوگلى قاھھاپ تۇغۇلۇپ، بەخىت ئۈستىگە بەخىت قوشۇلدى. سېيىتجان ئارزۇ قىلگان ئوغلىنىڭ تاتلىق قىلىقلىرى بىلەن ئاي ۋە جىللارنىڭ ئۆتۈپ كەتكىنىنىمۇ بايكىماي جۈردى. باھارگۈل بولسا ئائىلىسىدىكى ئەڭ قىممەتلىك ئادەملەرنىڭ كۆڭلىدىن چىقىشكا تىرىشاتتى.
سېيىتجان ئاك كۆڭۈل، خۇش چاق-چاق ھەپ قانداق ئىشنى پۇختا قىلىدىغان، قولىدىن كەلسە، ھەممىگىلا ياردەم قىلىشقا تەييار بولغاچقا، كوللېكتىۋمۇ ئۇنى ھۆرمەتلەتتى. ئۇ بۆلۈمگە ھېمىشەم خۇش كەيپىياتتا كىرىپ كېلىدىغان. بۇنىڭگا ئۇنىڭ ئائىلىدىكى بەختى سەۋەپكار ئېكەنلىگىنى چۈشىنىپ، ئۇلارغا چىن كۆڭلۈمدىن قىزىقاتتىم. ھەممە نەرسە ئۆز يولىدا، سېيىتجانمۇ ئادەتتىكى تىرىكچىلىك بىلەن بەنت بولۇپ، ۋاكىت سىلىق ئۆتۈۋاتاتتى.
ئۆتكەن جىل كىرىشى بىلەن سېيىتجاننىڭ كەيپىياتى سەل بۇزۇلۇپ، گەپ ئانچىلا خۇش ياقماس بولۇپ كالدى. ئىشقا كېچىكىپ كېلىپ، ئەتىگەن كېتىپ قېلىپ، ئۆزى بىلەن ئۆزى بولۇپ جۇرگىنىگە خېلە ۋاكىت بولغاچقا:
-سېيىتجان، سىزگە نېمە بولدى. بىرەر كۆڭۈلسىز ئەھۋال بولۇپ قالدىمۇ يە؟ – دېپ سورىدىم.
-ياق، ياق. ھەممىسى دۇرۇس، – دېدى ئۇ دەسلەپ گەپ قىلغۇسى كەلمىگەندەك. كېيىن سەل ئويلىنىپ تۇرۇپ:
-باھارگۈلنىڭ ساقلىغى بولماي جۈرىدۇ. ئاغرىكخانىگا چۈشۈپ قالدى، – دەپ قوشۇپ قويدى. مەنمۇ ئادەم بالىسىنىڭ بىردە ئاغرىپ، بىردە ساقىيىپ جۈرۈشىنى ئادەتتىكى ئىش دەپ بىلى
-ئاغرىغان ئادەم ساقىيىپ قالىدۇ. ئۇنىڭغا ئانچىلا
قايغۇرۇپ كەتمەڭ، ئۇنىڭدىن كۆرە قاچا جۇيۇش، تاماق پىشىرىش ئېغىر كېلىۋاتىدۇ، دېسىڭىزچۇ، – دەپ كۆڭلىنى |ئالماق بولدۇم.
ئۇ ماڭا بىر ئاز كاراپ تۇردىدې:
– ئەلۋەتتە، ساقىيىدۇ. جەزمەن ساقىيىدۇ، -دەپ قويۇپ، چاپسان تالاغا چىقىپ كەتتى. ۋاقىت شۇنداق ئۆتۈۋەردى. ھەش-پەش دېگىچە كۈز كېتىپ، قىشمۇ كەلدى. سېيىتجاننىڭ چىرايىدىكى كۈلكە، خۇش چاق-چاقلىرىنىڭ ئۈزۈل-كېسىل يوقاپ كەتكەنلىگى، ئىككى- ئۈچ كۈنلەپ ئىشقا كەلمەي قالىدىغانلىغى، ھېمىشەم ئۇيقىسىز ئادەمدەك قاپاقلىرىنىڭ ئىششىپ جۈرىدىغانلىغىغا ئۈگىنىپمۇ قالغان ئېدۇق. ئۇ كەلسە-كەلمەس نەرسىگە تېرىكىدىگان، ئىش بابىدىكى بەزى سوئاللارغىمۇ خۇش ياقماسلىك بىلەن جاۋاپ بېرىدىغان بولۇۋالگاچقا، ئۇنىڭدىن بىرەر نەرسە توغرىلىق سوراشقىمۇ پېتىنالماي جۈردۇق. ئىلگىرى باھارگۈل توغرىلىق سۆز چىقسا، ئېچىلىپ كېتىدىگان سېيىتجان، ھازىر ئۇ توغرىلىق گەپ قوزغىماسقا ۋە سۆزنى باشقا ماۋزۇغا يۆتكەشكە تىرىشاتتى.
ھەپ كىم ئۆز تىرىكچىلىگى بىلەن بەنت بولۇپ جۈگرىشىپ جۈرۈپ، سېيىتجاننىڭ بۇ ئەھۋالى باھارگۈلنىڭ ھالىنىڭ مۈشكۈللىگىگە باغلىق ئېكەنلىگىنى، دوختۇرلارنىڭ ئۇنىڭگا باھارگۈلنىڭ ساقىيىشى مۈمكىن ئەمەسلىگىنى ئېيتقانلىغىنى بىز – بەندىلەر نەدىنمۇ بىلەيلى. بۇ ئۇنىڭ دەل ۋراچلارنىڭ ئېغىر ھۆكۈمى بىلەن ھېچ كېلىشەلمەي، ئۆزىنىڭ بار ئامالىنى پايدىلىنىپ، تېۋىپ، ئېكستراسېنس، موللا دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىگە كۆرسىتىپ، باھارگۈلنى «ئۆلۈم» ئوخشاش دەھشەتتىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كۈرەش جۈرگۈزىۋاتقان پەيتى ئېكەن.
ئۇنى دەپ، بۇنى دەپ جۈرۈپ ھەش-پەش دېگىچە ئەتىياز كېلىپ قالدى. كۈن خېلىلا ئىسسىپ، يەر-جاھان كۆكىرىۋاتاتتى. يېقىن تۇققانلىرىمىزنىڭ بىرى ئاغرىقخانىگا چۈشۈپ قېلىپ، شەنبە كۈنى ئۇنى يوقلاپ كەلمەكچى بولۇپ ماڭدىم. ئاغرىقخانا ھويلىسىگا ئەندىلا كىرىپ كېلىۋېدىم، كۆزۈم ماڭا قارىمۇ-قارشى چوڭلا بىرىنى كۆتىرىۋالغان ئادەمگە چۈشتى. ئۇنىڭگا يول بېرىش ئۈچۈن چەتكە بۇرۇلۇپ، ئۆز كۆزۈمگە ئۆزەم ئىشەنمەي قالدىم. ئالدىمدا سېيىتجان تۇراتتى.
مەن ھودۇققىنىمدىن:
– س… – دەپ ئاغزىمنى ئېچىشىمغا ئۇ يالۋۇرغاندەك «گەپ كىلماڭ» دەپ ئىشارەت قىلدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى ياش…
بۇ كۆرۈنۈش ماڭا شۇنچىلىك تەسىر قىلدىكى، تېنىم شۈركىنىپ، بىردە مۇزلاپ، بىردې ئىسسىپ، ئاياق-قولۇمدىن جان ئۈزۈلگەندەك، ئۇزاك ۋاكىت قوزغىلالماي قالدىم. «سېيىتجاننى شۇ دېرىجىدە ئۆزگەرتىۋەتكەن موشۇ دەرت ئېكەندە… باھارگۈلنى ئاغرىق دېگۈسى كەلمەي، يامان سۆزلەردىن قورۇنغان، ھەممە دەردىنى ئىچىگە سىڭىرىپ جۈرگەن ئېكەندە بۇ بېچارە» دېگەن ئويلار ۋە بايىقى سۆرۈن ئەھۋال مېنىڭ كۆڭلۈمنى ئالاقزادە قىلاتتى.
دۈشەنبە كۈنى سېيىتجان ئىشقا كەلمىدى. يەنە ئىككى كۈندىن كېيىن بولسا خانىمىزگا باھارگۈل توغرىلىق دەھشەتلىك خەۋەر كېلىپ يەتتى. بۇ خەۋەر، بىز – سېيىتجان بىلەن باھارگۈلنى ياخشى بىلىدىگانلار ئۈچۈن – قۇياشلىق كۈنى ئاسماندا چاقماق چاققاندەك تەسىر قىلدى.
كوللېكتىۋ بولۇپ مەزگىلسىز سولغان گۈلنى ئۇزىتىشقا قاتناشتۇق. بۇ كۈنلىرى ئۇلارنى بىلىدىغان ھەپ قانداق ئادەم چوڭقۇر قايغۇرۇش ۋە ماتەمدە بولدى. ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ، قىزى مۇكەددەسنىڭ، ھەتتا كىچىككىنە قاھھارنىڭ ھەسرەت بىلەن بوزلىشىغا چىداپ تۇرۇش مۈمكىن ئەمەس ئېدى. سېيىتجان بولسا مۈكچىيىپ، بولغان ۋاقىئەگە تېخىلا ئىشەنمەي، ھەتتا ئەھۋالنى تولۇق چۇشەنمەيۋاتقان كۆرۈنۈش بىلەن ئەتراپتىكىلەرنى تەشۋىشكە سالاتتى. جۇت چوڭلىرى ئۇنىڭ ئاللا تائالا ئېگىمىزنىڭ ئەمرىگە قارشى چىقىش ئېغىر گۇنا ئېكەنلىگىنى، ئەر كىشىنىڭ ھەپ قانداق ۋەزىيەتتە بەرداشلىق بولۇشى لازىملىغىنى يادىغا سېلىپ، تەساللا بېرەتتى.
ئۆلگەننىڭ كەينىدىن ئۆلۈۋېلىش مۈمكىنمېدى؟ ئۇرپى-ئادەت، رەسىم-قائىدە بويىچە ھەممە ئىشلارمۇ تۈگىدى. سېيىتجان ئىككى بالىسى بىلەن يالغۇز قالدى. تىرىك بەندىلەرگە ھاياتنى داۋاملاشتۇرماق كېرەك. بۇمۇ ئەشۇ رەھىمسىز ھايات قانۇنى…
ئېغىر كۈنلەر تۈگەپ، ئېغىر ئىشلار بېسىلغاندىن كېيىن سېيىتجان ئاستا بۆلۈمگە كىرىپ كەلدى. بىللە ئىشلىگەن جىللار ئىچىدە ئۇنىڭ بىلەن ھەقىقەتەنمۇ ئاكا-سىڭىلدەك بولۇپ كەتكەن ئېدۇق. ئۇ ھېچ نەرسە ئېيتمىسىمۇ، بىر جىل ئىچىدە جىغىلىپ كەتكەن دەردىنى كۆزىدىن توختىماي ئېقىۋاتقان ئەلەم ياشلىرى بىر-بىرلەپ بايان قىلىۋاتقاندەك ئېدى.
– دوختۇرلار «ئۇزاق ۋە بىر نەچچە كېتىم تەكشۈرگەندىن كېيىن ئەھۋالنى ئېيتتى. ئامما مېنىڭ ئۇ توغرىلىق ئاڭلىغۇممۇ كەلمەي، ئۇنىڭ ھاياتى ئۈچۈن كۈرىشىشنى داۋام كىلدىم. ھەپ قانچە ئېغىر ئەھۋالدىن مېنىڭ باھارگۈلگە بولغان ھىس-تۇيغۇلىرىم ئۇلۇقتەك، ئۇلار سوزسىز يېڭىپ چىكىدىگاندەك، ئۈمۈت بىلەن جۈردۈم. دوختۇرلاردىن ئەڭ ئاخىرقى ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىشىنى، باھارگۈلنى ساقلاپ قېلىشقا ئۆزەمدە بار، ھەتتا يوق مۈمكىنچىلىكلەردىن پايدىلىنىشقا تەييار ئېكەنلىگىمنى ئېيتىپ، ئىلتىماس كىلدىم. ئەپسۇس، مېنىڭ تىرىشقانلىرىم ئۇنىڭ ھاياتىنى پەقەت بىر نەچچە ئايغا ئۇزارتىشقا يەتتى… نېمە ئۈچۈن؟ نېمە ئۈچۈن بۇ داۋاسى يوق كېسەل مېنىڭ باھارگۈلۈمگە چاپلاشتى، دېگەن سوئالغا نەچچىلىگەن تاڭلارنى جاۋاپ ئىزدەپ ئاتقۇزدۇم. قىسقىسى، مەن ئۇنى ساقلاپ قالالمىدىم…
سېيىتجان يھ ئۈستىگە يھ تارتاتتى. مەن ئۇنىڭ ئۇنىڭسىزمۇ تىتىلىۋاتقان دىلىنى تېخىمۇ يارىلىماس ئۈچۈن باھارگۈل توغرىلىق ھېچ نەرسە سورىماسقا، ئىلاجە بولسا گەپنى باشقا ياككا بۇراشكا ھەرىكەت قىلدىم.
ئۇ خېلىغىچە جىم ئولتىرىپ، بىر چېكىتكە قادىلىپ قالدى. ئاندىن:
– يېكىندا باھارگۈلنى ئاغرىكخانىدىن ئۆيگە ئېلىپ ماڭغان كۈنى ئۇچراپ قالدىڭىزغۇ. بىرەر تونۇش ئادەمنىڭ ئۈنىنى ئاڭلاپ، ئۆز ئەھۋالىدىن خىجالەت بولمىسۇن دەپ سىز بىلەنمۇ سۆزلەشمىگەن ئېدىم. ئاخىرقى ئىككى كۈن ئىچىدە ئۇنىڭ تومۇرلىرىدىن دورىمۇ ماڭماي قالدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىنىڭ نۇرى ئۆچۈپ، قوزگىلىشقىمۇ ماغدىرى يوق ئېدى. پەقەت شۇ چاغدا مېنىڭ باھارىمنىڭ ئاخىرقى دەملىرى ئېكەنلىگىنى ئىقرار قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم. ئاخىرى مەن بۇ ئاچچىق ھەقىقەتتىن قېچىپ قۇتۇلالمىدىم، خالاس. ئۇنىڭغا نېمىمۇ دەپ ئۆيگە ئەكېتەرمەن دەپ پاي – پېتەك بولۇپ جۈرگەن چېغىمدا، ئۇ ماڭا بالىلارنىڭ يېنىدا بىر ئاز جۈرگۈسى كېلىدىغانلىغىنى ئېيتىپ، پىچىرلىدى.
– ئەلۋەتتە، دەم ئېلىش كۈنلىرى ئۆيدە بولغىنىڭىز ياخشى، – دېدىم ۋە ماشىنا چاقىرتىشقىمۇ تاقەت قىلماي، ئۇنى ئاۋايلاپ قولۇمغا ئېلىپ، كۆتىرىپ چىقىپ كەتتىم.
مەن ئۇنى تا ئۆيگىچە كۆتىرىپ باردىم. ئاغرىقخانا بىلەن بىزنىڭ ئۆي ئارىلىغى ئانچىلا جىراق ئەمەسقۇ. مەسىلە ئۇنىڭدىمۇ ئەمەس. قولۇمغا باھارگۈلنى ئېلىشىم بىلەن شاتلىغىدىن قايغۇسى تولا بۇ يورۇق دۇنىيادىن ۋاز كەچتىم. بۈگۈڭىچە ئارزۇ قىلغان تاتلىق خىياللىرىم، باھارگۈل بىلەن بىللە ئۆتكۈزگەن ئەجايىپ بەخىتلىك دەملىرىم كۆز ئالدىمدا مېنى دەپسەندە قىلىپ، كۆككە ئۇچقاندەك بولدى. چۈنكى ئۆتكەن جىلىلا قىزىل گۈلدەك ئېچىلىپ تۇرغان باھارىمدا نە ماغدىر، نە سالماق قالمىغان ئېدى. ئۇ كۈنى خۇدانىڭ ماڭا باھارىم بىلەن خوشلىشىش ئۈچۈن بەرگەن ئاخىرقى ئىمكانىيىتى ئەشۇ خىل بولدى. باھارگۈلۈمنىڭ ئۇنىڭسىزمۇ زېدىلەڭەن تېنىنى ئاغرىتىۋالماس ئۈچۈن ئۇنى ئاۋايلاپ تۇتۇپ، ئۆزەمنى بىردە بىلىپ، بىردە بىلمەي كېلىۋاتىمەن. ئۆزەمنى تۇتۇش ئۈچۈن كانچە تىرىشساممۇ، كۆزۈمدىكى ياشلار بىر توختىماي ئاقماقتا ئېدى. يول بويى ياراتكان ئېگىمىزدىن «ئو خۇدايىم! مەن ساڭا نېمە گۇنا قىلدىم؟ نېمە ئۈچۇن دۇنىيادىكى ئەڭ كىممەت ئادىمىمدىن جۇدا قىلىش جازاسىنى مۇۋاپىق كۆردۈڭ؟ باھارىمنى مونۇ دەھشەتلىك ھالغا سېلىشتىن باشقا چارەڭ يوقمېدى سېنىڭ؟ مەخسىتىڭ مېنى زارلىتىش بولسا تىلىگىڭ ئورۇنلاندى. ئەندى مېنىن يالگۇز تىلىگىمنى ئورۇنلاشتىن باش تارتمىغىن. باھارگۈلنى ئاخىرقى قېتىم تۇتقان قوللىرىمنى ئەستىن چىقماس قىلىپ تالدۇرغىن. شۇنچىلىك تالدۇركى، ئۇنى ھەپ كۈنى كۆتىرىپ جۈرگەندەك سېزىپ جۈرەي، ئۇلۇق ئېگەم»، – دېپ سورىدىم. ئامما خۇدايىم مېنىڭدىن تامامەن ئۈز ئۆرگەن ئېكەن. بۇ تىلىگىمنىمۇ ئورۇنلىمىدى. چۈنكى مېنىڭ باھارىمنىڭ تېنى پاختىدەك يېنىك بولۇپ، قول تالدۇرغىدەك سالمىغى قالمىغان ئېكەن…
– ئۆزىڭىزنى تۇتۇڭ دېدىمگۇ، سېيىتجان. باھارگۈل سىزگە ئالتۇندەك ئىككى يالداما قالدۇرۇپ كەتتى. ئۇلارنى چوڭ قىلىش ئەندى سىزنىڭ بېشىڭىزدا. بالىلار توغرىلىقمۇ ئويلاپ قويۇن، – دەپ ئۇنى باسقاندەك بولىمەن.
-مۇقەددەسنىڭ ئالدىدا ئۆزەمنى گۇناھكار سېزىمەن. ئۇنىڭ ئالدىدا يالگانچى بولۇپ كالدىم. ئاپىسى…ئۇ «ئاپىسى ئۆلگەندىن كېيىن» دېگەن سۆزنى ئېيتالمىدى. سېيىتجان يەنە بىر پەس چېكىسىنى چىڭ بېسىپ ئولتاردى ۋە ئاستا ئاۋازدا سۆزىنى داۋام قىلدى.
-ئۇ كۈنى مۇقەددەس ئون بەش ياشقا تولغان. باھارگۈل ئاغرىقخانىدا. ئەھۋالى كۈندىن-كۈڭە ئېغىرلىشىۋاتقان پەيت. كەيپىياتىم قانداق ئېكەنلىگىنى بىلىسىز. تەغدىر ماڭا ئۆيگە كىرگەندە بالىلارغا ئاپىسىنىڭ ئەھۋالىنى ياخشى دەپ ئېيتىشقا، باھارگۈلنىڭ ئالدىدا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ چۆچەكتىكى «بەخىتلىك ھايات» توغرىلىق سۆزلەش ئوخشاش ئېغىپ ۋەزىپە جۈكلىدى.
پەقەت كېچىسى يالغۇز بۆلمىگە كىرگەندىن كېيىن بۇ دەرتلىرىمنى سىڭىرەر جاي تاپالماي، سەكپارە بولۇپ، تاڭنى قانداق ئاتقۇزىۋالىدىغىنىم بىر ئۆزەمگە ۋە بىر ئاللاغا مەلۇم ئېدى.
ئاخشىمىلا باھارگۈلنىڭ يېنىدا بولغان ئېدىم. ئۇ «مۇقەددەسنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى دەستىخان يېيىپ، مەن باردەك ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىڭ. ئۆزى بۆلەكچىلا نازۇكلىشىپ كەتتى. ئازىراق بولسىمۇ كۆڭلى كۆتىرىلىپ قالسۇن»، دېپ ئىلتىماس قىلغان ئېدى.
بۇ كۈنلىرى مېنىڭدا نەدىن مەيرەملىك كەيپىيات. ھەر ھالدا ئەتىگەنىرەك تۇرۇپ، ئۈستەلگە بىر نەرسىلەرنى تىزىپ، تەييارلىماق بولدۇم. مۇقەددەس تۇرگىچە ئۇنىڭ كۆڭلىنى كۆتىرىدىغان گەپلەرنى قىلماقچى بولۇپ تەييارلىنىۋاتىمەن…مېھمانخانا تەرەپكە كېتىپ بېرىپ، ئۇنىڭ ئىشىگى ئالدىدا توختاپ كالدىم. ئىشىك قىيا ئوچۇق ئېكەن..، مۇقەددەس بولسا ھۆپۈلدەپ جىغلاۋاتقان ئېكەن. ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش تېخىمۇ تەسلىككە چۈشۈۋاتقىنى بەلگۈلۈك بولدى. ھەپ ھالدا بار غەيرىتىمنى جىغىپ، ئۇنىڭ يېنىغا كىردىم.ئۇنىڭغا ئاستا يېقىنلىشىپ،بېشىنى سىيپىدىم.
-بۈگۈن سىزنىڭ مەيرىمىڭىزغۇ، ئاخماق قىز. مۇنداق كۈنىمۇ جىغلامدېكېن؟ چاپسان كۆزىڭىزدىكى ياشنى سۈرتۈپ، قانداق سوغا خالايدىغانلىڭىزنى ئېيتىڭ. ئاپىڭىز ئۆزىڭىز خالىغان نەرسىڭىزنى ئېپىرەيلى دەيدۇ. قېنى چاپسانلىتىڭ، – دەپ تامامەن خۇش كەيپىياتتا ئېكەنلىگىمنى بىلدۇرمەككە بار كۈچۈمنى سالماقتىمەن. مۇقەددەس بېشىنى كۆتىرىپ:
-راستلا خالىغىنىمنى ئورۇنلامسىز، دادا؟ – دەپ سورىدى ئۆپكىسىنى تېخىمۇ باسالماي. مەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش يولىنى تاپقىنىمغا خۇش بولۇپ:
-ئەلۋەتتە، قىزىم، ئېيتىڭ. بۈگۈن سىزنىڭ ھەپ قانداق تىلىگىڭىز مېنىڭ ئۈچۈن قانۇن. قېنى، دادىڭىز مەرت چاغدا سوراۋېلىڭ، – دېدىم.
– ئاپامنى ساقايتىپ بېرىڭ، جېنىم دادا. يالغۇز تىلىگىم شۇ، – دېدى ئۇ يالۋۇرغاندەك قىلىپ.
ئاللا…مېنىڭ تىلىم تارتىلىپ، دېمىم قىسىلغاندەك بولۇپ، بىر ئاز تۇرۇپ قالدىم. توۋۋا، تېخى ئۆتكەن جىلىلا ئەركىلەپ، بىردە ئۇنى، بىردە بۇنى سوراپ، ئاۋارە قىلىپ جۈرگەن قىزىمىزنىڭ جۇمران قەلبىنى ئوڭايلا غەم-قايغۇ بېسىۋالغىنى جۈرىگىمنى خەنجەر بىلەن تىلىۋەتكەندەك سېزىلدى.
-ئانداق بولسا تىلىگىم ئورۇنلاندى دېۋېرىڭ. سەۋەۋى، ئاپىڭىز ئاز كۈندە ساقىيىپ چىقىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا نەرسە سوراڭ، سورىمىسىڭىز، كېچىكىپ قالىسىز. مەن يالتىيىپ قېلىشىم مۈمكىن، – دېگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا يالغان ۋەدەمنى بەردىم.
ئۇنىڭ مىسكىن چىرايى ئۆزگىرىپ، كۆزلىرىدە ئۈمۈت ئۇچقۇنلىرى پەيدا بولغاندەك بولدىيۇ، دەرھال يەنە مۇڭلاندى.
-ئانداك بولسا ئاپام نېمىشكە ئورنىدىن تۇرالماي قالدى؟
ئۇ يەنە ماڭا تەلمۈرۈپ قارىدى.
-بۇ تەبىئىي ھالەت ئەمەسمۇ. ئېسىڭىزدىمۇ ئاخىرقى قېتىم چەت ئەلدىن ئالدۇرغان دورىنى ۋراچلار، «بۇ ئىنتايىن كۈچلۈك دورا. دەسلەپ ئورگانىزمنى ئوساللىتىپ، ئاندىن ياخشى قىلىدۇ» – دېمىگەنمېدى…- دېدىم بۇ «چۆچەكنىڭ» يادىمغا چۈشكىنىگە خۇش بولۇپ.
ئۇ ئورنىدىن سەكرەپ دېگىدەك تۇردىدە، كىچىك ۋاقتىدىكىدەك بوينۇمنى چىڭ قۇچاقلاپ:
-رەخمەت، دادا، بۇ سوغىڭىزنى مەڭگۈ ئۇنتىمايمەن.
ئۇ كۈنى قاھھارنى ئەگەشتۈرۈپ باھارگۈلگە باردۇق. ئەڭ تەسىرلىك يېرى، ئاپىسىمۇ، خۇددى مېنىڭ بىلەن كېلىشىۋالگاندەك، ئۇلارنى ئورۇن-كۆرپىسىنى جىغىۋېتىپ كۈتكەن ئېكەن. باھارگۈلنىڭ ئاياق-قولى تىتىرەپ، ئارانلا تۇرۇۋاتقىنىنى بىلىپ تۇردۇم. ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نەپەسىدىمۇ ئانىلىق بورچىنى ئۆتەپ، ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى قويۇپ، بالىلارنى ئويلاۋاتقىنىنى كۆرۈپ، ئىچ-ئىچىمدىن تەۋرەندىم…
ئەڭ دەھشىتى مۇقەددەسنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدىن كېيىن ئۇ پەقەت بەشلا كۈن ياشىدى…
مۇكەددەسكە بەرگەن ۋەدەم ئەينە شۇنداق ئاياقلاشتى.ئۇنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قاراشقا، ھەتتا بىرەر ئېغىز سۆز قىلىشقا پېتىنالماي جۈرىمەن. ھە، ئۇنىڭ جىغىسى تۈگىمەك تۇرماق، كۈندىن-كۈڭە كۈچىيىۋاتقاندەك قىلىدۇ…
مەن سېيىتجاننىڭ جۈرىگىدىكى يارىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە چوڭقۇر ئېكەنلىگىنى سەزسەممۇ، ئۇنى بەزلەشكە ھەرىكەت قىلىۋاتىمەن. ئامما ماڭا كۇلاق سېلىۋاتقان ئۇ يوق. خالىسا جىم بولۇپ كالىدۇ، ھە خالىسا باھارگۈل توغرىلىق توختىماي سۆزلەپ كېتىدۇ.
– ئاھ، خۇدا! باھارگۈلنىڭ مېنى تاشلاپ ئۇ دۇنىياغا جۈرۈپ كېتىدىغىنىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئېكەنمەن. ئەتىمالىم، باھارگۈل بىلەن ئۆتكۈزۈۋاتقان ئۆمرۈمنى مەڭگۈلۈك دەپ ئويلىسام كېرەك، ئۇنىڭ ئالدىدا كەچۈرۈلمەس گۇناھكار بولۇپمۇ ئۈلگەرگەن ئېدىم.
ئۇ كۈنى بىزنىڭ ھاياتقا بىللە قەدەم باسقىنىمىزگا ئون تۆرت جىل بولغان ئېدى. بىز بۇ كۈننى ھەپ جىلى ئالاھىدە نىشانلاتتۇك. ئادەتتىكىدەك باھارگۈلگە ئالغان سوغامنى تەييارلاپ قويۇپ، ئۆيگە ماڭغىلى ئولتارسام، ئىشخانىغا ئاغىنىلەردىن ئىككىسى كىرىپ كەلدى. ئۇلار يەنە بىر ئاغىنىمىزنىڭ ئۆز ئۆيىدە كۈتىۋاتقىنىنى ئېيتىپ، مېنىمۇ چاقىردى. ئەھۋالنى چۈشەندۈرگەن ئېدىم. «ۋاي بارى-يوكى يېرىم سائات كېچىكىسەنغۇ. پەقەت پىۋو ئىچىپ قايتىمىز. ئاڭغىچە باھارگۈل قېچىپ كەتمەيدىغۇ» دەپ تۇرۇشىۋالدى. مەن دەسلەپ ھەپ بەش مىنۇتتا سائاتقا قاراپ ئولتارغان ئېدىم. ئالدى بىلەن پىۋو، ئاندىن كۈچلۈگىرەگىنى ئىچىپ ئولتىرىپ سائاتنىڭ ئون ئىككى بولۇپ كەتكىنىنىمۇ بىلمەي قاپتىمەن. مەن پېشانەمگە بىر ئۇرۇپ، ئۆيگە جۈگەردىم. باھارگۈل دەستىخاننى يېيىپ قويۇپ، كۈتۈپ ئولتارغان ئېكەن. جىغىدىن قىزارغان كۆزلىرىنى كۆرۈپ، دەرھال كۆڭلىنى ئال- ماق بولۇپ، سوغامنى تاپشۇرۇشقا تەمشەلدىم. مونۇ شەرمەندىچىلىكنى قارىمامسىز، ئۇنىڭگا ئالغان ئەڭ چىرايلىق گۈلدەستەم ئاغىنەمنىڭ ئۆيىدە، ھە قىممەت باھالىق ئەتىرنىڭ قۇتىسى مېنىڭدا، ئۆزى قەيەرگىدۇ چۈشۈپ قالغان ئېكەن. باھارگۈلنىڭ كەيپىياتىنى ئۆزىڭىز تەسەۋۋۇر كىلىڭ!!! مەن ئۇنىڭ ئالدىدا مىڭ كەچۈرۈم سورىدىم، ئەلۋەتتە. بۇ تەندىشى يوق گۇنايىمنى ئۆتەش پەيتىنى كۈتۈپ جۈردۈم. پەلەكنىڭ گەردىشىنى كۆرمەمسىز. مەن نوۋەتتىكى مەيرىمىمىزگە ئۆزەم دەستىخان يېيىپ، ئالاھىدە تەييارلىق كۆرمەكچى بولۇپ جۈرگىنىمدە، باھارگۈلنىڭ ساقلىغى بولماي، ئاغرىقخانىگا چۈشۈپ قالدى. ئۇنى ئاغرىقخانىدا تەبرىكلىدىم. بۇ جىلى بولسا… بۇ جىلى مەن يەنە ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئالالمىدىم. چۈنكى ئەشۇ بىر مانا بەخىت ھەدىيە قىلغان كۈن كەلگىچە مېنىڭ باھارىم كەلمەس سەپەرگە كېتىپ ئۈلگەردى…
***
مېنىڭ خىيالىمنى جىرىڭلىغان تېلېفون ئاۋازى بۆلۈۋەتتى. «ۋاي ئاللا، چۈش بولۇشقا ئازلا قاپتىغۇ». سېيىتجان تېخى يوق. ئىشىمنىمۇ باشلىمىدىم. خەت قولۇمدا تۇرىدۇ. بىر ئاز ئويلانغاندىن كېيىن ھامانەم قالغان ئىشنىڭ ھەممىسىنى چۈشتىن كېيىڭە كالدۇرۇپ، باھارگۈلنىڭ خېتىنى ئوقۇپ چىقىشنى توغرا كۆردۈم. ھەقىقەتەنمۇ سېيىتجان ئەس-ھوشىنى جىققىچە خەت توغرىلىق گەپ كىلماي تۇرغىنىمىز توغرا بولسا كېرەك. ھەپ ھالدا ئۆزىگە بېغىشلانغان بۇ قىممەت يالدامىنى ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئوقۇۋالغىنىم ئۈچۈن مېنى كەچۈرەر ۋە توغرا چۈشىنەر، دەپ ئويلايمەن.
«سېيىتجان! قىممەتلىگىم… دەپ باشلاپتۇ باھارگۈل خېتىنى. – مەن بۇ سۆزنى سىز بىلەن بىللە ئۆتكۈزگەن جىللار ئىچىدە بىرەر قېتىم ئۈنلۈك سىز ئاڭلىغىدەك ئېيتمىغان ئېكەنمەن. ياق، ياق، ئېيتقىم كەلمىگەنلىكتىن ئەمەس، ئەكسىچە پۈتكۈل ھاياتىمدا سىزنىڭ ماڭا بولگان بارلىق ياخشى مۇناسىۋېتلىرىڭىزگە بېنائەن موشۇ خىل ئاددىي ۋە قىممەت سۆزلەرنى دېگۈم كەلسىمۇ، ھېچ جۈرئەت كىلالماتتىم. يالغان دۇنىيانىڭ بۇ ئالامىتىنى كۆرمەمسىز! مەن جۈرئەتلىك بولغان، بالىلار خېلە چوڭ بولۇپ، ئەندىكى ھاياتىمنى پەقەت سىزگە بېغىشلاي دېگەن چاغدا بۇ ئەجايىپ سۆزلىرىم يەنىلا ئۈنلۈك ئېيتىلماي قالىدىغان ئوخشايدۇ. چۈنكى بۇ سۆزلەر سىزگە يەتكىچە، ئەپسۇس، مەن بۇ بېۋاپا دۇنىيا بىلەن خوشلىشىپمۇ ئۇلگىرىدىغان ئوخشايمەن. ھە-ئە، ئەزىزىم، بۇ دۇنىيا ئەينە شۇنداق ئالدامچېكەن. بىلىمەن. سىز مېنىڭ ئەЬۋالىمنىڭ كانچىلىك دەرىجىدە مۈشكۈل ئېكەنلىگىنى يوشۇرۇپ ئاۋارە. مەن ئۇنى سىزنىڭ چىرايىڭىزدىكى مۇھەببەتكە تولۇپ-تاشقان تەبەسسۈمىڭىز كەتكەن، كۆزلىرىڭىزدىكى مېھىر-شەپقەت چېچىلىپ تۇرغان نۇرلار ئۆچكەن كۈندىن باشلاپ بىلىمەن. ئامما سىز بۇ ھالىڭىزنى ماڭا سەزدۇرمەسكە تىرىشىپ، كۆزىڭىزدە غەم تۇرسىمۇ چىرايىڭىز ھېمىشەم كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى. ھەپ قېتىم يېڭى ئۈمۈتلەر بىلەن كېلەتتىڭىز. مېنى بىر دەقىقە ئەجايىپ بىر ئارزۇ-ئارمانلارغا بۆلەۋېتەتتىڭىز. قىزىق يېرى، بەزىدە سۆزۈڭىزگە ھەقىقەتەنمۇ ئىشىنىپ قالاتتىم. لېكىن سىزنىن كۆزلىرىڭىزگە يوشۇرۇپ قويغان قايغۇ-مۇڭنى ئوقۇپ چىقىپ، يەنىلا ھوشۇمغا كېلەتتىم. سىز مېنى، مەن سىزنى بىر قارىغاندىن كېيىنلا چۈشىنىدىغانلىغىمىزنى ئۇنتىدىڭىزمۇ، مېنىڭ مەردانە قەھرىمانىم. مەنمۇ سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى يارىلىماسلىققا، ئۆزىڭىز تەسۋىرلىگەن بەخىتلىك ھاياتتا بەش كۈن بولسىمۇ ياشاشنى ئارزۇ قىلىشقا بار كۈچۈمنى جىغىپ تىرىشتىم. خىيالىمدا سىزنىڭ ئىسسىق ئالىقانلىرىڭىزغا قولۇمنى سېلىپ، چىرايلىق گۈللەر ئېچىلغان باغلاردا، سۇلار شاقىراپ ئاققان تاغلاردا، لەپىلدەپ سىرلىق ياققان يۇمشاق قار ئاستىدا يەنە مېڭىشنى ئارمان قىلدىم.
نە قىلاي، ئاياقلاشماي قالغان ئارمىنىم مېنىڭ. تەغدىر بىزگە جۇرەكلەر قانغىدەك بەخىت قۇچۇشنى يازمىغان ئېكان. ئەندى ئىككىمىز دۇنىياغا ئەكەلگەن بالىلارغا توختىلاي. ئۇلاپ توغرىلىق ئېيتمىسام بولماس. چۈنكى ئىككىمىز بىللە ئېلىپ ماڭغان ھايات كارۋىنى ئەندى يالگۇز سىزنىڭ بېشىنىزگا تەن. ئۇلارنى چوڭ كىلىپ، قاتارغا قوشۇشقا، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى ئۆزىڭىزنى ساقلاشقا مەجبۇرسىز.
مۇقەددەس ئون بەشكە تولدى. بۈگۈن ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى. ئۇ قىزنىڭ قەلبى ناھايىتى نازۇك، دىلى ئوڭايلا ئازاپلىنىدىغانلى- غىنى بىلىسىز. بولۇپمۇ بىيىل ئۇ نۇرغۇن جىغلايدىغان بولۇپ كەتتى. ئۆتكەن جىلقى تۇغۇلغان كۈنىدە: «دوستلىرىم كېلىمىز دېگەن، سىلەر ئېتىۋار كىلمىدىنلار،»- دەپ چاتاق قىلغان ئېدىغۇ. ئۇ چاغدا مەن دەسلەپ ئاغرىپ جۈرگەن پەيتىم ئېدىغۇ؟ ئۇنىنغا «قىزىم، بىيىلچە دوستلىرىڭىز كەلمەي تۇرسۇن، مېنىڭ ساقلىغىم بولماي جۈرىدۇ، كېلىدىغان جىلى ئون بەشكە تولىسىزگۇ، شۇ چاغدا ئۆزەم دەستىخان يېيىپ، مەيرەمدەك ئۆتكۈزۈپ بېرىمەن»، – دەپ ئۆزەمنى چاغلىماي، ۋەدە بېرىپ قويۇپتىمەن. بىيىلقى ئەھۋالىمنى ئۆزىڭىز بىلىسىز. ھەپ ھالدا كۆز نۇرۇمنىڭ كەيپىياتى بۇزۇلمىسۇن دەپ يېنىمدىكىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن ئورۇن-كۆرپەمنى جىغىۋېتىپ، مۇقەددەسنى كۈتۈپ ئولتاردىم. چۈشكە يېقىن سىز ئىككىسىنى – مۇقەددەس بىلەن قاھھارنى ئەگەشتۈرۈپ كىرىپ كەلدىڭىز. شۇ كۈنى تۆرتىمىزنىڭ ئارىسىدا كۆڭلىدىكىنى يوشۇرماي سۆزلەۋاتقان يالغۇز قاھھاپ ئېدى…
– ئاپا، سىز يېكىندا بارلىق پەندىن «بەش» ئالساڭ، ئۆيگە چىقىپ كېتىمەن دېگەن ئېدىڭىزگۇ. بىر پەندىن «تۆرت» ئېلىپ قالدىم. ئىككى-ئۈچ كۈندە ئۇنىمۇ تۈزەيمەن. شۇ چاغدا دادام ئىككىمىز سىزنى ئۆيگە ئېلىپ كېتىمىز. – دەپ ئاۋارە ئېدى.
-ئەلۋەتتە، قوزام، ئەلۋەتتە. ئىككى-ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۆيگە چىقىمەن، – دەپ ئۇنىڭ ماڭلىيىدىن سۆيۈپ، قولىغا كەمپۈت تۇتقۇزدۇم.
ھە، مۇقەددەس ئىككىڭلارزە… ئەتىگەندىن بېرى كۆزۈڭلارنىڭ قۇرىمىغىنىنى، قاپاقلىرىڭلارنىڭ ئىشىپ كەتكەنلىگىنى مېنىڭدىن يوشۇرماق بولۇپ، بىر تاغدىن، بىر باغدىن سۆزلىمەكتە ئېدىڭلار.
باياتىن بېرى قاھھارنىڭ مېنىڭ يېنىمنى بوشىتىشىنى كۈتۈۋاتقان مۇقەددەس:
-ياخشى بولۇپ كېتىپسىزغۇ، جېنىم ئاپا، – دېپ مېنىڭ بوينۇمنى قۇچاقلىدى. مەن ئۇنى باغرىمغا تويماي بېسىپ تۇرۇۋەردىم. چۈنكى بۇ مېنىڭ قوزامنى باغرىمغا ئاخىقى قېتىم بېسىۋاتقىنىمنى ئۇ بىلمىگىنى بىلەن ئۆزەم بىلەتتىم… ئۇنىڭ جۇمران جۈرىگىنىڭ چاپسان-چاپسان سوقۇشىنى، ماڭا كۆرسەتكۈسى كەلمىگەن كۆز ياشلىرىنىڭ جۈرەك-باغرىنى جۇيۇپ ئۆتۈپ، ئىچكى ئەزالىرىنى ئۆكسۈتىۋاتقانلىغىنى، ئۆپكىسىنى تېخىلا باسالماي، ئاستا ئەندىكىۋاتقانلىغىنى سېزىپ، ئۇنىڭسىزمۇ تىتىلىپ تۇرغان جۈرىگىم تېخىمۇ موجۇلۇپ كەتتى.
-تۇغۇلغان كۈنىڭىز مۇبارەك بولسۇن. خالىغان سوغىڭىزنى ئېيتىڭ، قىزىم. دادىڭىز سورىغىنىڭىزنى ئېلىپ بېرىدۇ، – دېدىم ئارانلا پىچىرلاپ.
-رەخمەت، ئاپا. دادام ئەڭ قىممەت سوغا ئېلىپ بېرىشكە ۋەدە قىلدى، -دەپ سىزگە قارىدى ئۇ.
-ئۇ نېمە، قېنى ئېيتىڭ، مېنىڭمۇ بىلىشىم كېرەكقۇ، – دەپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى كۆتەرمەك بولدۇم.
ئۇ مېنىڭ ئورۇقلاپ كەتكەن قوللىرىمنى ئالىقىنىغا ئېلىپ تۇرۇپ:
-سىزنى… سىزنى ساقايتىپ بېرىمەن دەپ ۋەدە قىلدى،- دەپ سىزگە ئۈمۈت بىلەن تەلمۈردى مېنىڭ ساددە قوزام مۇقەددەس. سىز بولسىڭىز ئېغىر گۇنا قىلىپ قويغان ئادەمدەك مۇقەددەسكىمۇ، ماڭىمۇ قاراشقا پېتىنالماي مىڭ بىر ھەسرەتكە تولغان كۆزلىرىنىزنى چەتكە ئالدىڭىز…
– مەن سىزنىڭ بىز بىلەن ھېمىشەم بىللە بولۇشىڭىزنى خالايمەن ئاپا، – دەپ بۇلاقتەك كۆزلىرىنى يەنە ماڭا قادىدى مۇقەددەس. قۇندۇزۇمنىڭ يوشۇرۇپ ئاۋارە بولۇۋاتقان ھەسرەتلىك ياشلىرى ئاخىرى سىرتقا چىقىپ تىندى. باياتىن تىزىلىپ تۇرغان تامچىلار ئەندى ئۇنىڭ قاپ-قاپا ئۇزۇن كىرپىكلىرىنى ئارىلاپ، كەينى-كەينىدىن تۆكۈلمەكتە ئېدى.
…بۇ پەيتتىكى ھىسسىياتىمنى سىزگە ئېيتىپ، ئاۋارە بولماي، سېيىتجان. سىز قىزىمىزنىڭ ئورۇنلانماس ئارمىنى مېنىڭ ئاخىرقى ماغدىرىمنىمۇ ئۈزۈۋېتىش ئالدىدا تۇرغىنىنى دەرھال چۈشەندىڭىز.
ئاياك-قولۇم جانسىزلىنىپ، كۆزلىرىم كاراڭغۇلىشىپ: «ئو، خۇدايىم، بۈگۈنكى كۈندە، مونۇ نارېسېدىلىرىمنىڭ جۈرىگىنى موجۇماي تۇرغىن. موشۇلارنىڭ كۆزىچە جىقىلىپ چۈشمەسلىگىم ئۈچۈن مەدەت بەرگىن…ئاندىن مەندىن ئالارىڭنى ئالىۋەرگىن…»، – دەپ تۇرۇشۇمغا:
-باھارگۈل، سىز ھېرىپ كەتكەنسىز. بىر ئاز ئولتىرىپ دەم ئېلىڭ، – دەپ ئورنۇمگا يېتىلىدىڭىز. مىڭلارچە رەخمەت سىزگە، سېيىتجان. ئادەتتىكىدەك، يەنە سىز ئۆز ۋاكتىدا ياردەمگە كەلدىڭىز.
…ئۇنىندىن كېيىنكى ئەھۋال، ئەلۋەتتە، چۈشىنىشلىك. بالىلارنى كەتكۈزىۋېتىپ، بىر باھانە بىلەن يەنە قايتىپ كىردىڭىز. ۋراچلارنى چاقىرتىپ، ئۇكول سېلىپ قويۇشىنى سورىدىڭىز.
-بۈگۈن مەن سىزنىڭ يېنىڭىزدا قوناي دېدىڭىز،-قوللىلىرىمنى ئۇگىلاۋېتىپ. ئامما ئۇلارنىڭ بۈگۈن ئانىسى بار چاغدىكى ئاخىرقى مەيرىمى ئېكەنلىگىنى بىلىپ:
-ئۆيگە بېرىڭ، سېيىتجان. مۇقەددەس… مۇقەددەس ئۈچۈن ئۆيگە بېرىڭ، – دېدىم پىچىرلاپ. سىز مېنىڭ كۆزۈمدىكى ياشنى ئالىقىنىڭىز بىلەن سۈرتتىڭىز، چاچلىرىمنى تۈزەپ قويدىڭىز. سىز دەل بۈگۈن بالىلىرىمنى ئاخىرقى قېتىم باغرىمغا بېسىپ خوشلاشقىنىمغىمۇ گۇۋا بولغان ئېدىڭىز ۋە بۇ ئەھۋالنى ئۆزىڭىزمۇ بىلىپ تۇردىڭىز ئەلۋەتتە… ئەلۋەتتە بىلدىنىز…
ئاھ، سېيىتجان مەن سىز بىلەن ئەجايىپ بەخىتلىك ئېدىم. ئۆتكەنكى مەيرىمىمىزدا ئاغرىقخانىغا بىر قۇچاق گۈلى بار يوغان سېۋەت كۆتىرىپ كەلگەن ئېدىڭىز. ئۇلا ئەمېس، قولۇمغا ئالتۇن ئۈزۈك، قۇلىغىمغا ئۇنىڭ ھالقىسىنى تاقاپ قويدىڭىز. گۈللەر ئارىسىدا بولسا «ھاياتىمنىڭ باھارى بولغان باھارگۈلۈمگە!» دېگەن قىممەت سۆزلەر يېزىلغان تەبرىكنامە ياتاتتى. يېنىمدىكىلەر مېنىڭ نەقەدەر بەخىتلىك ئىنسان ئېكەنلىگىمنى ھەپ كۈنى ئېيتىپ، مېنى تېخىمۇ خۇش قىلاتتى. سىز ھەپ قانداق مەيرەملەردە ئەينە شۇنداق دىققەت ئېھتىرامىڭىز بىلەن مېنى ئالىقىنىڭىزگا سېلىپ جۈرسىڭىز، مەن بۇنى پېشانەمدىكى تۈگىمەس بەخىتچېغى دەپتىمەن. بۇ دۇنىيانىڭ نەقەدەر ۋاپاسىزلىغىنى بىلمەيلا قاپتىمەن…
قىسكىسى، سىز تاللىگان «باھار» يوپۇرماقلىرىغا ئېگە بولالمىغان «كۈز» بولۇپ چىقتى (چاق-چاق).
راستىمنى ئېيتسام، ئەڭ ئېغىر ۋەزىيەتتىمۇ ئۆزىنى تۇتۇشنى بىلىشنى سىزدىن ئۇگەندىم.
سېيىتجان! مېنىڭ خەت يېزىشقىمۇ چامىم قالمىغىنىنى يېزىقلىرىمدىن كۆرۈۋاتىسىز.
بالىلار سىزگە ئامانەت. قاھھارغۇ كىچىك، ئويۇن بالىسى. ئۇ سىز بىلەن بىللىلا جۇرگەچكە، ئانچە سەزمەي قېلىشى مۈمكىن.ھە، مۇقەددەس… ۋاي، مۇكەددەسنى دېسەم، جۈرىگىم تىتىلىپ كېتىدۇ. ئىلتىماس، ئەشۇ قىزگا يار-يۆلەك بولۇڭ. كۆپ جىغلاتماسقا تىرىشىڭ. يالغۇز قېلىشىغا يول كويماڭ. ئانىدەك بولۇشقا بەل باغلاڭ.
مېنىڭدىن رازى بولۇڭ، قەدىرلىگىم. سىز ماڭا ئەڭ ۋاپادار، ۋە قەدىردان يار بولدىڭىز. ھەقىقەتنى ئېيتسام، بىر نەچچە كېچە سىزدىن ئايرىلىش ئوڭايىراق بولسۇن دەپ «سەندىن ئايرىلىش مەن ئۈچۈن ھېچ گەپ ئەمەس» دەيدىغان بىرلا سەۋەپ ئىزدىگەن ئېدىم توۋۋا، قانداق ئادەمسىز ئۆزىڭىز!!!. ھاياتىمدا مېنى قاتتىق بىر رەنجىتكەن پەيتىڭىزنى تاپالماي ئاۋارە بولدۇم… سىزدىن ئىلتىماسىم، بەندىچىلىكتە رەنجىتىپ قويغانغ قەلبىڭىزنى ئايىماي قالغان پەيتلىرىم بولسا، كەچۈرۇڭ. پەقەت بېشىڭىزنى ئېگىز تۇتۇڭ. قەددىڭىز ئېگىلمىسۇن.چ،شكۈنلۈككە چۈشۈشكە ھەققىڭىزمۇ يوق. چۈنكى، بالىلارغا ئەندى سىز يالغۇز جاۋاپكەر. يادىڭىزدا بولسۇن – مەن سىزدىن ئىككى دۇنىيا رازى.
ئەلۋىدا، سېيىتجان، تايانچىم مېنىڭ!
ۋاپاسىزلىغىم ئۈچۈن مېنى كەچۈرگەيسىز … باھارگۇل».
خەتنى ئوقۇپ بولغىچە كۆزۈمدىن تۆكۈلگەن ياشلار ئۆپكەمنى ئېچىشتۇرىۋەتكىنىنىمۇ سەزمەي قاپتىمەن. بۇ تەڭشەلمىگەن ئالەم ئىككى ياخشى قوشۇلسا، ئارتۇق كۆرۈپ، ئايرىۋېتىشنىڭ بار ئامالىنى قىلىدىغانغا ئوخشىمامدۇ… مونۇ ئىككىسىنىڭ بىر جىل ئىچىدە تارتقان دەردىنى، خۇددى مەنمۇ بىللە تارتقاندەك بولدۇم. ئۈز-كۆزۈمنى جۇيۇپ، سەل بېسىلىپ ئولتىرىشىمغا سېيىتجان كىرىپ كەلدى. ئەلۋەتتە، ئۇ ھېچ نېمىدىن بېخەۋەر. مېنىڭ بىلەن سۇس سالاملىشىپ، ئورنىغا ئولتاردى. چىرايى باياقىدېك سولغۇن.
– باھارگۈلگە يولۇقۇپ كەلدىم، – دېدى ئۇ بىر ئاز جىم ئولتارغاندىن كېيىن. – توۋۋا، ئوڭايلا ئەشۇ يەرنى ماكان قىلىۋالغىنىنى دەيمەنا…
ئۇنىڭ قەبىرستانلىققا بېرىپ، باھارگۈل بىلەن سۆزلىشىپ كەلگىنىنى چىرايىدىن چۈشەندىم. مەن ھازىرچە خەتنى كۆرسىتىشنىڭ ھاجىتى يوقلۇغىنى سېزىپ، ئۇنى تېخىمۇ نېرىراق سېلىپ قويدۇم.
* * *

ئەتىسى مەن ئىشقا كەلسەم بۆلۈمدە سېيىتجان ئولتارغان ئېكەن. ئىشىكتىن كىرىشىمگىلا سالام – سائاتسىزلا:
-خەتنى ماڭا بېرىڭ، – دەپ يېنىمغا كەلدى.
-ۋاي، ياخشىمۇسىز، سېيىتجان، نېمە خەت ئۇ، – ۋاقىتنى سوزماقچى بولدۇم » مۇكەددەس ئېيتىپ قويۇپتىدە» دەپ ئويلاپ.
-ياخشىمۇسىز. خاپا بولماي خەتنى بېرىڭ، – ئۇ، خۇددى كەمپۈت كۈتۈۋاتقان كىچىك بالىدەك، تاقەتسىزلىنىۋاتاتتى. باشقا ئامال يوقلۇغىنى سېزىپ، خەتنى ئۇزاتتىم، ئاندىن ئۇنى بىر پەس «باھارگۈل بىلەن» ئازادە قالدۇرۇپ، ئۆزەم خوشنا بۆلۈمگە كىرىپ كەتتىم. ئارىلاپ-ئارىلاپ «سېيىتجان بېچارە نېمە بولۇۋاتىدېكىن؟» دېپ ئويلاپ كويۇمەن.
بىرسى:
-سىزنى بىر قىز ئىزدەپ جۈرىدۇ، – دەپ چاقىردى. بۆلۈمگە كىرسەم مۇقەددەس يالغۇز ئولتىرىپتۇ.
-دادام يەنە يوقمۇ؟ – دېدى ئۇ تەشۋىشلەڭەندەك بولۇپ. مەن ئەھۋالنى چۈشەندۈردۈم. سېيىتجانغا بولسا، كاھھاپ «ھەدەم ئۆيدىن بىر خەت تېپىۋالدى. ماڭا ئوقۇپ بەر دېسەم، ئۇنىماي ئۆزى ئوقۇپ جىق جىغلىدى. كېيىن، «بۇ دادامنىڭ خېتى، ئىشىغا ئاپىرىپ بېرىمەن دەپ ئېلىپ كەتتى» دەپ ئېيتقان ئېكەن. ئۇ مۇكەددەس مەكتەپتە بولغاچقا، دەرھال خەتنىڭ مېنىڭدا ئېكەنلىگىنى چۈشىنىپتۇ. ئۇنىڭمۇ سەۋەۋى باپ. مېنىڭ تۈنۈگۈن تامامەن باشقىچىلا بولۇپ جۈرگىنىمنى كۆرۈپ ئۇ:
-سىز نېمە بولدىڭىز، – دەپ بىر نەچچە قېتىم سورىغان ئېدى. مەن ئۇنىڭغا جاۋاپ بەرمەي، خۇددى ئۇنى بىرىنچى قېتىم كۆرۈۋاتقاندەك، «ئادەم بالىسىنىڭ ئىچىدە نېمە دېگەن نۇرغۇن سىر ياتىدۇ. شۇنچە جىل بىللە ئىشلەپ ئىچىڭىزدە نېمە بارلىغىنى بىلمىگەن ئېدىم. باھارگۈلنىڭ بېشىغا قونغان بەخىت قۇشى ئېكەنسىز. ئامال يوك، تەغدىر سىلەرگە بەك ۋاپاسىزلىق قىپتۇ…»، دېگەن ئويلار بىلەن ئۇنىڭغا قاراۋەرگەن ئېدىم.
-ھازىر ئۇ بۆلۈمدە يوق. ئۇ نەگە كەتكەندۇ؟ – دېدىم ئەندىشە بىلەن.
-مەن بىلىمەن. ئۇ ئاپامنىڭ يېنىغا كەتتى. بۈگۈن… بۈگۈن ئۇلارنىڭ مەيرىمى ئېدى، – دېدى مۇقەددەس مۇڭلىنىپ.
ئەندى يادىمغا چۈشتى. سېيىتجاننىڭ ئۈستىلى ئۈستىدە بىر سېۋەت گۈل تۇراتتى. خەت توغرىلىق گەپ بىلەن بولۇپ، ئۇنىڭغا ئانچىلا ئېتىۋار بەرمەپتىمەن.
-مەن دادامنىڭ يېنىغا كەتتىم. – دېدى مۇكەددەس،
-توختاڭ، يالغۇز قانداق بارىسىز. مەنمۇ سىز بىلەن بىللە باراي، – دەپ كىيىمىمنى كىيدىم.
***
بۇ پەيتتە سېيىتجان بىر قولىدا خەت، بىر قولىدا گۈل تۇتۇپ، باھارگۈلنىڭ قەبرى بېشىدا غال – غال تىتىرەپ، ئولتىراتتى.
-باھارگۈل! باھارگۈلۈم مېنىڭ، بۈگۈنكى كۈننى ئۇنتىدىڭىزمۇ؟ ئۆمرۈمىزنىڭ تا ئاخىرىغىچە ياخشىلىقنىمۇ، يامانلىقنىمۇ بىللە كۆرۈمىز، دەپ قەسەم كىلغان ئەمەسمېدۇق. مېنى نېمە كىلىپ قويدىڭىز؟ مەخسىتىڭىز مېنى بىر دوگا توپىغا قارىتىپ زارلىتىشمېدى؟ مەن بۇ قىسكا ھاياتتا سىزگە ياخشىلىق قىلىپمۇ ئۈلگىرەلمىگەن ئېدىمغۇ. نېمە كىلغىنىمغا رازى بولدىڭىز؟ قولۇمدىكى ئالتۇنۇمنى ساقلالماي توپىغا كۆمۈپ قويغىنىم ئۈچۈنمۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟
بۈگۈنمۇ بىز ئۈچۈن مەيرەم كۈنى ئېدىغۇ. سىزگە ئالغان گۈلۈم نېمە ئۈچۈن توپا ئۈستىدە ياتىدۇ؟
ھاياتىمنىڭ مەيرىمى ئۆزىڭىز ئېدىڭىزغۇ. مېنى ماتەمدە قالدۇرۇپ ئۆزىڭىز نەلەرگە كەتتىڭىز زادى؟ مېنىڭ زارىمنى ئاڭلاۋاتامسىز، ئېچىلىش ئورنىغا غازاڭ بولۇشقا ئالدىرىغان، پۇغانىم؟ بۈگۈنمۇ ئادەتتىكىدەك كۈتتىڭىزمۇ، مېنىڭ باھاردا كېلىپ، باھاردا كەتكەن، گۆزىلىم…
مۇقەددەس تىزلىنىپ ئولتارغان دادىسىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا قاراپ جۈگەردى.
– دادا، جېنىم دادا. تۇرۇڭ، مەن سىزنى بەك ياخشى كۆرۈمەن. مەن سىزنى ئاپام كۈتكەڭە ئوخشاش كۈتۈمەن، مەن ئەندى جىغلىمايمەن… – دەپ ئورنىدىن تۇرغۇزدى.
ئاتا-بالا ئىككىسى قۇچاقلاشقان پېتى ئۇزاق تۇردى. مەن ئۇلارنى بەزلەشكە كۈچۈمنىڭ يەتمەيدىغىنىنى بىلگەچ، خېلىلا جىراقلاپ كەتكەن بولساممۇ، قۇلىغىمغا ئۇلارنىڭ جىغىسى ئۇزاق ۋاكىتلارغىچە ئاڭلىنىپ تۇردى…

جاۋاب يېزىش