19- ۋە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئورنى ھەققىدە بايانلار

19- ۋە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئورنى ھەققىدە بايانلار

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە مۇشۇ ئەسىرنىڭ بېشىدا زېمىنىمىزدا تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن ئۇيغۇرلار ئۈستىدە تەكشۈرۈش،كۈزىتىش ۋە تەتقىقاتتا بولغان غەرپلىك سەيياھ، مىسسىيونېر ۋە ئېلىسپىدىتسىيىچى ئەجنەبىلەرنىڭ قالدۇرغان ماتېرىياللىرىدا ئۇيغۇر ئاياللىرىغا مۇناسىۋەتلىك خېلى كۆپ يازمىلار بار.مەن شۇ ئۆزۈم كۆرگەن يازمىلارغا ئاساسەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئەجنەبىلەرنىڭ خاتىرىسىدىكى دۇنيا قاراش، كىشىلىك ئەقىدە، ئاياللىق خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن ھازىرقى كۈندىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ جەمىيەتتىكى ئورنى ،دىنىي ئېتىقادى ۋە ئاياللىق پەزىلەتلىرى ئوتتۇرىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ۋە ساقلىنىپ قالغان خۇسۇسىيەتلەرنى سېلىشتۇرۇپ چىقىشقا تىرىشتىم.
بۇ يازمىلارنىڭ كۆپىنچىسىدە ، ئۇيغۇر ئاياللىرى دىنىي ئېتىقادى ناھايىتى كۈچلۈك، شەرمىي –ھايالىق، ئېرى ۋە بالا-چاقىسى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىدىغان، ئىشچان دەپ تەرىپلىنىش بىلەن بىرلىكتە يەنە ئۇلار دىننىڭ چەكلىمىسى ۋە ئۆرپ-ئادەت تۈپەيلىدىن بېكىنمە، مۇستەقىل كۆز قارىشىنى ئىپادىلىيەلمەيدىغان،نىكاھ ئەركىنلىكىدىن مۇستەسنا، نادان،خۇراپىي، ئابرويپەرەس خاراكتېرگە ئىگە دەپ تەسۋىرلەنگەن.
توغرا، كۆپلىگەن مۇسۇلمانلاردا، ئىسلام دىنى پەقەت بىر دىنلا بولۇپ قالماي، يەنە ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بىر ئېتنىك گۇرۇپتىكى مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ –ئادەتلىرىنىڭ تەۋەلىكىنىڭمۇ سىمۋولى بولۇپ قالغان.ئۇيغۇرلاردىمۇ ئۇ دەۋەرلەردە ئىسلام دىنى شۇنداق ئىجتىمائىي، مەدەنىي ، سىياسىي ۋە ئىقتسادىي سەھنىلەردە زور رول ئويناپ كەلگەن.لېكىن بەزى ئۆرپ –ئادەتلەر ئىسلام دىنىنىڭ چەكلىمىسىدىن ھالقىغان بولۇپ، تەدرىجى ھالدا ئادەت خاراكتېرگە ئايلانغان.مەسىلەن بەزى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىكى قىزلارنى خەتمە قىلىش ھادىسىسى قۇرئان كەرىمدە چۈشۈرۈلمىگەن، پەقەت ئافرىقىدىكى بىر قىسىم مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ئۆرپ-ئادىتى بولۇپ شەكىللىنىپ قالغان.ئەمەلىيەتتە بۇ ھادىسە ئاياللارنىڭ جىنسىي سېزىمىنى بوغۇپ ، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنى ئەرلەردىن تۆۋەنلىتىپ ، نورمال تۇرمۇش كەچۈرۈش ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىپ، ئۇلارنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتە كۆپ دىشۋارچىلىقلارغا دۇچار قىلغان.
قەشقەر ۋە يەركەنتلەردە ئۇزۇن يىل تۇرغان شىۋېتسىيىلىك مىسسىيونېر
نىڭ قالدۇرغان ماتېرياللىرىغا قارايدىغان بولساق، ئۇ L.E.Högberg
ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قېتىملىق توي مەرىكىسىنى تەسۋىرلەپ مۇنداق يازىدۇ:»ئەر مېھمانلارغا پولوغا گۆش بېسىپ تارتىلدى، ئىچكىرىكى ئۆيدە ئولتۇرغان ئايال مېھمانلارغا بولسا نەچچە پارچە سۆڭەكلا بېسىلغانىدى»¹
»بۇ موزدۇزنىڭ يەتتىنچى قېتىم توي قىلىشى بولۇپ، بىر ئايال بىلەن ئالتىنچى قېتىم نىكاھ ئوقۇشى ئىدى.»
ئەينى ۋاقىتتىكى مىسسىيونېرلاردىن بىرى بولغان سىگرىد ھۆگبېرگنىڭ قالدۇرغان كۈندىلىك خاتىرىسىگەئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر ئاياللىرى كىيىم-كېچەك ۋە زىبۇ زىننەتكە ھېرىسمەن بولۇپ، ئۇلارنى ھەتتا ئىجتىمائىي ئورنىنى بەلگىلەشنىڭ ئۆلچىمى دەپ قارىغان.پەقەت كىيىم-كېچەك، ياسىنىشدىنلا ئاياللارنىڭ قايسىسىنىڭ خوجايىن ۋە قايسىسىنىڭ مۇلازىم ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولىدىغان بولۇپ،مەيلى
خوجايىن ئايال ياكى مۇلازىملار بولسۇن ھەممىسىنىڭ ئاغزىدىن ئوخشاشلا قوپال تىللارنى ئاڭلىغىلى ۋە بولمغۇر ئىش ھەرىكەتلەرنى ئۇچرىتىش تەس ئەمەس.شۇڭا ئۇيغۇر جەمىيىتىدە خوجايىن بىلەن مالايلار ئوتتۇرىسىدا غەرپ ئەللىرىدىكىگە ئوخشىمايدىغان بىر خىل يېقىن، قويۇق مۇناسىۋەت بولۇپ، مالايلار ئۇ
ئائىلىنىڭ بارلىق پىنھان سىرلىرىنى ساقلىيالايدۇ ۋە ئائىلىدە يۈز بەرگەن بارلىق قۇتلۇق ئىشلاردىن شۇنداقلا پىشكەللىكلەردىن خەۋەر تېپىپ تۇرىدۇ (كۈندىلىك خاتىرە قوليازمىلىرىدىن).
Nils Ambolt نىڭ «كارۋان »ناملىق كىتابىنىڭ ئاياللارنىڭ »ھېس-تۇيغۇسى ۋە ئىسلام دىنى »دېگەن بابىدا مۇنداق بايان قىلىنغان:»بۇ يەردە ئەرلەرنىڭ ئاز دېگەندە ئىككىدىن ئايالى بارىدى.بۇ خوتۇنلار ئوخشىمىغان مورىدىن ئىس چىقىرىشىپ ئۆتسىمۇ لېكىن ئۇلار ئۆزارا چىقىشىپ ئۆتۈشەتتى.لېكىن مەن ئاياللىق سەزگۈمگە تايىنىپ ، ئۆزۈم كۆرۈشكەن ئاق ساقالنىڭ يېڭىدىن ئەمرىگە ئالماقچى بولغان كىچىك خوتۇنىنىڭ كۆزلىرىدىن مەيۈسلۈكنى كۆرگەندەك بولدۇم، مەن ئۇنىڭغا پىچىرلاپ ئاق ساقالنىڭ كېرىيىدىكى خوتۇنىنىڭ 60 ياشتا ئىكەنلىكىنى ئېيتقىنىمدا ئۇنىڭ كۆزلىرى چاقناپ ، باشقىدىن جانلىنىپ كەتتى»
يەنە شۇ ئاپتورنىڭ«قەشقەر»ناملىق كىتابىدا مۇنۇ قۇرلار بايان قىلىنغان:قەشقەرلىك قىز چوكانلار كىشىلەر بىلەن كۆزى ئۇچرۇشۇپ قېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇراتتى،بۇ شەرقلىق ئاياللارنىڭ ئورتاقلىقى ئىدى.2
«شەرقىي تۈركىستاندىكى 25 يىل »دېگەن كىتابتا، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھاياتى مۇنداق بايان قىلىنغان : ئاتا –ئانىلار قىزلار 8 ياشقا كىرگەندىن باشلاپلا ئۇلارغا ئەر ئىزدەشكە باشلايدۇ.14-16 ياشلىق قىزلار ئولتۇرۇپ قالغان »قىزلار بولۇپ سانىلىدۇ.لېكىن بايلارنىڭ قىزلىرى جۈپتىنى ئۆزلىرى تاللاش ئەركىنلىكى بولىدۇ. ئاياللارنىڭ ئوي پىكرىمۇ قانداق قىلىپ ئەرلىرىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشتا بولۇپ،بۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئابرويپەرەس، يالغانچى،ئىشەنچسىز، سۈيىقەست پىلانلايدىغان خاراكتېرىنى شەكىللەندۈرگەن.چۈنكى ئۇلار ئەرلىرىدىن ئايرىلىپ قالسىلا يۆلەنچۈكسىز قالاتتى.3
يۇقىرىقى مىساللاردا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئائىلىدىكى، جەمئىيەتتىكى ئورنى ناھايىتى تۆۋەن ، كىشىلىك ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە بولمىغان ھالەتتە تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرىگە كۈچلۈك ئۇچرىغانلىقىدىن بولغان دەپ يەكۈن چىقىرىلغان.
تۈركولوگ گۇننار ياررىڭ 1900-1950يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا ۋەتىنىمىزدىن توپلىغان ۋە ھازىر شىۋېتسىيە لۇند ئۇنىۋېرسىتېتىدە ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئائىت چاغاتاي تىلىدىكى «ئالتە شەھەردىكى مەزلۇملارنىڭ بايانى» ناملىق بىر قوليازمىدا بولسا ئالتە شەھەردىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئىتائەتمەن، تىرىشچان شۇنداقلا قولى چىۋەر خاراكتېرگە ئىگە ئىكەنلىكى ئىپادىلەنگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. چاغاتاي تىلىدىكى قوليازمىدا مۇنداق مەزمۇنلار بايان قىلىنىدۇ:
«ئەگەر ئېرى ئۆيگە لازىملىق نەرسىلەرنى ئەكىلىپ قويسا، خوتۇنى ئېرىدىن سورىماي
خەجلەيدۇ.ئېرى خوتۇنىدىن «پۇلنى نىمە قىللە » دەپ سورىمايدۇ.بەزىدە خوتۇنى «مېھمان قىچقىرىمەن ، ماڭا ئون ژىگىمە تەڭگە پۇل بەسىلە » دەپ سورايدۇ. ئېرى «ئاچقۇ ئۆزەڭنىڭ قولىدىغۇ،ئۆزلىرى ساندۇقتىن ئېلىپ قانچىكى خەجلىسىلە خەخلەۋەسىلە » دەيدۇ.خوتۇنى»مەنغۇ خەجلەۋەسەم بولىدۇ، ئەمما سىلەنىڭ ئىجازەتلىرى بىلەن خەجلىگىنىم ئوبدان «دەيدۇ.ئېرى قانداق تاماق يەيمەن دېسە شۇنى ئېتىپ بېرىدۇ. ئېسىل كىشىلەر ساماۋارخانىدىن تاماق يېمەيدۇ، بازادىن ھەم تائام ئېلىپ ئۆيگە ئەكىرمەيدۇ.مەزلۇم كىشىلەر ھەمىشە ئۆيدە تائام ئېتىپ بالا –ۋاقىلىرى بىلەن بىللە يەيدۇ.چاق ئىگىرىپ ، يىپ قىلىپ ساتادۇر ۋە كۆڭلەك ،ئىشتان ئىگەنلىنى مەزمۇم كىشى ئۆزى ئۆيدە تىكىدۇ.
لېكىن يەنە ھەممە يەردە بەش بارماق تەڭ بولمىغىنىدەك بەزى ناچار خاھىشلارنىڭمۇ بارلىقى تۆۋەندىكىدەك بايان قىلىنىدۇ:
بەزى ئەسكى مەزلۇم كىشىلەر ئۆينىڭ پايدا زەرەرى بىلەن ئىشى بولمايدۇ، ئۆزىنى ياساپ يۈرىدۇ. ئېرىمۇ ساندۇقنىڭ ئاچقۇچىنى بەرمەيدۇ.ئوسال خاتۇنلەر ئۆيدە تائام ئېتىپ بەرمەي، بازادىن ئەكەلدۈرۈپ بېرىدۇ.
20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇر ئاياللىرى ئائىلە ئىشلىرىنى قىلغاندىن باشقا يەنە ئېتىش ئېرىق، دېھقانچىلىق ئىشلىرىغىمۇ قاتنىشىپ ،ئېرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتەتتى.
مەسىلەن، يۇقىرىقى قول يازمىدا يەنە بۇ ھەقتە مۇنداق بايانلار بار:

« كالىنى ئېغىلدىن مەزلۇم كىشى ئۇششاق باللارغا ئەچىقتۇرۇپ، يا ئۆزى ئەچىقىپ، بىر تۈۋرۈككە باغلاپ، كالىنىڭ بېجىكىنى ئىككى –ئۈچ قاتار مۇجۇپ موزاينى ئازراق ئېمىتىپ يەنە ساغىدۇ.كالىنىڭ سۈتى ئاز بوپ قالسا، ئوبدان ھەلەپ ئېتىپ بەرسۇن دەپ ئىشلەيدىغان ئادەمگە بۇيرۇيدۇ. مەزمۇم كىشىلەر قوناق، بۇغداي تېرىسە، ئېرىنىڭ كەينىدىن بىللە يۈرۈپ تاپساپ بېرىدۇ.ئىنەك، ياكى ئۆچكە ، قويلارنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، مېتالنى تىزىغا قىسىپ ئولتۇرۇپ يا بولمىسا يەنە بىر مەزلۇم كىشىگە تۇتقۇزۇپ قويىدۇ.يامان كالا بولسا، ئىككى پۇتىنى تېڭىپ قوياپ سويىدۇ.ئوغۇزنى موزاي ئېمىدۇ. كالا تۇغۇپ بىرەر ئايغىچە ساغمايدۇ، بۇ ئوغۇز سۈتىنى ئىچسە ئادەمگە زەرەر قىلىدۇ دەپ بىر ئايدىن كېيىن سېغىپ ئاخشاملىقتا چېلەككە ئەپ قويىدۇ، شاماللىق يەرەە قويىدۇ.كېچىچە قايماق تۇتىدۇ.ئەتىگەندە قايماقنى سۈزۈپ ، قايماق چاي قىلىپ ناشتا قىلىدۇ، بولمىسا قايماققا باراۋەر كەلگۈدەك شېكەر سېلىپ، ئۇزۇن قوچۇپ ، يۇمشاق ناندا قايماقنى ئىلىپ يەيدۇ.»

داڭلىق تۈركولوگ ، «ئۇيغۇرچە-ئېنگىلىزچە لۇغەت»نىڭ تۈزگۈچىسى گۇستاف راكۇيىتنىڭ قەشقەردە توپلىغان ماتېرىياللىرى ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان ، قەشقەردىكى ئەنگىلىيە كونسۇلخانىسىنىڭ خادىمى بولغان مۇھەممەت ئالى داموللا تەرىپىدىن يېزىلغان قوليازما توپلىمىدا «مەزلۇم كىشىلەرنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرى» ناملىق چاغاتاي تىلىدا يېزىلغان بايان بولۇپ، تارىخىي دەۋرى 1910-1905 يىللارغا توغرا كېلىدۇ.
«مەزلۇم كىشىلەرنىڭ ئىشى پىشۇرماق، ياپماق، تىكمەك، ئوت ئوتاماق، قوناق سويماق، ئىگەن تىكمەك بولادۇر. بۇندىن باشقا، قاشلىق ئەتمەك، ئۇپا ئەڭلىك سۈرتمەك، ئوسما قويماق، ساچ سالماق، باش باقماق،ئۆزىگە زىننەت قىلىپ پەداز قىلماق، ئۇلاغ باقماق، ئوران سالماق، ئوران يىغماق، سۈپۈرمەك، شىرە، تەڭنە، قاپاقتا سۇ كەلتۈرمەك مەزلۇملارنىڭ ئىشىدۇر.باش ئۆيەپ (ئۆرۈپ) بېرىپ شۇنىڭدىن جان باقىدىغان مەزلۇملار بار.»
ئەمەلىيەتتە قۇرئان كەرىمدە ئاياللارنىڭ ئورنى ئەرلەر بىلەن باراۋەر قىلىپ كۆرسىتىلگەن ۋە ئاياللارنىڭ ھوقۇق ۋە مەنپەئەتلىرى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئوخشىمىغان كۆزقاراش ۋە ئېقىمدىكىلەر ئۇنى تۈرلۈك ئۇسۇللاردا شەرھىلەپ كەلگەن. غەرب دۇنياسىدىكى ئاياللارنىڭ ئورنى تېخى يېقىنقى 200 يىلدىن بېرى تىكلەنگەن بولسا، ئىسلام دۇنياسىدىكى ئاياللارنىڭ ئورنى بۇندىن 1400يىل بۇرۇنلا قانۇنىي ھوقۇق –مەنپەئەتلىرى كۆرسىتىلىپ، ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى،ئۆز جۈپتىنى تاللاش ئەركىنلىكى، نىكاھتىن ئاجراشقاندىن كېيىن بالىلارغا ھامىي بولۇش ھوقۇقلىرى ئىجرا بوپ كەلگەن. ھەدىستە بىر بايان بار:دادىسى تەرىپىدىن مەجبۇرى بىرسىگە ياتلىق قىلىنماقچى بولغان بىر قىز پەيغەمبەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ دەرت تۆكۈپتۇ.»دادام مېنى ئۇنىڭ بايلىقىنى دەپلا ، مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلاۋاتىدۇ، مەن بۇنى ئەسلا خالىمايمەن پەيغەمبىرىم »دەپتۇ.پەيغەمبەر بۇنى ئاڭلاپ»سېنىڭ ئەركىنلىكىڭ بار، ئۆزۈڭنى بۇ ئىشقا مەجبۇرلاشنىڭ ھاجىتى يوق، ئۆزۈڭ خالىغىنىڭنى قىلغىن »دەپ جاۋاپ بېرىپتىكەن.
دەرۋەقە ئىسلام جەمىيىتى »شۇرا» ،»ماسلاخا» ۋە »ئىجتىھاد»تىن ئىبارەت مەركىزىي سېستىما ئاساسىغا قۇرۇلغان بولۇپ، ئاياللار ئەرلەر بىلەن بىردەك»ئىجتىھاد»قا قاتنىشىدۇ.بۇ پىرىنسىپ نەتىجىسىدە كۆپلىگەن رايونلار ئۆز ئالدىغا شەكىللەندۈرگەن ئۆرپ-ئادەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن.
ئىجتىمائىي تۈزۈم ئوخشىمىغان ئىندىۋىدلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتلىرىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ئاياللارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتى يەنە ئوخشىمىغان كاتىگورىيە، ئېتنىك ئالاھىدىلىك ۋە سىنىپقا باغلىق ھالدا ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.مەسىلەن ، يۇقىرىقى مىساللاردىكىدەك ، جەمئىيەتشۇناسلىقتا ئاياللار تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي شارائىتنىڭ چەكلىمىسى نەتىجىسىدە ئەرلەرگە بېقىنىدىغان ، ئۇلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان »زاۋۇت»قا ئايلانغان بولسا، تەرەققىي قىلغان جەمئىيەتتە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر بارلىق ئىجتىمائي مۇناسىۋەتلەرنى بەلگىلەيدۇ، پەقەت ئىقتىسادىي ئامىللارلا ئىنسانلارنىڭ ئورنى، تەپەككۇرى ۋە يۈرۈش-تۇرۇشىنى بەلگىلەيدۇ دەپ قارايدۇ.
بىر ئەسىردىن كېيىن ئىسلام دۇنياسىدىكى ئاياللارنىڭ ئورنىدا خېلى كۆپ ئۆزگىرىشلەر بولدى. ئىسلام فېمىنزمچىلىرى باش كۆتۈردى. ماراكەشلىك فاتىما مېرنېسسى قۇرئاننىڭ پەقەت خاتا تەدبىق قىلىنىۋاتقانلىنى ، كېيىنكى خەلىپىلەرنىڭ ئاياللارنى كەمسىتىدىغان، تۆۋەن كۆرىدىغان ئېقىملارنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
ئىنفورماتسىيە تېخنىكىسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئورنىدىمۇ باشقىچە چوڭ ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. بىلىم ئېلىش، خىزمەت بازىرىغا يۈزلۈنۈش،تۇغۇتتىن كېيىنكى كۈتۈنۈش،ئۆمۈر كۆرۈش يېشى قاتارلىقلاردا خېلى كاپالەتلەر بېرىلدى. ئۇيغۇر ئاياللىرى باشلىرىدىكى ھىجاپنى چۆرۈپ تاشلاپ ئىسلاھات دەۋرىگە لايىقلىشىش ئۈچۈن دىنىي ئەقىدە، مەدەنىيەت ۋە ئەخلاق-پەزىلەتلەرنىمۇ بىرگە چۆرۈپ تاشلاش كېرەكمۇ قانداق دېگەن خىرىسلارغا دۇچ كەلدى ۋە تۈرلۈك كرېزىسلارغا يولۇقتى.
ئامېرىكىلىق پەيلاسوپ Susan Mollir Okin(1946-2004) نىڭ نەزەرىيىسىگە ئاساسلانغاندا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى لىبىرالىزمنىڭ ئاساسىي قانۇنىيەتلىرىگە بوي سۇنغان ھالدا كاپالەتكە ئىگە بولۇشى كېرەك .ئاياللار ھوقۇق ۋە مەنپەئەتلەرگە ئىگە بولۇپلا قالماي بەلكى يەنە ئىجتىمائىي رولىنىمۇ جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.
ھىجاپ ئارتىش دىنىي بېسىمغا ئۇچرىغانلىق، كالتەك يوپكا كىيگەنلىك مودېرنىزم دېيىشكىمۇ بولمايدۇ. ئىران فىلىملىرىدە ھىجاپ ئەرلەرنىڭ ھەۋىسىنى توسۇش ئۈچۈن دەپ قارالسا ، ھىندى فىلىملىرىدە ھىجاپ ئەرلەرنىڭ ھەۋىسىنى قوزغاش ئۈچۈن دەپ قارىلىدۇ.غەرپ ئەللىرىدە ھىجاپ مەدەنىيەتنىڭ قالدۇقى دەپ قارالغان بولسا، ھۈمەينى ئۇنى مەدەنىيەتنىڭ يۈكسەكلىكى دەپ قارايدۇ.
Kymlicka Will نىڭ ئىندىئان ئاياللىرى توغرىسىدا ئىزدىنىپ يازغان «لىبېرالىزم، جەمئىيەت ۋە مەدەنىيەت»ناملىق كىتابىدا ئىندىئان ئاياللىرىنىڭ ئۆز كىملىكىنى ساقلاش ئۈچۈن ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىن قىلغان كۈرەشلىرىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئۆزلىرىنىڭ ئۇرۇقىدىن باشقا ئۇرۇقتىكىلەر بىلەن ياكى باشقا مىللەتلەر بىلەن توي قىلغان ئىندىئان ئاياللىرى ئۆز ئورنىنى يوقىتىپ قويىدۇ.ئاياللار پەقەت ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ئارقىلىقلا ئىجتىمائىي ئورنىنى تىكلىيەلەيدۇ.
جۈملىدىن ئۇيغۇر ئاياللىرى نۆۋەتتە تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن خىرىس ۋە تەقدىرگە دۇچ كەلمەكتە. ۋەتەن ئىچى ياكى سىرتىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى بولسۇن، ھەممىسىلا ئۆز كىملىكى ۋە مەدەنىيەت تارىخىنى قوغداش، كېيىنكى ئەۋلاتلارغا ماددى ۋە مەنىۋىي بايلىقلارنى مىراس قالدۇرۇش يولىدا قىيىنچىلىقلار ئالدىدا يەنىلا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قەيسەر، تىرىشچان ، ئىپپەت نومۇسىنى ئەزىز بىلىدىغان مىجەزلىرى بىلەن ئۇيغۇر روھىنى مەڭگۈ جەۋلان قىلغۇسى.

Hermods AB — Luntmakargatan 34 — 111 37 Stockholm — www.hermods.se — 08-410 254 00

جاۋاب يېزىش