بەدىنىڭىزدە نېمە كەملىكىنى بىلەمسىز؟

1. ئاقسىل كەمچىل بولسا:
سوغۇقتىن قورقۇدۇ، مۇسكۇللار بوشىشىدۇ، كۆكرەك قىسمى ساڭگىلىغاندەك سېزىم بولىدۇ، ئاسان قورۇق چۈشىدۇ، ئۆسۈپ – يېتىلىشكە تەسىر يېتىدۇ، ئىمۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەيدۇ، ئاسان زۇكام بولىدۇ، ئاسان چارچايدۇ، كۆپىيىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ، قان ئازلىق، ئاسان قېرىش، چېچى چۈشۈش، تىرناقلىرى يېرىلىش، يارا ئېغىزى پات ساقايماسلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
2. ب تۈرىدىكى ۋىتامىنلا كەمچىل بولسا:
ئىنكاسى ئاستا، كۆزلىرى نۇرسىز بولۇپ قىچىشىدۇ، قىزىرىدۇ، روھى چۈشكۈن بولۇپ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ، سەۋەبسىز ئاچچىقلايدۇ، تېرىكىدۇ، ئىشتىھاسى تۇتىلىدۇ، لەۋلىرى يېرىلىدۇ، جاۋىغاي ياللۇغى بولىدۇ، ئېغىزى پۇرايدۇ، ئاسان چارچايدۇ، ئىسسىقى ئېشىپ كېتىدۇ، تېرىنىڭ سېزىمچانلىقى ئېشىپ ئاسان رېئاكسىيە بېرىدۇ، بېشى ئاغرىپ، كۆڭلى ئېلىشىپ ياندۇرىدۇ.
3.ۋىتامىن س كەمچىل بولسا:
ئاغزى قۇرۇپ تىلى يىرىكلىشىدۇ، ئىمۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەيدۇ، چىش مىلىكى ئاسان قانايدۇ، ئاسان زۇكام بولىدۇ، تېرىگە ئاسانلا سۆسۈن داغ، تارتۇق پەيدا بولىدۇ، سۆڭەك توقۇلمىلىرى ئاجىزلايدۇ، قارا داغ پەيدا بولىدۇ، كۆزگە ئاسانلا ئاق چۈشىدۇ. ئاياللاردا بالىياتقۇ بوينى راكى بولۇش نىسبىتىنى ئۆرلىتىدۇ.
4.ۋىتامىن ئې كەمچىل بولسا:
ئادەت خارەكتېرلىك بويىدىن ئاجراش، ئىچكى ئاجرالما قالايمىقانلىشىش، تۇغماسلىق، ئادەت نورمالسىز بولۇش، ئادەتتىن بۇرۇنقى يىغىندا كېسەللىكى، يارا ئېغىزىدا تارتۇق قېلىش، دانىخورەك چىقىش، كۆزى ئالغاي بولۇپ قېلىش، قېرىش، قېرىلىق داغلىرى پەيدا بولۇش، ئۆپكە ئىقتىدارى تۆۋەنلەش ئالامەتلىرى بولىدۇ.
5.ۋىتامىن ئا كەمچىل بولسا:
كۆزى قۇرغاقلىشىش، كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەش، نامازشام قارىغۇسى، بۇرۇن – يۇتقۇنچاق – كېكىردەك ئىمۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەش، ئاسان ياللۇغلىنىش، رېئاكسىيە بېرىش، تېرىسى قۇرغاق بولۇش، قۇلاق مۇلغۇيى كۆپ بولۇش، قۇلاق قىچىشىش، چاچ كېپىكى كۆپ بولۇش، چېچى چۈشۈش، ئۆپكە ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، سۈيدۈك ۋە كۆپىيىش سىستېمىسى ئىقتىدارى تۆۋەنلەش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
6.كالتسىي ، ماگنىي كەمچىل بولسا:
ئاسان چۈش كۆرۈش، چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىش، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، كەيپىياتى تۇراقسىز بولۇش، بېشى ئاغرىش، كۆپ سىيىش، پۇت – قوللىرى تارتىشىپ قېلىش، چىشىنى غۇچۇرلىتىش، مۇسكۇللار تارتىشىپ قېلىش، بېلى سىرقىراپ ئاغرىش، سۆڭەكلەر شالاڭلىشىش، ئاسان سۇنۇش، سەۋەبسىز ئاغرىقلار، يۈرىكى سېلىش، تولا گەپ قىلىش، بالىلارنىڭ بويى ئۆسمەسلىك، سىيىپ قويۇش، ئاياللاردا ئادەت ئاغرىتىپ كېلىش ئالامەتلىرى بولىدۇ.
7. تالا ماددىسى كەمچىل بولسا:
ئىچى قېتىپ قېلىش (قەۋزىيەت)، گېموروي (بوۋاسىر)، ئاسان تاش چۈشۈش، دانىخورەك چىقىش، ۋېنا ئۆسمىسى، سېمىزلىك، خولېستېرىن يۇقىرىلاش، ئۈچەي چاپلىشىپ قېلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
8.بېلىق مېيى كەمچىل بولسا:
ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، مايدا ئېرىشچان ۋىتامىنلارنى ساقلىيالماسلىق، تېرىلەر قۇرغاقلىشىش، كۆرۈش قۇۋۋىتى چېكىنىش، سوغۇقتىن قورقۇش، بوغۇم ياللۇغى، يۈرەك – مۇسكۇل كېسەللىرى، بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللاردا سۈتى ئازلاش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
9. تۆمۈر ۋە ياپراق كېسىلاتاسى كەمچىل بولسا:
ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، دىققىتىنى يىغالماسلىق، ئۆگىنىشى چېكىنىش، پۇت – قوللىرى مۇزلاش، ئاسان ئۇيۇشۇپ قېلىش، ئىچى سىقىلىش، ئۇھ تارتىش، يۈزلىرى تاتىرىش، تىرناق شەكلى ئۆزگىرىش، تاپىنى ئاسان يېرىلىش، ئاسان چارچاش، روھى چۈشكۈن بولۇش، تىلى ئىششىپ قېلىش، ئۇيقۇسىزلىق، ھەرىكىتى ئاستىلاش، ھامىلدار ئاياللار بولسا كۆڭلى ئېلىشىش، ياندۇرۇش، كەمتۈك، غەيرىي تۇغۇپ قويۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.