ھاياتنوپۇس مۇھەممەت خانىمنىڭ «قىزلىق دوقمىشىدىن ئانىلىق سەپىرىگچە» دىگەن كىتابدىن ئۈزۈندىلەر :
قۇياش كېچىسى ئۆزىنى دالدىغا ئالىدۇ، تەپتى كېچىسى يوق. ئانىنىڭ مېھرى كېچە – كۈندۈز، قىش – ياز ۋاقىت تاللىمايدۇ ،ئۇنىڭ تەپتى ھار قاچان ئوخشاش، ئۇ ھەرقاچان پەرزەنتى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىشقا تەييار. ئۇ ھەر قاچان پەرزەنتى ئۈچۈن يۈرىكىنى سۇغۇرۇپ بېرىشكە تەييار! چۈنكى زېمىن ئاپىرىدە قىلىنغان تەڭدىشى يوق بىردىنبىر مېھرى – مۇھەببەت، پەرۋىشلەر تىلسىمى. ئەي ئۇلۇغ ئانا، قاردەك ئاپئاق، قۇياشتىن ھارارەتلىك مېھرىڭ، قەلبىڭ بىلەن زېمىننى ئىللىت، ئاڭا يۇرۇڭلۇق، ئاقلىق، پاكلىق، ئىللىقلىق ئاتا قىلغىن. بۇلۇڭ – يۇچقاقلاردىكى يېتىم – يېسىرلار توڭلاپ قالمىسۇن، ئۆزىنى ئاجىز، پەرۋىشسىز، پاناھسىز ھېس قىلمىسۇن. بۇ دۇنيادا پەقەت سەنلا ئۇلارنى ئىللىتالايسەن، بۇ دۇنيادا پەقەت سەنلا ئۇلارنى قۇتقۇزالايسەن! بۇ دۇنيادا پەقەت سەنلا ئۇلارغا يورۇقلۇق ئاتا قىلالايسەن! دۇنيا سېنىڭ قولۇڭدا، سېنىڭ پەرۋىشىڭدە، بىزنىڭ رولىمىز سېنىڭ قولۇڭدا، بىزنىڭ بەختىمىز سېنىڭ ئايىغىڭىدا، دۇنيا سېنىڭ پەرۋىش،