يىغلىۋالاي

زۇلفىيە مۇھەممەد

چامادانغا قاچىلاپ لىپمۇ _ لىق،
ۋەتەن، تۇپراق ، تۇققان سۆيگۈسى…
گۈدەك، سەبىئىي گۈزەل ئەسلىمە،
غۇۋالاشقان تۇتۇق  كەلگۈسى.

زورلاپ كۈلۈمسىرەپ.
نامەلۇم تەقدىرنى پەملەپ…
چىقىپ كەتتىم سول پۇتۇم بىلەن،
يىغلاپ قالدى ئانا يەر كۆزى.

يېرىم ھايات، ئىللىق مۇساپە،
بەت ئۆرۈمەي توختاپلا قالدى،
يالاڭ ئاياغ ماڭغان توپىلار،
قوغلاپ يۈرگەن بۆجەن، تازقارا،
مەنسىز قالدى، ياشسىز يىغلىدى،
ئۇچۈپ كەتتى يىپى يوق لەگلەك…
ئۆچۈپ كەتتى ئايىغىم ئىزى.

ئۇيۇپ قالدى  قارچۇقلىرىمدا،
پولاڭلىغان قول، خوش دىگەن سۆزى…
دۇئا تىلەپ قىزىنى كۈتكەن،
قاغجىرىغان ئانام قەۋرىسى…

يېشىمنى يۇتقان يامغۇرلۇق كېچە،
ئېغىر سومكا، چامادان سۆرەپ،
يېتىمسىراپ ماراپ تەمتىرەپ،
قارا بېسىپ ئويغىنىپ تىترەپ،
تونۇش ئىزدەپ غەيرى كوچىدىن،
ساياق يۈرۈپ ئېغىز ئۆمچەرەپ…
خىللىغاندا غەيرى يات  تۇپراق،
يولدا ئېزىپ يېنىپ  پايپاسلاپ،
خاتا قەدەمنى  تەتۈردىن ساناپ…
مۈشكۈلاتتا تاپقاندا قونداق.

يىغا كەپلىشىپ قالغان بوغوزنى،
ئېچىۋىتەي پەپىلەپ تۇرۇپ،
تۆكۈۋىتىەي يامغۇردەك ئۇنچە،
يىغلىۋالاي بەدەخشان قۇرۇپ….
يىغلىۋالاي مۆكۈنۈپ تۇرۇپ،
خىجىللىقنى تەكچىدە قويۇپ.

يىغلىۋالاي ئاۋازنى قويۇپ،
ئېچىپ تۇرۇپ كونا چامادان.
ۋاراقلىغاچ ۋەتەن سۆيگۈسى،
پەيدا قىلغان يۈرەكتە گۈلخان…
يىغلىۋالاي قەلب بوشىسۇن،
ئانا تۇپراق، مىھىر بۇلاقنى ،

كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ ھەرئان.
بىر دەم  بىردەم ئېسەدەپ تۇرۇپ،
يېشىم كەلسە  سەلدەك كۆۋەجەپ،
سېرىق ياپراق چۈشكەندەك لەپ _ لەپ،
توروكلىشىپ  ھەسرەتلەر، دەرتلەر،
چۈشۈپ قالسۇن ئارقامدا مەڭدەپ…
دۇئادا قولۇم بىر كۈنى كېلەر،
مېڭىۋەرسەم ئارزۇنى كۆزلەپ،
كۆك كەپتەرلەر كۈتسىكەن ئۈنلەپ…

جاۋاب يېزىش