زۇلفىيە مۇھەممەد
مۇھەببەت چېچىلىپ ياتار…
جىگدە چېچىگى بىلەن تولغان،
خام قىشلىق، قورشاۋسىز ئۆيدە….
ھەيران، ھۆرمەت بىرلەشكەن،
قەدىر، ھىممەت يەرلەشكەن.
ئوسما قويۇشۇپ كۈلۈشۈپ،
ھەم بېشىغا تۆكۈشۈپ…
ساناپ تۇرۇپ چېچىنى،
قىرىق دانە ئۆرۈشكەن….
قىر ئۈستىدە ئولتۇرۇپ..
دەرت _ئەھۋال تۆكۈشكەن…
كۆڭۈللىرى بىر بولۇپ،
يۆگىمەچتەك يۆگەشكەن..
سۈزۈك مېھىر مۇھەببەت…
سېۋەت كۆتۈرگەن قولى،
قوناقلىقتا يولى…
ئوتىغۇچتا چارا ئوت،
يۆگىمەچنى يۇلۇپ…
قوزىلىرى ساقلاپ،
كىچىك ئېرىقلاردىن ئاتلاپ،
ئوت ئالىمەن قويۇمغا،
مېھىر بېرەر باغاشلاپ….
ئوقۇرغا سالىمەن كەپلەپ،
يۈرەكتە لىپمۇلىق مۇھەببەت….
دادا باراڭ ئاستىدا ،
يامىماقتا ۋېلسىپىت كامىر…
باشتىن ئاياق سۇغا سېلىپ،
يىرتىغىنى ئاخىر تېپىپ…
سەبىر بىلەن يىلىم سۈرۈپ،
ئاغزىدا پۈۋلەپ قۇرۇتۇپ..
ئاستاغىنە كىرگۈزۈپ،
بالىغا ساۋاق بىلدۈرۈپ…
چۈشەنمىسە كۈلدۈرۈپ…
مېھىر بېرىپ، سۆيدۈرۈپ…
ئاتا قەلبى كارامەت،
ئۆينى جەننەت ئەيلىگەن،
ناخشا _ سازى كۈيلىگەن..
ئۇچۇپ يۈرگەن مۇھەببەت.
مېھىر ساندۇقى ئانا،
ئۇيان _ بۇيان لەپىلدەپ..
بەزىدە قېلىپ مەڭدەپ..
كۆلبىنى پاكىز قىلىپ،
ئارماننى ھاسىل قىلىپ.
ھازىر قىلىپ داستىخان،
كۆڭۈللەرگە غەمخان…
ئاجىزلىغان كۆز نۇرى،
قاتمۇقات قورۇقلىرى..
قاتارغا قوشتى قانچە،
تۇلپار كەبى قىز _ ئوغلان.
قاتقان قوللىرىدا سۆيگۈ،
ئېگىلگەن بەللىرى مىسال،
باققان گۈللىرى تۇيغۇ،
تەسۋىرلىمەككە نەھال؟
تورۇستا يەردە، ئۆگزە،ھويلىدا،
ئانا پۇرار، پۇرار مۇھەببەت.
