مەھەللىدىكى ئۆستەڭ 

زۇلفىيە مۇھەممەد 
ئۆستەڭ دەيمىز ھۆرمەتتە،
ئېرىق ئىدى ئەسلىدە….
سۈيى مول، مۇھەببىتى چوڭقۇر،
شامىلى كېلەر غۇر _غۇر…
ئوخشىمىغان مەنالار…
ھەر بىر پەسىلدە.
تىنجىق ئىسسىقتا دەريا بولۇپ،
چۈمۈلۈپ ئوينار بالىلار تولۇپ.
«قاپاق تېرەك ئۆرۈلدى گۇپپۇڭ،
بىر چۈمۈپلا سەكرەپ قوپۇڭ «
بۇرۇن _ قۇلاقنى ئېتىپ،
ئارقىدىن نىشان قىلىپ،
بىر چۆكۈپ بىر كۆرۈنۈپ.
بېلىق كەبى ئۈينايتى،
ئانا كۆرۈپ قانمايتى.
 بەخت گۈلى چاقنايتى…
قاينام تاشقىن يۈكلىگەن،
ئىچ _ئىچىدىن كۈلدۈرگەن،
ئۆتكەن _ كەچكەنگە دەڭ،
باغرى دەريادەك كەڭ…
مۇڭدىشىشلار تۈگىمەس،
بولۇپ كېتەر تۈن تەڭ…
كىچىك ئەمما كۆل ئۆستەڭ.
ئەتىيازنىڭ ئەگىز سۇلىرى،
بەزەن كەلكۈن قارا لايلىرى،
سۆيۈپ ئۆتەر ئۆستەڭ قىرغىقى…
تەبىئەتنىڭ توزىقى…
يوقتۇر سورىقى…
بېرىپ قويار كۈلپەت،
بولالماس ھېچكىم ئۈلپەت…
چاقماق چېقىپ، بوران چىققاندەك..
ھاياتىغا بىر چىكىت قويار،
بىراق قەلبى شۇنىمۇ تۇيار..
پۇرىقى باردەك ھەسەن _ ھۈسەن،
ھېچقانداق بىر ئىش بولالماس قەستەن.
چاينەكىنى ئاقارتىش ئۈچۈن،
چاپادىكى قارا لاي بىلەن،
سۈرۈپ _ سىيرىپ يۇيىۋاتقان قول،
ھەممىدىن بەك چۈشىنەر بەلكىم،
قارا لاينىڭ كارامىتىنى….
ھاردۇق يېتىپ كىرىپ ئۆستەڭگە،
تىزىغىچە كېچىپ،
ھېس قىلىدۇ شاپائىتىنى.
راھەت بېغى،
كۈيلەر سېخى…
مەنالار تېغى،
مەھەلىگە ئۇز ياراشقان ئۆستەڭ.
زىمىستاندا تىترىگەن يۈزى،
سۆزلەپ بېرەر سىرىنى..
ئاستىمدا سۇ بار،
ھاياتقا ئۈمىد يار.
توسىيالماس قېتىپ كەتكەن مۇز،
شىر _ شىر ئېقىپ تۇرغان بۇلاقنى.
بەخش ئەتسەك ئىسسىق قۇچاقنى…
مەھەلىدىكى ئۆستەڭ،
بولسىمۇ گەر ئۆزى بەك كىچىك،
سۈيى بەزەن بولسىمۇ كېسىك.
دېڭىز تۇيغۇسىنى بېرەر،
بېلىق ئىزلەپ يۈرگەن بالىغا…
توختام سۇغا ئۆزىنى تاشلار…
ئويناپ يۈرگەن كىچىك ئاداشلار..
لەيلىگەندەك ئۇپۇق ، ئاسمانغا…..
مەھەلىنىڭ ھاياتلىق تېمى،
خۇش مەنالار كۈلكىلەر كېنى…
پەرۋا قىلماس تۈگىسە نېنى..
مۇڭدىشىۋېلىش كۆڭۈلنىڭ جېنى.
بەك قىممەتلىك كىچىك ئۆستىڭى.

جاۋاب يېزىش