خوشنىلار

زۇلفىيە مۇھەممەد

خەيرلىك سەھەر،
تىنىچ _ئامان ئويغاندىڭلارمۇ؟
تاڭ سەھەردە ناشتا قىلماستىن،
ئەھۋاللىشار يېقىن خوشنىلار…
بايان قىلىشار  كۆرگەن چۈشىنى،
تەبىر بېرىشەر،
ياخشىغا ئۆرەر…
تۆكۈۋاتقاچ مەشنىڭ كۈلىنى…
كۆرۈشكەنتى تېخى ئاخشاملا،
قېنىشمايتى يېقىن خوشنىلار…
دوستى ھەتتا تۇققىنى كۆرۈپ،
ئېيتىشاتتى ئىچىكي دەردىنى..
ئىشىنەتتى يېقىن خوشنىسى،
بولالايتى كۆڭۈل دەرمىنى

چاقىراتتى ھۆرمەتلەر بىلەن،
تويغا قوپتۇق جېنىم خوشنىلار،
خاتىرجەم بول، تەييار بىز شۇئان
يوتقان _ كۆرپە، چىنە _قاچىلار،
مەن ئەكىرەي ئاپتۇر _ چىلاپچا.
قولغا سۇنى مەن  ېرەي مانا…
ھەركەتلىنىپ خۇلۇم _ خوشنىلار
ئىھتىياجنى كەلتۈرۈپ بەجا،
ئۇزىتاتتى ساھىبخان بولۇپ،
توي _ تۆكۈن. ھەم نەزىر چىراقلار ..
جان _ دىل بىلەن قىلىشىپ خىزمەت،
مەۋجۈت ئەمەس كۆڭۈلسىز مىننەت.
خۇشال بولار…
كۆڭلى ئەمىن تاپار..
يەڭگىللەتسە خوشنا يۈكىنى..
بەھىرلەنسە  بار بىلەن  يوقنى.

تاماق پىشتى چاقىر خوشنىنى،
.ئۆيدىن بۈگۈن تۈتۈن چىقمىدى.
كىرەلمىسە تاماقنى كۆتۈر،
ئەھۋال سوراپ يىگۈچە ئولتۇر.
ئۆپكە دىگەن كۈندە قۇيۇلماس،
خوشنا كۆردى بەرمىسەك بولماس.
دەسلەپ تولدۇر خوشنا قاچىسى،
ئاندىن بىزگە، بۇ ئەڭ توغرىسى..
ئىسىل تاماق سۇنۇلار شۇنداق،
تەنگە سىڭەر تەڭ يىسەك ئورتاق.
باغ چىتىدىن مىۋە سۇنۇشار،
تام ئۇستىدىن تاشلار ئىسسىق نان…
كۈن چۈشكەندە بىرى بېشىغا،
پەيدا بولار ھەممىسى شۇئان…
كۆڭۈل ئاچار «چىمبۇلاق «بىلەن،
ھەسرەتلەرگە سەبىر بەك بەلەن…
بىللە كۈلۈشۈپ، بىرلىكتە يىغلار،
بىر چوڭ ئائىلە يېقىن خوشنىلار.

ھازىرلىشار ھەممە بىرلىكتە،
نەۋرە ئۈچۈن يۆگەك _ زاكىلار .
قىزى ئۈچۈن يوتقان _كۆرپىلەر،
پەردە، گىلەم، بىر جۈپ يىكەنداز
گۈزەل نەقىشلىك ئىسىل ياستۇقلار.
مۇڭدىشاتتى يوتقان سىيرىشىپ،
كۆڭۈل تېگىدىن تىلەك تىلىشىپ.
مىھرى سىڭگەن ھەربىر تىكىشكە،
كۆيۈنەتتى يېقىن خوشنىلار.

چاقىراتتى ئاددىي كۆلبىگە،
مۇبارەكلەپ ئالىي ئۇقۇشنى،
سىلەر بىزنىڭ پەخرىمىز دەيتى
كەلگۈسىدىن ئۈمىد بېرەتتى…
بىر ۋاخ تاماق ئەمەس بەرگىنى،
كۆڭۈل قېتىدىن ئورۇن بېرەتتى.
تاڭ سەھەردە دۇئالار بىلەن،
مەھەلىدە يولغا سالاتتى….
ئىھ خوشنىلار، ئەسلىمەم گۈزەل،
سىلەر بەرگەن مۇھەببەت بىلەن.
تىلىگىم شۇ مىھىر بېغىڭلار،
بوستان بولغاي، تېخىمۇ لىۋەن….

جاۋاب يېزىش